-
2010-09-17
شېئىر:ياشايسەن - [يازمىلىرىم]
ياشايسەن
تۆرۆلۈپ بۇ جاھانغا تاپساڭ يولۇڭنى،
ھەممىگە قادىر بولۇپ كۈلۈپ ياشايسەن.
تۆكۈلسە قان-تەرىڭ ئەلگە نەپ يەتسە،
تىللاردا <سادىر>دەك مەڭگۈياشايسەن.
گەر بولساڭ يامان خۇي ئادىمىي ھايۋان،
لەنەتتىن ئوت ئىچىدە كۆيۈپ ياشايسەن.
قايتمىساڭ زەھەردىن...يامان يولۇڭدىن،
خار بوپ قىل ئۈستىدە تۇرۇپ ياشايسەن.
بولمىسا يا ئاتاڭ يا ئاناڭ رازى،
قانداقمۇ مەيدەڭگە ئۇرۇپ ياشايسەن؟
.كەتكەندە زار قاخشاپ سەن ۋاپاسىزدىن،
ھەسرەتتىن،نۇمۇستىن ئۆلۇپ ياشايسەن!
باشقىلار قارا تاشتىن گۆھەر ئالغاندا،
چاكاردەك كەينىدە يۇرۇپ ياشايسەن.
قاراپ باق ئەتراپقا قانداق دەۋرى بۇ،
بىلىم ئال ئالەمدە ئۇچۇپ ياشايسەن.
مەنبە:يازمام
2010-04-10
历史上的今天:
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پاتىخ 2010-09-17شېئىر :يۈرەمسەن؟ 2010-09-17ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پاتىخ 2010-09-17
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.