-
2010-09-17
شېئىر :يۈرەمسەن؟ - [يازمىلىرىم]
يۈرەمسەن؟
يىغا بىلەن تەڭ كۆز ئاچتىڭ دۇنياغا،
ئەر بولۇپمۇ يەنە يىغلاپ يۈرەمسەن؟
بولمىغاچقا ئادىمىيلىك خىسلىتىڭ،
قىلىقىڭدىن نۇموس قىلماي يۈرەمسەن؟
ئۇچ مو يەرنى تېرىپ قويۇپ كورت ئويناپ،
پەرۋىش قىلماي، غەيۋەت قىلىپ يۈرەمسەن؟
ۋىژدانىڭدىن قايناپ خەقتەك پۇل تاپماي،
باشقىلاردىن ياردەم تىلەپ يۈرەمسەن؟
دوقمۇشلاردائولتۇرۋىلىپ كۈنبويى،
توكۇ ئاتنى ماختاپ خوش بوپ يۈرەمسەن؟
يانچۇغوڭدا بىر تەڭگە يوق ئۆزەڭچە،
چوكانلارغا قېشىڭ ئىتىپ يۈرەمسەن؟
تاڭ سەھەردە دوكانچىنى ئويغۇتۇپ،
ناشتىلىققا نېسى ئىچىپ يۈرەمسەن؟
چوڭ-كىچىككە قولۇڭ شىلتىپ ساراڭدەك،
پوق-سۇدۇكتە ئېغىناپ يىتىپ يۈرەمسەن؟
قازا يەتسە ئاناڭغا يا ئاتاڭغا،
ئۇزۇتالماي داكا تىلەپ يۈرەمسەن؟
بۇ دۇنيادا توغۇرا يولداماڭماستىن،
مەڭگۈ تىرىك موردا بولۇپ يۈرەمسەن؟
历史上的今天:
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پاتىخ 2010-09-17ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پاتىخ 2010-09-17شېئىر:ياشايسەن 2010-09-17
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.