سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > بېلىۋىلىڭ >

ئۇيغۇر تائاملىرى تۈرلىرى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-17 21:56مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

بىز ھازىر ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۇرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىقى ، ئېتىلىش ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ئىنچىكلىگى ، سۈپىتى ۋە قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز . بىزلا ئەمەس ئۇيغۇر تائاملىرى تېتىپ كۆرگەن ھەر قانداق ساياھەتچى ۋە مىللەت بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالايدۇ .بۇنداق مول تۇرى كۆپ تائام مەدەنىيىتى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردە ئاز كۆرۈنىدۇ .
ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ياشاش ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتىپ ، ھەر قايسى تارىخ ۋە ئېكولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگە ماشلىشىش يۈزىسىدىن خىلمۇ خىل ئېتىلىپ ، پەسىل ئۆزگىرىش ، كۈندىلىك ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى ۋە مىجەزنى تەڭشەشكە ئۇيغۇنلاشتۇرغان .
ئۇيغۇر تېبابىتى ھۆكۈمالىرىنىڭ قارىشىچە ، ئىنسانلار مەدەنىيەت دەۋرىگە كېرىشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە ، كۈندىلىك تائام ھەم ئوزۇقلۇق ھەم دورىلىق رولىنى ئوينىغان .شۇڭا بەدەندە ھەر قانداق ساقسىزلىق كۆرۈنگەندە ، ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . ئەجدادلىرىمىز تائاملارنى خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ، غىزايى مۇتلەق(ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىك ) ، غىزايى داۋا(ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈنۈمى دورىلىق رولىنى ئوينايدۇ) ، داۋايى غىزا( كېسەل داۋاش مەقسىتىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان ، كېيىن ئۈنۈمى قوشۇمچە ئوزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىك) دەپ ئاتىغان .
غىزايى مۇتلەق : ئاساسەن ئاشلىق زىرائەتلەردىن تەييارلانغان تائاملار بولۇپ ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا بەدەننى تۇتۇپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .
غىزايى داۋ ئا: ئاساسەن گۆش تۇرىدىكى ھايۋانىي يېمەكلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن (سۈت ، تۇخۇم) تەييارلانغان يېمەكلىكلەر بولۇپ ، بۇلار ئالدى بىلەن ئوزۇق بولۇشنى مەقسەت قىلىمىز ، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى بەدەننى چىڭ تۇتۇپلا قالماي بەزى ئۇششاق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
داۋايى غىزا دېگىنىمىز : ئاشلىق گۆش ۋە كۆكتاتلارغا ھەرخىل دورا خۇرۇچلارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ،تەييارلىنىدىغان تائاملار بولۇپ بۇنداق يېمەكلىكلەرنى بىز ساقسىزلارغا بېرىمىز داۋالاش مەقسىتىدە بولىدۇ .
ئەجدادلىرىمىز ئادەم مىزاجىنىڭ ھۆل ، سوغۇق ، قۇرۇق ، ئىسسىق ، بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن تائاملارنى قويۇق ، سۇيۇق ، گۆشلۈك ، گۆشسىز، گاھىدا ئۇنلارنى ئاساس قىلىپ ، گاھىدا ئۇن بىلەن مېۋىلەرنى بىرلەشتۈرۈلۈپ ، گاھىدا ئۇن ، مېۋە ، گۆش ، كۆكتاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ تائام تەييارلىغان . ھازىر بىز ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان 1000 خىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تائاملىرى مانا مۇشۇ مىزاج تەڭشەش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ، خىلمۇخىللاشقان ۋە تۈرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بارغان .
ئومۇمەن ، ئۇيغۇر تائاملىرى كۆرۈنۈشىگە قاراپ سوغۇق يېمەكلىك (ئىشتىھانى ئېچىش ۋە تاماق سىڭدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ھەر خىل كۆك بېزەكلەر ، سوغۇق سەيلەر ، پىشۇرۇلغان سوغۇق يېمەكلىكلەر ) ، سۇيۇق تائاملار (سۇيۇقئاش ، چۆچۈرە ، شويلا) ، قويۇق تائاملار(لەڭمەن ، پولۇ ، مانتا، سامسا ) ، نانلار ، كاۋاپلار ، تاتلىق - تۇرۇملار ، ئۇسسۇزلۇقلار (چايلار ، ھۈممەللەر ، شەربەتلەر)، مۇراببا قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ .
ئېتىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئاساسلىق تائاملار مۇنداق بولىنىدۇ ، پولۇلار قاسقان تائاملىرى(مانتا باشقا ھوردا پىشۇرۇلىدىغان تائاملار) ، تونۇر تائاملىرى(نان ، گۆش نان ، سامسا) ، مايدا پىشۇرۇلغان تائاملار (ساڭزا ، پوشكال ، قۇيماق ، سامبۇسا) ، سۇيۇقئاشلار ، چۆچۈرىلەر ، لەڭمەنلەر ، ھورنانلار ، دۈملىمىلەر ، ئۆپكە-ھېسىپلار ، شورپىلار ، كاۋاپلار ، ھالۋىلار ، قورمىلار ، سوغۇق يېمەكلىكلەر ، تاتلىق-تۈرۈملەر ، ئۇسسۇزلۇقلار قاتارلىق تۈرلەرگە بولىنىدۇ .(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(2)
66.7%
دەسسەش
(1)
33.3%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !