سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > بېلىۋىلىڭ >

پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-17 21:50مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى رايۇنلاردا تەخمىنەن800دەك ئۇيغۇر ياشايدۇ،ئەمما پاكىستاننىڭ بىر يەرلىك سىياسىيونى ئېيتقان ئەھۋالغا قارىغاندا،شىمالدىكى2مىليون نوپوسنىڭ%26ى شىنجاڭلىقلار قان سېستمىسىغا ئىگە ياكى شىنجاڭدا تۇغقانلىرى بار كىشىلەر ئىكەن،شۇڭا مەيلى جۇغراپىيىلىك جەھەتتە بولسۇن،بۇ جاي پاكىستاندىكى شىنجاڭغا ئەڭ يېقىن رايۇن.

<يەرشارى ۋاقىت گېزىتى>نىڭ مۇخبىرى بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا،پاكىستاننىڭ شىمالىدا20نەچچە ئاھالىنى زىيارەت قىلدى،بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھېس قىلدى.ئۇلار ھەرقاچان ۋەتەنگە تەلپۈنىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىللە،پاكىستان جەمئىيىتىگە چوڭقۇر ئارىلاشقان.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى چەتئەلدىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئارىسىدا باياشات دېگىلى بولمىسىمۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە تەۋەلىك ئىدىيىسى شۇنچىلىك مۇستەھكەم.ئۇلار ئاددىي-ساددا ۋە ئاق كۆڭۈل،شۇنداقلاسودىدا ئىشەنچىلىك ۋە ماھىر بولغاچقا،پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى ھاسىل قىلغان.
شىمالغا جايلاشقان جېرجىت پاكىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشىمايدۇ،بۇ يەردىكى ئاھالىلەردە پاكىستاندىكى ئاساسلىق خەلقنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسەن يوق،بەلكى مىللىي خاسلىقىدىكى چىقىشقاقلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك،بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن كەمسىتىلگەندەك تۇيغۇدا بولۇپ باقمىغان،ئەكسىچە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ۋە تاجىك كىشىلىرىنىڭ بېشىدا شىنجاڭلىق دېگەن تاجى بار.
    77ياشلىق ئەكبەرخان مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يېشى ئەڭ چوڭ شىنجاڭلىق،ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى؛بۇ يەردە ياشاۋاتقان كۆچمەنلەر ئاساسەن ئىككى خىل؛1- خىلى،يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن،شىنجاڭدىن ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ جېرجېت رايۇنىغا كەلگەن،ئۇلار ھازىرمۇ ھىندىستانغا بىمالال كىرىپ سودا قىلالايدۇ،ئاساسەن ئاۋات جايلاردا ياشايدۇ؛2- خىلىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىگە ھەج قىلىش ئامىلى سەۋەب بولغان.قاتناش بىئەپ بولغاچقا،شۇ چاغلاردا ھەجگە بېرىش ئۈچۈن بىر يىل كېتەتتى،شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەرگە بۇ يەر ئوتتۇرا بېكەت بولغان.ھاۋارايى ئامىلى ۋە جۇغراپىيىلىك توسۇق سەۋەبىدىن،ھەجگە بارغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
   گەرچە پاكىستاننىڭ شىمالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ،ئەمما كۈنى ئالاھىدە ياخشى،كۆپىنچىسى شۇ يەردىكى داڭدار سودىگەرلەردىن.جېرجېت شەھىرىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرى بار،بەزىلىرى جۇڭگونىڭ ئېسىل يېپەك ماللىرىنى ساتسا،بەزىلىرى جۇڭگودا ئىشلەنگەن باشقا ھەرخىل تاۋارلارنى ساتىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىنجاڭدىن مال كىرگۈزىدۇ ياكى جۇڭگونىڭ تېخنىكىسى بىلەن قول ھۈنەر-سەنئىتىنى جېرجېتقا ئېلىپ بارىدۇ.
    مۇخبىر ئۇيغۇر چىش دوختۇرى مۇھەممەت ئەلىنىڭ شىپاخانىسىغا كىرگەندە،ئۇ كۈيئوغلى ئەنۋەر بىلەن كېسەك كۆرۈۋاتاتتى.ئۇلار ھەركۈنى10دىن 15كىچە كېسەل كۈتۈۋالىدىكەن،ھۈنەرنى شىنجاڭدا ئۆگەنگەنىكەن،ھەتتا چىش دوختۇرخانىلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۈرۈمچىدىن كىرگۈزگەنىكەن،شۇڭا كىشىلەر ئۇنى شىنجاڭلىق چىش دوختۇرى دېيىشىدىكەن.بۇ يەردىكى پاكىستانلىقلار شىنجاڭلىق چىش دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈشكە ئامراق بولغاچقا،ئۇنىڭ تىجارىتى ئوبدان ئىكەن،ئۇ مۇخبىرغا؛<دائىم شىنجاڭغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ تۇرىمەن>دېدى.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(22)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !