سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > بېلىۋىلىڭ >

«ئانىلار بايرىمى»نىڭ كېلىش تارىخى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-26 10:41مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئاتامان زىيارەت سانى: قېتىم

«ئانىلار بايرىمى»نىڭ كېلىش تارىخى
ئانىلارنى ئىززەتلەش، ئانا مىھرىنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان «ئانىلار بايرىمى »نى ،نۈۋەتتە نۇرغۇن دۈلەتلەر ئۆز دۈلەتلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم بايرىمى قاتارىدا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ .
ئانىلار بايرىمىنىڭ كېلىش تارىخىنى بەلكىم كۆپلىگەن كېشىلەر بىلىپ كەتمەسلىكى مۈمكىن، تۈۋەندە مەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
«ئانىلار بايرىمى»نى ئۆتكۈزۈش ، ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكىدا پەيدا بولغان. 1906 – يىلى 5 –ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكىنىڭ فىلادىلفىيە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلوق ئاننا جاۋىسنىڭ ئانىسى بەخىتكە قارشى ۋاپات بولىدۇ، ئۇ بۇ ئىشتىن قاتتىق ئازاپلىنىدۇ. ئىككىنجى يىلى ئانىسىنىڭ ۋافاتىنىڭ 1 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، ئاننا جاۋىس ئانىلارنى ياد ئىتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ،باشقىلارنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق،كۆيۈمجان ئانىلىرىغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەممە جايدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە جەمىئيەتتىكى ھەر ساھەگە مۇراجىئەت قىلىپ ، «ئانىلار بايرىمى» تەسىس قىلىشنى چاقىرىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ مۇراجىئەتى قىزغىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ. 1913 – يىلى 5 –ئاينىڭ 10 – كۈنى ، ئامېرىكا كېڭەشپالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى قارار ماقۇللاپ، ئەل باشى ۋېلسۇننىڭ ئىمزا قويىشى بىلەن، ھەر يىلى 5 – ئاينىڭ ئىككىنجى يەكشەنبە كۈنىنى ئانىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىدۇ. كېيىنچە بۇ ھەرىكەت باشقا دۈلەتلەرنىڭ كەينى كەينىدىن دورىشى نەتىجىسىدە، 1948 – يىلى ئاننا ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر 43 دۈلەت ئانىلار بايرىمى تەسىس قىلىپ بولىدۇ.
ھەر قايسى دۈلەتلەرنىڭ ئانىلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ ، ياپۇنىيەنىڭ ئانىلار بايرىمىمۇ 5 – ئاينىڭ ئىككىنجى يەكشەنبە كۈنى بولۇپ ، بايرامدا كىشىلەر ئانىلىرىغا گۈل (红石柱) سوۋغا قىلىپ بايرىمىنى قۇتلۇقلايدۇ .
فرانسىيە ئەڭ دەسلەپ 1928 –يىلى ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلىگەن بولۇپ،بۇ بايرامنى 5 – ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكشەنبە كۈنىگە بىكىتكەن. بۇ كۈندە تۈمەنلىگەن ئانىلار خۇشال كەيفىياتلار بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ گۈزەل ئارزۇ – تىلەكلىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ.
تايلاند 1976 – يىلى ھەر يىلى 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنىنى ئانىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ ، بۇ كۈن، تايلاند خانىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بايرامدا ،پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە «مۇنەۋۋەر ئانا» لارنى باھالاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدۇ.
ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپلىگەن ئەرەپ ئەللىرىنىڭ ئانىلار بايرىمى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى «نەۋرۇز»دە بولۇپ،ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ باھار مەزگىلى ، شۇنداقلا يىلنىڭ باشى، بۇ ئارقىلىق ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلىقى سىمۇۋۇل قىلىنغان.
پورتوگالىيەنىڭ ئانىلار بايرىمى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى بولسا ، ھىندۇنىزىيەنىڭ 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئىكەن .
دۈلىتىمىزدە ئانىلار بايرىمى تېخى بايرام قىلىپ تەسىس قىلىنمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئېشىك ئىچىۋىتىلگەندىن بۇيان، بۇ بايرامنى تەبرىكلەش خىلىلا ئومۇملىشىپ قالدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولۇپمۇ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئارىسىدا بۇ بايرامنى تەبرىكلەپ، ئانىلىرىغا گۈل ۋە ماددىي بويۇم سوۋغا قىلىش ئەھۋاللىرى يىقىنقى يىللاردىن بېرى خېلىلا ئومۇملىشىپ قالدى . 5 – ئاينىڭ ئىككىنجى يەكشەنبە كۈنى قاندۇقتۇر بىر يامان كۈنمۇ ئەمەس ، ئانىلار بايرىمى ھەرگىزمۇ بەزىلەر دەپ ئۆتكىنىدەك خىرىستىيانلارنىڭ دىنىي بايرىمىمۇ ئەمەس . دۈلىتىمىز ئانىلار بايرىمى ئۈچۈن تېخى مۇقىم بىر كۈننى بېكىتمىگەن شارائىتتا، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان كۈنىمىز بولمىغان شارائىتتا ، مىنىڭچە خەلقئارا ئانىلار بايرىمى كۈنى بولغان ماينىڭ ئىككىنجى يەكشەنبە كۈنىنى بىزمۇ ئانىلار بايرىمى قاتارىدا تەبرىكلەپ ، بىزنى بىقىپ چوڭ قىلغان سۈيۈملۈك ئانىلىرىمىزغا ئۆز ۋافادارلىقىمىزنى بىلدۈرسەك تامامەن بولىدۇ(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(21)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !