ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-16

    ئارمىنىڭ ئۇچۇرار سىنى ئالەمدە - [يازمىلىرىم]

    ئارمىنىڭ ئۇچۇرار سىنى ئالەمدە

     

    "تۇغۇلۇش-ئۆلۈمنىڭ تۇنجى قەدىمى"،

    دەپتىكەن ئاقىللارھايات ھەققىدە.

    توختىماي تېرىشتۇق چىشلەم نان ئۈچۈن،

    تۇرمۇشنىڭ سېرتمىقى بوغقاچ غىققىدە.

     

    گاھىدا مىھمانمىز گاھى مۇساپىر،

    تۈنۈگۈن شەھەردە، بۈگۈن جاڭگالدا.

    گاھىدائاق ناننى كۆزگە ئىلمىغاچ،

    ئاقىۋەت ياسىدۇق ئۆينى داڭگالدا.

     

    تار كەلدى بۇ جاھان كۆرەڭلىكتىن،

    ئەمدىچۇ؟ كۈلكە بىر، توققۇز يىغىمىز.

    قايتمىغىل بۇ ئۇزاق يولدىن ئارقىغا،

    زارلىماي ،بولسىمۇ يېغىر پۇتىمىز.

     

    ئىنساندەك ياشاشقا بەل باغلا مەھكەم،

    مەجنۇندەك بولساڭمۇ ئىشقىي سەۋدايى.

    چىدىغىن ئەلەمگەسەنمۇ بىر ئىنسان،

    بەل قويساڭ ئۆزگىنىڭ نىمە پەرۋايى.

     

    تەڭسىز دەپ بۇ ئالەم ۋايساپ يۈرسەڭمۇ،

    كۆنىسەن ئىسسىققا،سوغقا ئاخىرى.

    بەزىدە كۆيۈسەن ئوتتا ناھەقتىن،

    بەزىدە ئاقىسەن سۇدا يىلسىرى.

     

     

    ئاسمانغا قارايسەن چىققىڭ بار بەلكىم،

    يۈرىسەن كۆتۈرۈپ شوتايەلكەڭدە.

    تېرىشىپ-تېرمىشىپ بىلىم ئالساڭلا،

    ئارمىنىڭ ئۇچۇرار سىنى ئالەمدە.

     

    2010-09-15


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.