سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > بېلىۋىلىڭ >

سىز ئوچۇق يورۇقمۇ ياكى جىمغۇرمۇ ؟

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-21 15:29مەنبە: يازغۇچى:almizar زىيارەت سانى: قېتىم

 

1. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر ھەدىسىلا خىجىل بولۇپ، يۈزى قىزىرىپلا يۈرىدۇ؛ ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر جىمغور مىجەزلىك كىشىلەرگە قارىغاندا، كۈلگۈنچەكرەك كىلىدۇ.

2. جىمغور مىجەزلىكلەر كەم سۆز كىلىدۇ؛ ئوچۇق مىجەزلىكلەر ناھايىتى سۆزمەن كىلىدۇ.

3. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئوي ــ پىكرى ۋە ھېسسىياتلىرىنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ماھىر كىلىدۇ؛ ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر نەرسە ــ كېرەكلىرىنى ئارىيەت بىرىپ تۇرۇشقا ئامراق كىلىدۇ.

4. ئوچوق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ پائالىيەت رىتىمى جىمغور مىجەزلىك كىشىلەرگە قارىغاندا تېزرەك بولىدۇ. ئالايلى، مېڭىش ــ تۇرۇش، كيىنىش، سۆزلەش قاتارلىقلار.

5. ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر شەخسى نەرسىلىرىنى ساقلاشقا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ؛ جىمغور مىجەزلىكلەر بۇ جەھەتكە بەكرەك ئېتىبار بىرىدۇ.

6. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر يات جىنىسلىقلار بىلەن دوست بولۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ؛ ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر يات جىنىسلىقلار بىلەن دوست بولۇشقا، باردى ــ كەلدى قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ.

7. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر چوڭ سورۇنلاردا ئاسانلا ئوڭايسىزلىنىش ھېس قىلىدۇ؛ ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر تۇغما سۆزمەن كىلىدۇ.

8. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر بەس ــ مۇنازىرە قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. دوست تۇتۇشقا ئانچە ماھىر ئەمەس.

9. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر سالام خەت يازغاندا قايتا ــ قايتا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە، سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ۋە ئۇنىڭغا يەنە قوشۇمچە چۈشەندۈرۈشلەرنى قوشۇپ يېزىشقا ماھىر كىلىدۇ ھەمدە خەت يېزىش جەريانىدا كىچىككىنە ئىملا خاتالىقلىرىنىمۇ بولدى قىلىۋەتمەيدۇ.

10. جىمغور كىشىلەر ھەمىشە ئۇنىڭدىن ــ بۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدۇ؛ ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر بىغەمرەك كىلىدۇ.

11. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ؛ ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر باشقىلارنىڭ تاغدىن ــ باغدىن سۆزلەشلىرىگە ئانچە ئېتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ.

12. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر ھەر قانداق ئىشنى ئەتراپلىق ئويلايدۇ ھەمدە باشقىلارغا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتىدۇ.

13. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر باشقىلارنىڭ بۇيرۇقىنى قوبۇل قىلىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ؛ ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەربولسا، بۇيرۇق قوبۇل قىلىشنى ھەقلىق ئىش دەپ قارايدۇ.

14. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر باشقىلارنىڭ ماختىشىنى ئاڭلاشقا ئامراق. تەقدىرلىنىشكە ئېرىشىش ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بىرىدۇ؛ تەقدىرلەشنىڭ ئوچۇق مىجەزلىك كشىلەرگە بولغان رولى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.

15. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ نىيىتىگە گۇمانىي پوزىتسىيىدە قارايدۇ .

16. ئوچوق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي قارشى بىر قەدەر كەسكىن؛ جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر بىر قەدەر مۇتەئەسسىپ كىلىدۇ.

17. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر مەسىلىلەرنى ئۆز ھەل قىلىشنى خالايدۇ. باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشنى خالىمايدۇ. مۇستەقىل خىزمەت قىلىشقا ئامراق.

18. ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قىزىقىدۇ؛ جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر يالغۇز كىتاب ئوقۇشقا ئامراق.

19. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر يالغۇز ئولتۇرۇپ قالايمىقان خىيال سۈرۈشكە، ئىنچىكە ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق؛ ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر يىرىك ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق.

20. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەر بەزى ۋاقىتلاردا غەمكىن، بۇرۇقتۇرما يۈرىدۇ. ئىشلارنى ئىنتايىن ئەستايىدىل قىلىدۇ.


 

 

مىجەز ــ خاراكتىرنىڭ ئوچۇق ياكى جىمغور بولۇشى مۇتلەق ياخشى ياكى يامان دەپ ئايرىلمايدۇ. ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا ئاكتىپ تەرىپى پاسسىپ تەرىپى بولۇشى مۇمكىن. ئالايلى: ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر ھېسسىياتقا باي، خىزمەت قابىلىيىتى بىر قەدەر كۈچلۈك، يېڭى مۇھىتقا ئاسانلا ماسلىشالايدىغان كىلىدۇ. لېكىن، دىققەت مەركىزى تۇراقلىق بولمىغاچقا، قىزىقىشى ئاسانلا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. جىمغور مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ خىزمەتتىكى چىدامچانلىقى سەل ئاجىزراق، ئۇچرىشىش دائىرىسى تارراق كىلىدۇ. لېكىن، ھېسسىياتى ئىنتايىن نازۇك، ئېھتىياتچان، كۆزىتىش ئىقتىدارى ئۆتكۈر بولۇپ، باشقىلار ئاسانلا سېزەلمەيدىغان كىچىك ئىشلارنىمۇ سېزىۋالالايدۇ .

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(8)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !