ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-17

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پاتىخ - [ئىلى دىيارىدا]

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پاتىخ(1)

    -1944 يىل 9 – ئايدىن باشلاپ ئىلىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ھەركىتى ناھايىتى تېزلا ئالتاي ، تارباغاتايلارنى ئازاد قىلدى . ئىلى ، ئالتاي ، تارباغاتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىلىنى مەركەز قىلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇردى . 1944 – يىلدىن 1949 – يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە بەش يىلدا ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىشلىرىدا ، جۈملىدىن مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى .

    ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمۈتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، يەنى 1945 – يىل 10ئاينىڭ 15 – كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ 108 – سانلىق ھەيئەتلەر يىغىنىدا « شەھەر ، ناھىيە مەركەزلىرىدە تولۇقسىز مەكتەپ ، يېزا – قىشلاقلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ مەجبۇرىي مائارىپىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار » ماقۇللاندى ۋە ئارقىدىنلا ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش بەدىلى ئالماسلىق ، يىتىم – يىسېرلار مەكتەپلىرىنى ( دارىلئېتاملارنى ) ياخشى يولغا قويۇش ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش ، تولۇقلاش ۋە ئوقۇتۇش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر مۇنچە مەسىلىلەردە تەدبىرلەر تۈزۈلۈپ ، بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى . بۇ ئارقىلىق پۈتۈن جەمىيەتتە مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ، ئىلىم – پەنگە يۈرۈش قىلىشتەك يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى . ئۈچ ۋىلايەت ئومۇمەن ئۇرۇش ۋە ھەربىي ھالەت ئەھۋالىدا بولسىمۇ ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە ناھىيەلەرگە مائارىپ ئىشلىرىغا ئەستايىدىل قاراش ۋە ئۇنى مۇھىم ئىشلار قاتارىدا تۇتۇش مەسئۇلىيىتى يۈكلەندى . ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقى ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدى . ئۇلار مەيلى خىزمەت تەكشۈرۈپ شەھەر ، يېزا – قىشلاقلارغا بارسۇن ياكى يول ئۈستىدە بولسۇن ، مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى بىۋاستە ئىگىلەپ تۇراتتى ۋە بۇ جەرياندا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ تۇراتتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن ، ناھايىتى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ( زىيالىلار ) ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىگە قوشۇلۇپ ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى . مانا شۇ چاغدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ، ئارمىيە سېپىگە قاتناشقان ( بۇ چاغدا ئارمىيە سېپىدىمۇ مۇشۇنداق زىيالىلارنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىدى . كېيىنكى قوماندان ۋە سىياسىي رەھبەرلەردىن مەرغۇپ ئىسھاقۇۋ ، ئامانتۇر بايزاقوۋ ، ھەمدۇللا قۇربان ، باۋۇدۇن نۇرىيوۋ قاتارلىقلار شۇ چاغدا ئارمىيە سېپىدە قالغانلار ئىدى ) زور بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ سېپىگە قايتۇرۇپ كەلدى ،

    ئۇرۇش ھالىتى تۇپەيلىدىن 1944 – يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1945 – يىلنىڭ بېشىغىچە بىر مەزگىل مەكتەپلەردە ئوقۇش توختاپ قالدى . بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، جايلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كۇرسلىرى ئېچىلدى . 1945 – يىل 9 – ئايدىن باشلاپ مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاندى . مۇشۇ چاغدا ئىلىدىكى يۇقۇرى ئوقۇش ئورنى بولغان ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيىسىدىمۇ ئوقۇش توختىغاندى . چۈنكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ھەممە نەرسە ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن قارىتىلغانلىقتىن ، ئىلى گىمنازىيىسىنىڭ ئورنى ئۈچ ۋىلايەت پارتىزانلىرىنىڭ ، كېيىنچە ھەربىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات بازىسى بولۇپ تۇردى . لېكىن 1946 – يىلدىن باشلاپ ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيىسى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ يەنە ئوقۇش باشلىدى . ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيىسىنىڭ ھەربىي سەپكە قاتناشقان ئامانتۇر بايزاقوۋ ، ھەمدۇللا قۇربانوۋ قاتارلىق ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشقىلىرى قايتۇرۇپ كېلىندى ۋە يېڭىدىن خەمىت ۋەكىلى قاتارلىق بىر تۈركۈم بىلىملىك ، قابىل كىشىلەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا قوشۇلدى .

    ئۈچ ۋىلايەتتىكى مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك تۆت يىللىق ، يەتتە يىللىق ، ئون يىللىق تۈزۈم يولغا قويۇلغاندى . شەھەرلەردە ئون يىللىق ، شەرت – شارائىتى ياخشىراق رايونلاردا يەتتە يىللىق ، كەنت قىشلاقلاردا تۆت يىللىق تۈزۈم يولغا قويۇلدى . شۇ چاغدا باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن ،چوڭراق يېزىلاردا مەركەزلەشكەن مەكتەپ ، ئەتراپتىكى كەنت – قىشلاقلاردا شۆبە مەكتەپلىرى تەسىس قىلىنغاندى . قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەھەرلەردە تولۇقسىز مەكتەپ ، يېزىلاردە ( چەت – يىراق جايلار بۇنىڭ سىرتىدا ) تۆت يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئاساسەن ئومۇملاشقاندى . ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ ، بولۇپمۇ يېزا – قىشلاقلاردىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ يۇقۇرىراق مەكتەپ ، سىنىپلاردا ئوقۇپ بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش مەقسىدىدە ھەر بىر ناھىيەنىڭ مەركىزىدە بىردىن ياتاقلىق ، مەركەزلەشكەن ئوتتۇرا مەكتەپلەر تەشكىل قىلىنغاندى . بۇ مەكتەپلەردە تولۇقسىز سىنىپتىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا سىنپلارغىچە دەرس ئۆتۈلەتتى . بۇ مەكتەپلەرگە شۇ ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن تاللاپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تولۇقلىناتتى ، ئىلى گىمنازىيە ( بىلىم يۇرتى ) نى پۈتتۈرگەن بىر قىسىم ياخشى ئوقۇغۇچىلار تەقسىم قىلىنىپ سەپلىنەتتى . مەن 1948 – يىلى سۈيدۈڭ ( ھازىرقى قورغاس ) ۋە قورغاس ( چىلپەڭزە ) ناھىيىلىرىكى مەركەزلەشكەن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمدە ، ئۇلاردىكى ئوقۇتۇش ساپاسى ھەقىقەتەنمۇ غۇلجا شەھىرىدىكى مەكتەپلەردىن قېلىشمايدىكەن . ئوقۇتقۇچىلار ئۆز خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆيۈنۈپ جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئىشلەيدىكەن ، شۇ چاغدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا ئالىي مەكتەپ ياكى ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار يوق دىيەرلىك بولۇپ ، ئاساسەن ئوتتۇرا شىفەن ، تولۇق ئوتتۇرا ، بەزىلىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار ئىنتايىن تىرىشچان ئىدى ، ئۆز خىزمىتىگە قارىتا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغاچقا ، جان – دىل بىلەن تىرىشىپ ئىشلەيتتى ، قېتىرقىنىپ ئۈگىنەتتى ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە جايلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسلىرى ، باشقا ۋاقىتلاردا بىلىم ئاشۇرۇش كەچكۇرسلىرى ئېچىلاتتى ، كۈرسلاردا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇراتتى . 1947 – يىلدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدە كەچكى چوڭلار مەكتىپى قۇرۇلدى ، بۇ مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ، بەزىلىرىدە ئالىي مەكتەپنىڭ 1 - ، 2 – يىللىقلىرىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر تاللاپ ئۈگىنىلەتتى ، دەرسنى بىلىم يۇرتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆتەتتى ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ بىلىم ئاشۇراتتى .

    ئۈچ ۋىلايەت مەكتەپلىرىدىكى دەرسلىكلەر ، ئاساسەن ، تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرى ۋە تۈرلۈك كۆرسەتمىلىك قورال ، خەرىتىلەر ئىدى . بۇ خىل دەرسلىكلەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالمۇتا ، تاشكەنتتىكى نەشرىياتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ، قازاق تىللىرىدا ( ئەرەب يېزىقىدا ) مەخسۇس نەشر قىلىنغاندىن باشقا ، بەزى ئىجتىمائىي پەن دەرسلىكلىرىنى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى تۈزەتتى ۋە ئۇنى شافىگىرافتا بېسىپ تارقىتىپ پايدىلىناتتى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىدارە كادىرلىرىغا ئوخشاش بەزى ئايلاردا ئىش ھەققى ئالماي ، ئايلىق ئىش ھەققىنى ئالدىنقى سەپكە ياردەم قىلىپ ، پىداكىرانە روھتا خالىسانە ئىشلەپ كەتكەن چاغلىرى بولغاندى .

    مۇنداق بىر مەسىلەن مېنىڭ ئېسىمدىن زادى چىقمايدۇ : 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۈچ ۋىلايەتكە بېسىم ئىشلىتىپ ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىستى ۋە قامال قىلدى ، شۇ مەزگىلدە ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قانچە ئاي ئىش ھەققى تارقىتىلمىغاندى ، مۇشۇ چاغدا غۇلجا شەھىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى توپلىنىپ ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەكىل بولۇپ ، ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە ھال ئېيتىپ كەلگەندى . مۇشۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىدىغان پۇل يوق ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ئىككى خو ( بىر خو تۆت پۇت ، بىر پۇت 40 قاداق ھىساپلىناتتى ) دىن بۇغداي بېرىلگەندە ، شۇنىڭغىمۇ رازى بولۇپ ، ئۆز خىزمىتىنى قىلىشقاندى ، جاپالىق خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن بىر مۇنچە ئوقۇتقۇچىلار ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندى ، بۇلاردىن بەزىلىرى شۇ كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ئېسىمدە . شۇڭا ئەخمەتجان قاسىمى1948يىلى غۇلجا شەھىرىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قىلغان مۇھىم تارىخىي نۇتقىدا « .... ئوقۇتقۇچى مېھنىتىنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن . كىشىلىك جەمىيىتىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ مېھنىتىدىن پەخىرلىنەرلىك مېھنەت يوقتۇر . چۈنكى ئالىم ، مۇتەخەسىس ، يازغۇچى ، قوماندان ، جەمئىيەت ئەربابى ۋە باشقىلار ئوقۇتقۇچى مېھنىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر » دەپ ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە يۈكسەك باھا بېرىش بىلەن يەنە « .... مۇشۇ تەربىيەچىلەر بىز ئويلىغان ۋە بىز دىگەن ئورۇننى ئىشغال قىلالمايۋاتىدۇ ، بىز ئۇلارغا ياخشى شەرت – شارائىت يارىتىپ بېرەلمەيۋاتىمىز ، بۇ بولسا بۈگۈنكى شارائىتىمىزنىڭ شۇنداق بولغانلىقىدىندۇر » دەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورۇن ۋە تۇرمۇشىغا كۆيۈنگەندى .

    ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەنە شۇنداق بەزى قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ ، لېكىن ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن قوللاپ ، ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلدى ، ئۈچ ۋىلايەتتىكى مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەكتەپ يېنىدا ئاتا – ئانىلار كومېتىتلىرى قۇرۇلغاندى . بۇ ئاتائانىلار كومېتىتلىرىغا شۇ مەھەللە كەنتلەردىكى تەرەققىپەرۋەر زاتلار ، يۇرت مۆتىۋەرلىرى قاتنىشاتتى . بۇ كومېتىتلار مەكتەپلەرنىڭ چوڭ بىر غەمخورچىسىيۆلەنچۈكى ئىدى . مەكتەپلەرنىڭ بىنا قۇرۇلۇشى ، رېمونت قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ، جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش خىراجىتى قاتارلىق مەسىلىلىرىنى شۇ كومېتىت ئۈستىگە ئېلىپ ھەل قىلاتتى . ئاتائانىلار كومېتىتلىرى قەرەللىك ھالدا مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ دوكلاتنى ئاڭلاپ ، مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى ۋە جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولسا كۆپچىلىككە تايىنىپ ھەل قىلىپ بېرەتتى . مۇشۇنداق ئاتا - ئانىلار كومېتىتىلىرىنىڭ ياردىمى ، مائارىپپەرۋەر زاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن سېلىنغان مەكتەپ بىنالىرى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەممە ناھىيە ، يېزا – قىشلاقلىرىدا تېپىلىدۇ . مەن ئۆزەم بىۋاستە كۆرگەن بىلگەن مەكتەپلەردىن غۇلجا شەھىرىدە « سىتالىن مەكتىپى ( 7ئوتتۇرا ) ، ئايدۆڭ مەكتەپ ، ئۆزبېك مەكتەپ ، قارا دۆڭ مەكتەپ ، « روشەن مەكتىپى » ، « شەرق » مەكتىپى ھەمدە بۇ مەكتەپلەرنىڭ شۆبە مەكتەپلىرىدىن تاتار مەكتىپى قاتارلىق نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ بىنالىرى ئەنە شۇنداق ئاتا – ئانىلار كومېتىتلىرىنىڭ رەھبەرلىكى ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچى بىلەن سېلىنغاندى .

    ئەينى يىللاردا ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە ، بولۇپمۇ غۇلجا ، چۆچەككە ئوخشاش شەرتشارائىتى بار جايلاردا كەچكى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرى ، چوڭلار كەچكى مەكتەپلىرى ، چەت ئەل تىلى ئۈگىنىش كۇرسلىرى بەس – بەستە ئېچىلىشقا باشلىغاندى ، ھەتتا غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئائىلىدىكى خانىم – قىزلار ئۈچۈن كەشتە تىكىش ، كىيىم تىكىش قاتارلىق ھۈنەرلەر ئۈگىتىلىدىغان كەسپىي مەكتەپلەر قۇرۇلغاندى .

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئومۇمىي خەلق ساۋات چىقىرىش خىزمىتىمۇ چىڭ تۇتۇلغاندى . شەھەر ، يېزا – قىشلاقلاردا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۇرسلىرى ئېچىلىپ ، كۆپلىگەن كىشىلەر ساۋات چىقارغاندى ، بۇ كۇرسلارغا شۇ جايدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس بەرگەندىن تاشقىرى ، شۇ جايدىكى ساۋاتلىق ۋە مەلۇم بىلىم سەۋىيەسى بار ياشلار جەلپ قىلىنىپ دەرس ئۆتۈلەتتى . بۇ خىزمەتكە ئومۇميۈزلۈك مەھەللە كومېتىتلىرى مەسئۇل بولغاندى ، 1948 – يىلدىن كېيىن ، شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ جايلاردىكى يەرلىك تەشكىلاتلىرى مەسئۇل بولغاندى .

    شۇنداق ، ئۆتمۈشنى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، شىنجاڭنىڭ ۋىلايەت ، شەھەر ناھىيەلىرىدىن قايسىبىر ئورۇننىڭ تارىخىدا شۇ جايدا تەرەققىپەرۋەر ، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى ، چەت ئەلنىڭ پەنمائارىپ جەھەتتىكى ئىلغارلىقىنى كۆرگەن ياكى چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەر كۆپ بولسا ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان . مەسىلەن : تۇرپاندا مۇھىتىلار باشلىق بىر مۇنچە تەرەققىپەرۋەر زاتلار ، ئاتۇش ، غۇلجىلاردا ھۈسەيىن باي ، باۋۇدۇنباي ــــ ئاكا- ئۇكا مۇسابايوۋلار ، قەشقەردە ئابدۇكېرىم مەخسۇملارنىڭ شۇ جايلاردىكى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى ناھايىتى زور . قەشقەر ، ئاتۇش رايونلىرىدا تۈركىيە ۋە ئەرەب ئەللىرىدە ئوقۇپ كەلگەن ئەھمەد كامال ، ئابدۇقادىر داموللا ، مۇھەممەت ئېلى ( تەۋپىق ) قاتارلىق تەرەققىپەرۋەر ، يېڭىلىق تەرەپدار


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.