4. گۆش نارىن 5. قوزا گۆشى نارىنى 6. ئات گۆشى نارىنى 7. گۈرۈچ نارىن 8. ساپ گۆش نارىن چۆچۈرە چۆچۈرە - ئۇيغۇر تائاملىرى ئىچىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، قۇۋۋەتلىك تائاملىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . چۆچۈرىگە چىڭ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ . 500 گرام ئۇنغا 300 گرام سۇ ، بىر تۇئىئۇم ، بىر ئاش قوشۇق تۇز سېلىنىدۇ . ئاندىن يۇغۇرۇپ ياخشى چەيلەپ تىندۇرىمىز . خېمىر ئوبدان تىندۇرغاندا پاكىز يول لۆڭگە بىلەن مەخسۇس ئىشلىتىدىغان قەغەزگە يۆگەپ قويسا ياخشى بولىدۇ . ئاندىن ئۇنى زوۋۇلا قىلىپ ، قولىمىزدا ياپلاقلاپ نوغۇش بىلەن يېيىپ ، ئوڭ ۋە تەتۈر دەستە قىلىپ قاتلاپ كېسىپ جىلتە تەييارلايمىز . ھەر بىر جىلتىگە بىر چاي قوشۇقتا قىيما سېلىپ تۇخۇم سېرىقى چوڭلۇقىدا چۆچۈرە تۈگىمىز . سېمىز قوي گۆشىدىن بىر كىلوگرام ئۇششاق توغراپ ، 200 گرام پىيازنى ئاۋۋال ياپىلاقلاپ ، ئاندىن گۆشكە ئارىلاشتۇرۇپ ، ئازراق سۇ چېچىپ دەملەپ تۇرۇپ چاچقۇ بىلەن ئۇششاق چانايمىز . ئاندىن تېتىغۇدەك شاكاراپ ، قارىمۇچ ، كاكاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلاپ ئۇنىڭدىن چۆچۇرە تۈگۈشكە باشلايمىز . چۆچۈرە تۇرلىرى : 1.چۆچۈرە 2.ياۋا زىرە كۆكى چۆچۈرىسى 3.قورىما شورپىلىق چۆچۈرە 4.شورپىلىق چۆچۈرە 5.زوۋۇلا چۆچۈرە 6.ماي چۆچۈرىسى 7.كۆك چۆچۈرىسى 8.پۆرە چۆچۈرىسى 9.سۈزمە چۆچۈرىسى 10.قايماق چۆچۈرە 11.قورۇما چۆچۈرە 12.تۇخۇم چۆچۈرىسى 13.سۇ چۆچۈرىسى 14.ئۆگرا چۆچۈرە 15.مۇندەك(قۇمقازان چۆچۈرىسى) 16.ئەرۋاھ ئېشى (ياد ئېتىش تامىقى) 17.بولدونى(ئۈزۈم چۆچۈرىسى) 18.مېغىز چۆچۈرىسى 19.قىزىلبۇداش چۆچۈرىسى 20.يالپۇز چۆچۈرىسى 21.لويلا چۆچۈرىسى 22.پىننە چۆچۈرىسى 23.قوناق ئۇنى چۆچۈرىسى 24.جىگەر چۆچۈرىسى 25.موندىلەك ئۇماچ ئوماچ-ئاساسەن ئائىلىۋى تاماق تۇرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئاساسەن مىجاز تەڭشەش ئېھتىياقى تۈپەيلىدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .بۈگۈنكى كۈندە ئۇماچ ، كىشىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق يېمەكلىكىگە ئايلانماقتا . بولۇپمۇ يۇقىرى ئىستېماللىق كىشىلەر تۇرمۇش تەرتىپىنى مۇنتىزىنلاشتۇرۇپ ، ئۇماچ ئىچىشنى كۈندىلىك ئىستېمالدىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى قىلماقتا . ئىلگىرى ئۇماچ ئىچېش نامراتلىقنىڭ بەلگىسى بولسا ، ئەمدىلىكتە ئۇ يۇقىرى ئىستىماللىق كىشىلەرنىڭ كۈدىلىك يىمەكلىگى بولۇپ قالدى . ئېتىش ئۇسۇللىرى - ئاساسەن قۇرۇق سۇغا تەييارلىغان خۇرۇچلارنى سېلىپ قاينىتىشتىن ئېبارەت بولۇپ ، سىزنىڭ قايسى خىل ئوماچنى تالىشىڭىزغا باغلىق . ئۇماچ تۇرلىرى : 1.ئىماتا 2.بۇلغاما 3.ئۇن ئۇمىچى 4.شورپا ئۇمىچى 5.تۇرۇپ ئۇمىچى 6.ئەلا سورۇقلۇق تېرىق ئۇمىچى 7.سۆك ئۇمىچى 8.سېمىز ئۇمىچى 9.بۇغداي ئۇمىچى 10.كەندىر ئۇرۇقى ئۇمىچى 11.قوناق ئۇنى ئۇمىچى 12.ئارپا ئۇنى ئۇمىچى 13.گۈرۈچ ئۇنى ئۇمىچى 14.سۇپساق ئۇماچ (گۆشسىز ئۇماچ) 15.تۇخۇم ئۇمىچى 16.غورا ئۇمىچى 17.تۈگۈنەك ئۇمىچى 18.چامغۇر ئۇمىچى 19.سەۋزە ئۇمىچى 20.گۆش ئۇمىچى 21.مېڭە ئۇمىچى 22.تەڭنە ئۇمىچى 23.ئەۋزور 24.سۈت زېڭى 25.قېتىق زېڭى 26.ئالىقات زېڭى 27.شەربەت زېڭى 28.بېدە زېڭى 29.ماي زېڭى 30.كۆكتات زېڭى 31.شوخلا زېڭى 32.قورىما زاڭ(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |