ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-17

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پاتىخ - [ئىلى دىيارىدا]

     

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پاتىخ(2)

     ئاتاقلىق مائارىپچىلاردىن داموللا رازىيوۋ ، ھاشىم گۆھەر باقى ، ھاشىر رەززاقى ، ھۈسەيىن خەلپەتى ( ھۆسەيىن سامساق ) ، يارمۇھەممەت مەخدۇم قاتارلىق كىشىلەر ئىلى مائارىپى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى . شۇ قاتاردا ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت يەتتە سۇ رايونىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرۇلغان سوپى زارۋاتوۋ ( بۇ كىشى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ قۇربان بولغان ) نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەن ئوسمان ئەيسا ، ئابدۇرېھىم ئەيسا ، مۇھەممەتجان تۇردىيوۋ ، سېلىم ئاخۇن ئەپەندى ، ۋېلەم ئەپەندى . ۋېلەم ئەپەندى ، ئالىم ئەيسا . ئەلى ئەكبەر ، ئۆمەرجان ئەپەندىم قاتارلىق كۆپلىگەن زىيالىيلار ئىلى مائارىپ قوشۇنىغا قوشۇلدى . بۇنىڭ بىلەن ئىلى مائارىپىدا ئالاھىدە يېڭى يۈكسىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى .

    ئىلىنىڭ مائارىپ تەرەققىياتدىن ئالغاندا ، ئىلى ( غۇلجا) ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولغاچقا ، تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە ، مەدەنىيەت – مائارىپ ئىشلىرىدا ئۈگىنىش ، تەسىر كۆرسىتىش زور بولغاندى . بولۇپمۇ غۇلجا شەھىرىدىكى مىللەتلەر ئىچىدە تاتار مىللىتىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى باشقا مىللەتلەردىن يۇقۇرىراق ئىدى . شۇنداقلا تاتار قېرىنداشلاردىن چەت ئەلنى كۆرگەن ، چەتئەلدە ئوقوپ كەلگەنلەرمۇ كۆپرەك ئىدى . شۇڭلاشقا ئىلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىنى قوللاپ ، يېڭىلىققا يېتەكلەشتە ئۇلارنىڭ رولى ۋە ئىلھام بېرىشى ناھايىتى زور بولدى . بۇنى ھەرگىز ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ . ئىلىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ، ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان غارىپ ئەبزى ، ھەبىب يۇنۇچى ، مالىك بېكتېمىروۋ ، پەرىخە ئەلى ئەكبەروۋا ، رەپىق ئابىدى ، زەينەپ ئابىدى ، ماھىنۇر سىراجىيېۋا قاتارلىق پىشقەدەم تاتار مائارىپچى زىياللىيلىرىنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ . يالغۇز مائارىپ سېپىدىلا ئەمەس . باشقا مەدەنىيەت ، تەنتەربىيە ئىشلىرىدىمۇ تاتار زىيالىيلىرىنىڭ تەسىرى زور بولدى .

    ئىلى ( غۇلجا) شىنجاڭدىكى ئىلغار زىيالىيلارنىڭ توپلاشقان ئورنى بولۇپ قالدى . بولۇپمۇ ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلغار ئىدىيىدىكى يۈزلىگەن زىيالىيلار غۇلجىغا كېلىپ توپلاشقاندى . نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى داموللامدىن تارتىپ ناھايىتى نۇرغۇن يازغۇچى شائىر، ئوقۇتقۇچىلار ئىلىغا كېلىپ خىزمەت ئىشلىدى ، مانا بۇ كىشىلەر ئىلىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى . 1933 – ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئىلىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىر مەزگىل يەنى جاللات شېڭشىسەي ساخت نىقابىنى ئېچىپ تاشلغانغا قەدەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى .

    1936 – ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيەسى قۇرۇلۇپ ، ھەرمىللەت ياشلىرىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى قاندۇرۇلدى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغىچە سەككىز قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ ، ئىلى ئۈچۈن ۋە پۈتۈن شىنجاڭ ئۈچۈن يۈزلىگەن زىيالىيلارنى يېتىشتۈردى . مەن ئەشۇ مىللەتلەر گىمنازىيەسىنىڭ 6 – قارارلىق سىنىپىدا (5 - ، 6 – قارارلىقى بىر يىلدا قوبۇل قىلىنغاندى ) ئوقۇغاندىم .

    ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيەسىدە 1940 – 1941 – ئوقۇش يلىدىن باشلاپ بىر سىنىپ ئالىي شىفەن سىنىپى ئېچىلغاندى . 1948 – يىلدىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئەشۇ مىللەتلەر گىمنازىيەسى ئاساسىدا « ئۆلكىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك مۇتەخەسىسلەر يېتىشتۈرۈش بىلىم يۇرتى » قۇرۇلدى . بۇ بىلىم يۇرتىدا شىفەن كەسپى ، ئاگرانوم ، چارۋىچىلىق ، قۇرۇلۇش ، سىياسىي – قانۇن ، مالىيە – ئىقتىساد كەسىپلىرى تەسىس قىلىندى . بۇ بىلىم يۇرتىدا 17 سىنىپ بولۇپ ، 500 گە يېقىن ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى . ئوقۇغۇچىلار ئۈچ ۋىلايەتتىن قوبۈل قىلىناتتى . مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ، تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلار سەپلەنگەندى . بەزى كەسپى دەرسلەرنى ئۆتۈشكە سىرتتىن مۇتەخەسىسلەر تەكلىپ قىلىناتتى .

    بىلىم يۇرتى بىلەن تەڭلا ئىلى تىببىي مەكتىپى قۇرۇلدى . بۇ مەكتەپكە ئىلىدىكى سوۋېت دوختۇرخانسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى ، شۇنداقلا ئىلىدىكى ئاتاقلىق يەرلىك دوختۇرلاردىن نىغمەت ئىنئامجانوۋ ، شامىل دوختۇر ، شەپىقە خانىملار دەرس ئۆتەتتى . بۇ تىببىي مەكتەپ ئازادلىقتىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق تىببىي مەكتەپنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالدى . 1949 – يىلنىڭ ئاخىرىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر ئايرۇپىلان ھادىسىسى بىلەن قازا قىلغاندىن كېيىن ، ئىلى بىلىم يۇرتىغا « ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى » دەپ نام بېرىلدى .

    ئازادلىقتىن كېيىن ، 1951 – يىلنىڭ ئاخىرىدا سابىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بويىچە شىنجاڭ مىللەتلەر شۆيۈەنى قايتا رەتكە سېلىنىپ ، ئۇنىڭ ساپاسىنى ياخشىلاش ، ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدىكى كادىرغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىلى بىلىم يۇرتىدىكى مەخسۇس كەسپى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچىگە – مىللەتلەر شۆيۈەنىگە يۆتكەپ كېلىندى . مەيلى بىلىم يۇرتى ياكى تىببىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن ، ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار خىزمەت ئېھتىياجى بويىچە ئۆلكە دائىرىسىدە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى .

    شۇنى جەزىملەشتۈرۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغان ھەر ساھەدىكى يۇقۇرى ئۇنۋانلىق زىيالىيلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەنە شۇ گىمنازىيە ھەم بىلىم يۇرتىدىن كەلگەنلەردۇر .

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تەڭ كۆڭۈل بۆلۈنگەندى . يالغۇز غۇلجا شەھىرىدىلا تاتار مەكتىپى ، ئۆزبېك مەكتىپى ، ئىلى رۇس مەكتىپى ، خەنزۇ مەكتىپى ، خۇيزۇ مەكتىپى قۇرۇلغاندى ، بۇ مىللەت بالىلىرى ئۆز ئانا تىلىدا دەرس ئوقۇيتتى . بۇنىڭدىن باشقا ، قازاق ، قىرغىز ، موڭغۇل قېرىنداشلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن غۇلجىدا قازاق ، موڭغۇللارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلىرى تەسىس قىلىنغاندى ، بۇ مەكتەپلەرگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىناتتى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش تۈزۈمى ، تەرتىپ – ئەخلاق تۈزۈملىرىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ، ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇلاتتى . ئوقۇتۇش پروگىراممىسى ، ئوقۇتۇش پىلانلىرى مەۋسۈم ، چارەكلەراگە بۆلۈنۈپ تۈزۈلەتتى . كۈندىلىك ئىش پىلانلىرى كونكىرىت يېزىلىپ ، ئۆز ۋاقتىدا ئورۇندىلىپ تۇراتتى . مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك بەش نومۇر قويۇش تۈزۈمى قوللىنىلاتتى . ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى شۇ چاغدىكى سوۋېت مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىك پىروگىراممىسى ئاساسىدا تۈزۈلەتتى . شۇڭا ئۈچ ۋىلايەتتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى خېلى يۇقۇرى ئىدى .

    ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن ئۆتكەچكە ، شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى ، ئازادلىقتىن كېيىن تاكى 1956 – يىلغىچە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدىغان يىللىق ئىمتىھان سوئاللىرىنى ( تەبىئىي پەنلەردىن ) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مائارىپ مىنىستىرلىكى چىقىراتتى ۋە شۇ بويىچە ئىمتىھان ئېلىناتتى . شۇڭا ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدە ئۈچ ۋىلايەت ھەم ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى يۇقۇرى ئىدى . ھەتتا مەملىكەت بويىچىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى . بۇ بىر ئەمەلىي ئەھۋال بولۇپ ، بۇنى 1956 – يىلى يولداش ليۇ شاۋ چى پارتىيىنىڭ 8 – قۇرۇلتىيىدا مۇقىملاشتۇرغاندى .

    ئۈچ ۋىلايەتتىكى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ شۇنداق ياخشى يولغا قويۇلغانلىقىنى ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ، جۈملىدىن ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇتۇشقا يۈزلىنىپ تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكى ، تۈزۈملىرىنىڭ ئەمەلىي بولغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . مەن قىسقىلا قىلىپ ئىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارما ( ئىدارە ) سىنىڭ تەشكىلىي ئاپپارات ئەھۋالىنى قوشۇمچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي : ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ ئىشلىرىغا نازىر سەيپىدىن ئەزىزى ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلاتتى ، ئىلمىي باشقارمىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر خانبابا ئىدى . باشقارما تەۋەلىكىدە كاتىبات بۆلۈمى ، مەكتەپلەر بۆلۈمى ، كادىرلار بۆلۈمى ، مالىيە بۆلۈمى ، پىداگوگىكا ئىشخانىسى بار ئىدى ، مەكتەپلەر بۆلۈمى قارىمىقىدا ئىنسپىكتورلار ( مۇپەتتىشلەر ) كوللىگېيىسى بار ئىدى . خەنزۇ ، شىبە ، رۇس ، موڭغۇل مەكتەپلىرى ئۈچۈن شۇ مىللەتتىن بولغان مەخسۇس مۇپەتتىشلەر قويۇلغاندى . مەن غۇلجا شەھىرىدىكى مەكتەپلەرگە مەسئۇل ئىدىم . ھەر بىر مۇپەتتىشكە بىردىن ئىگەر – توقۇملۇق ياراملىق ئات تەييار ئىدى ، ئۇلار ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم مەكتەپلەرنى ئايلىنىپ كېلەتتى . مەنمۇ غۇلجا شەھىرىدىكى 25 كە يېقىن مەكتەپنى ئايلىنىپ چىقاتتىم .

    مۇپەتتىشلەر بىر ئايلىنىپ تەكشۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ، تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن دوكلات تەييارلايتتى ، مائارىپ باشقارمىسىدىكى ئومۇمىي يىغىندا تەكشۈرۈش ئەھۋالى دوكلات قىلىناتتى ، يىغىندا سوئاللار قويۇلاتتى ، مۇزاكىرە قىلىناتتى ، ئاخىرىدا بۇ دوكلات تۈزىتىلىپ گېزىتتە ئېلان قىلىناتتى .

    شۇ چاغدا مۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بەرگەندى : 1948 – يىلى نىلقا ناھىيەسىگە بارغان مۇپەتتىش نىلقا ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئەھۋالىدىكى بەزى كەمچىلىكلىرىنى سېزىدۇدە ، يىغىندا دوكلات قىلىدۇ ، بۇ ئەھۋال گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، نىلقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھاكىمى فاتىخ مۇسلىموۋ ( ئۈچ ۋىلايەت باتۇرلىدىن بىرى ) بۇ دوكلاتنى گېزىتتىن كۆرۈپ ، خاپا بولۇپ : « ئەشۇ مۇپەتتىش ئەمدى نىلقىغا كېلىدىغان بولسا ، مازار ( سۇلتان ئۇۋەيس مازىرى ) دىن ئۆتسىلا ئاتىمەن » دەپ تەھدىت سالغاندى . بۇ مەپەتتىش قورققىنىدىن بىر مەزگىل نىلقىغا بارالمىغان .

    دېمەك ، مائارىپنى تۇتۇش شۇنداق چىڭ ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى شۇنداق كۈچلۈك ئىدى . مائارىپ باشقارمىسىنىڭ بەنزىسى ئىخچام ، يىغىنچاق . چاققان بولۇپ پۈتۈنلەي ئوقۇتۇشقا يۈزلەنگەن ، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ، كادىرلىرى خىل ، كۈچلۈك ، ئىتتىپاقلاشقان بەنزە ئىدى .

    ئۈچ ۋىلايەتتە ھەر بىر ئوقۇش يىلى ئاخىرلاشقاندا ، يىللىق ئومۇمىي ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلاش يىغىنلىرى ئېچىلىپ تۇراتتى. نەمۇنىلىك مەكتەپ ، مۇدىر ۋە ئوقۇتقۇچىلار تەقدىرلىنەتتى ، خىزمەت ، ئىش ھەققى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلەتتى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېكىتىشتە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمى ( ئوقۇش تارىخى ) ، سىتاژى تولۇق ھىسابقا ئېلىناتتى . مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش يولغا قويۇلغاندى . ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش پۈتۈنلەي مەنئىي قىلىنغاندى .

    مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى ژورنىلى 1995 – يىل ، 1 – سان

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.