1988.يىلى 11.ئاينىڭ 15.كۈنى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى. بىرىنچى قېتىملىق قۇلتۇق ئۇرۇشىدا ساددام ھۈسەيىننى قوللىدى. 1994.يىلى 7.ئاينىڭ 1.كۈنى 27 يىل ئاياق باسالمىغان ئەزىز ۋەتىنى گاززە گە ئاياق باستى. 1994.يىلى 10.ئاينىڭ.14.كۈنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2004.يىلى 11.ئاينىڭ 11.كۈنى 75 يېشىدا پارىژ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى. بىر “خەلقئارالىق تىرورىست”دۆلەت باشلىقى بولدى،نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ياسەر ئارافات،بۈگۈن ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەرەپ-مۇسۇلمان خەلقلىرى ئۈچۈن پارلاق ۋە قاھرىمان ئولگە سۈپىتىدە ئىلھام ۋە جاسارەت مەنبەسى بولماقتا. 2. نەلسون ماندەلا نەلسون ماندەلا 1918.يىلى تۇغۇلدى. ئۇ،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن فورت ھارە ئونىۋەرسىتي چوللەگە ئوقۇشقا كىردى.بىر قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئۇنىۋەرسىتىتتىن قوغلاندى.ترانسۋائالغا كەلدى ۋە بۇ يەردىكى ئالتۇن كانىدا كان ئىشچىلىرى بىلەن بىللە ئىشلىدى.بۇ جەرياندا يېرىم قالغان ئۇنىۋىرسىتتىنى خەت-مەكتۇپ مۇئارىپى يولى بىلەن ئوقۇدى ۋە دىپلومىنى ئالدى.1952.يىلى ۋىتۋاتەرستراند ئۇنىۋىرسىتىتىڭ قانۇن پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ ئاۋدۇكاتلىق قىلىشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن جەنۇبى ئاپىرىقىنىڭ تۇنجى نېگىر ئاۋدۇكاتى بولۇپ قالدى.ئېرىقى كەمسىتىشكە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاپىرىقا مىللىي قۇرۇلتەيىغا ئەزا بولدى ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ ياشلار ئىتتىپاقى رەئىسى بولدى. 1961.يىلى ئاپىرىقا مىللىي قۇرۇلتەيى قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باشلىقى بولدى 1962.يىلى نەگىرلارىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن قوراللىق كۈرەشكە ياردەم ئىزدەپ چەتئەل ساياھىتىگە چىقتى.ئەنگلىيە ۋە بىر قاتار ئاپىرىقا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلدى.سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىن قىسمەن قورال ياردىمىگە ئىگە بولدى.ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن قولغا ئېلىندى؛دۆلەت چىگرىسىدىن رۇخسەتسىز چىقىش، ھاكىمىيەتكە قوراللىق پاراكەندىچىلىك سېلىش،خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇتۇرتۇش جىنايىتى بىلەن سوتلاندى. نەلسون ماندەلا،خەلقنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقى بولمىغان بىر پارالامىنتى(خەلق قۇرۇلتەيى)چىقارغان قانۇنلارغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى يوقلىغىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىدى ۋە خەلقنى ھۆكۈمەت قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلماسلىققا چاقىردى.ئۇ، ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. نەلسون ماندەلا تۈرمىدىكى يىللىرىدا ئافىرىقىدىكى ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئورتاق سىموۋىلىغا ئايلاندى. نەلسون ماندەلا 1979.يىلى نىھرو مۇكاپاتىغا،1981 يىلى برۇنو كرەئىسكي ئىنسان ھوقۇقى مۇكاپاتىغا،1983.يىلى ئۇنەچو نىڭ سىمون بولىۋار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1992.يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى بولغان ئاتاتۇرك تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئامما،ماندەلا،"مىللىي تەڭسىزلىك داۋام قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بېرىلگەن مۇكاپاتلارنى ئالمايمەن"دەپ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ نىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتىنىى مۇكاپاتنى رەت قىلدى. نەلسون ماندەلا 40 يىل ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق خەلقئارا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |