سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > بېلىۋىلىڭ >

پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار(2)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-17 21:50مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم


    نۇرمۇھەممەتجان پېنسىيىگە چىققان يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى،1952-يىلى قارلىق چوققىلاردىن ئاتلىق ھالقىپ جېرجېتقا كەلگەن.ئۇنىڭ بۇ شەھەردىكى ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقىرى،شىمالنىڭ قەيەرىگىلا بارسۇن،كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەت قىلىدۇ.قاراقۇرۇم تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن،ئۇ1982-يىلىدىن1986-يىلغىچە يولۇچىلارنى بىۋاستە جۇڭگوغا ئېلىپ بارالايدىغان شوپۇر بولۇپ قالغان.ئۇ ھازىر يىراق مۇساپىلىك يولۇچى توشۇش تىجارىتى قىلىدۇ،ئىلكىدە يەتتە ئارىبۇس بار؛ھەرقاچان تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان كىشىلەرنى كۆرسە،ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچقا،ئىناۋىتى يۇقىرى.
    شىنجاڭلىق ئۇيغۇر،مەشھۇر فوتوگراف كېرىمجان پاكىستان فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،ئىلگىرى سابىق زۇڭتۇڭ مۇشەررەف بىلەن سابىق زۇڭلى بەنەزەر بوتتونىڭ سۈرەتچىسى بولغان.ئىلكىدە بىر فوتو سۈرەتچىلىك بىناسى بار.55ياشلىق سېيىت ئابدۇللا جاففار شىنجاڭنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان،خەنزۇ تىلىغا پۇختا،ئۇ 1967-يىلى ئاتا-ئانىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن بىللە جېرجېتقا كۆچۈپ كەلگەن.دەسلەپتە ئۇ بۇ يەردە كۇلالچىلىق قىلدى،ھازىر تۆت ئوغلىنىڭ ھەممىسى سودىگەر،ئىككى ئوغلى سائەتچىلىك بىلەن مەشغۇل،ئىلكىدە توققۇز دۇكان بار،ئۇلار شۋېتسارىيە سائەتلىرىنىڭ بۇ جايدىكى ۋاكالەتچىسى.
    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلار پاكىستاننىڭ شىمالىدا بەرپا قىلغان سودا ئىشلىرى تورى بۈگۈنكى كۈندە بۇ جاينىڭ سودا ئىشلىرىدىكى يورۇق نۇقتا،ھەتتا ئۇلار سودا ساھەسىنىڭ سەركىسى بولۇپ قالغان.
   بۇ يەردە ياشاۋاتقان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ۋە تاجىك كۆچمەنلەر مىللىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغان،يەنە پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى ئاددىي-ساددا،سەمىمىيلىك ئاساس قىلىنغانتۇرمۇش ئادىتىگە كۆنگەن.ئۇلار پاكىستانغا تەۋە بولسىمۇ،شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تاشلىمىدى،ھەتتا ئۇلارنىڭ مېھمان كۈتۈش ئادەتلىرىمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش.باياملا تىلغا ئېلىنغان سېيىت ئابدۇللا جاففار ھەريىلى شىنجاڭغا ئىككى قېتىم بارىدۇ،قايتىپ بارغاندىن كېيىن،ھەقامسايىلىرىگە شىنجاڭدا بولغان تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ھېكايە قىلىپ بېرىدۇ.ئۇ مۇنداق دېدى؛بۇ يەردىكىلەرنىڭ ۋەتەنگە تەۋەلىك تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك،گەرچە ئۇلارنىڭ شىنجاڭ تەۋەلىكى بولمىسىمۇ،ئەمما ئۆزلىرىنى چەتئەلدىكى شىنجاڭلىقلار دەپ قارايدۇ.مېنىڭ قەشقەردە تۇغقانلىرىم كۆپ،خوتۇنۇمنىڭ يېڭىساردىكى تۇغقانلىرىنى ساناپ بولالمايمەن!
    ئەھەتجان تۆت قېرىنداش بىر قورودا ياشايدۇ،ئۇلارنىڭ11بالىسى بار.ئۇلارنىڭ كىچىكى شۇ يەرلىك خوتۇن ئالغاندىن باشقا،قالغان ئۈچ قېرىنداش شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزلىرىنى ئەمرىگە ئالغان.38ياشلىق تاھىرجان؛‹پەرزەنتلىرىمىز ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئۇنتۇپ قالدى،ھەممىسى مۇشۇ يەرنىڭ تىلىدا سۆزلەيدۇ.ئەمما بىز ئۇلارغا دائىم ئاتا-بوۋىسىنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەن؛ىكىنى ئېيتىپ تۇرىمىز،ئۇلار ھەممىسى يىلتىزىنىڭ شىنجاڭنىڭ خوتەن دىيارىدا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ،ئۆزلىرىنى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەۋلادى دەيدۇ!›دېدى.ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسۇلىغا بولغان مېھرى شۇنچىلىك كۈچلۈك،ئەمما تېخنىكىلىق شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن،ھازىرغىچە شىنجاڭنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈپ باقماپتۇ.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(22)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !