-
2010-09-18
شېئىر:كۆزۇمدىن ئاقىدۇتاراملاپ قان ياش!
كۆزۇمدىن ئاقىدۇتاراملاپ قان ياش!
كۆزۇمدىن ئاقىدۇتاراملاپ قان ياش،
ئىنسانمەن كۇلمەمدىم باشقىغا ئوخشاش.
، خورلۇقتىن يۇرۇگۇم گوياكى ئوتقاش،
مىسكىنمەن ئەي دوستۇم بولغىنا سىرداش.
كۆزۇمدىن ئاقىدۇتاراملاپ قان ياش،
كەتتىغۇ تاشلاپ ئۇ- ۋىژدانسىز" مۇڭداش".
تەغدىرىم ئوخشىماس ، ئۆزىمىز قۇرداش،
تويمىدى دۇنياغا نائىنساپ "دىلداش".
كۆزۇمدىن ئاقىدۇتاراملاپ قان ياش ،
كۇلۇشۇڭ ئىكەنغۇ كۆزۇمنى بوياش.
بولغاچقا ئادىتىڭ سۆيگۇنى خارلاش،
كەچۇرمەس يۇلتۇزلار ھەتتاكى قوياش.
كۆزۇمدىن ئاقىدۇتاراملاپ قان ياش،
ماڭىلا مەنسۇپمۇ زارلىنىپ ياشاش.
بولدىلا، ھاجەتمۇ ئۆزەمنى قىيناش،
قەدىرىنى بىلمەسنى قىلمايمەن "ئاداش".
2010-5-13
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.