ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-16

    تەمبۇر شاھى-مەرھۇم نۇرمەھەممەت تۇرسۇننىڭ قىسقىچە تەرجىمە ھالى - [ئاتاقلىق كىشىلەر]

    تەمبۇر شاھى-مەرھۇم نۇرمەھەممەت تۇرسۇننىڭ قىسقىچە تەرجىمە ھالى                  

    نۇرمەھەممەت تۇرسۇن 1957-يىلى1-ئۆكتەبردە ئۈرۈمچىدە ھەربىي سەنئەتكار ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن.ئاتىسى   تۇرسۇن       (چاڭ)1951-يىلدىن تارتىپ ئۆلكۈلۈك ھەربىي رايۇن سەنئەت ئۈمىگىدە چاڭچى بولۇپ ئىشلەپ،1958-يىلى ئىلىغا يۆتكۈلۈپ كەلگەندىن كېيىن،ئىلى ئوبلاستلىق تىياتردا چاڭچى ۋەچالغۇ ئەسۋاپلىرىنى ياسىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.1979-يىلى 20-ماي يەكشەنبە ئەتتىگەن سائەت 5دە 60 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.                                                              

    نۇرمەھەممەت 5 يېشىدىن 19 يېشىغىچە ئاتىسىنىڭ ئېزچىل تەربىيىسىدە بولۇپ، دۇتار، تەمبۇر،ساتار، راۋاپ قاتارلىق چالغۇلارنى ئۈگەنگەن.1976-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوپىرا ئۈمىگىگە ساتار كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.ھەمدە 1992-يىلىغىچە شۇ ئورۇننىڭ كەسپىي چالغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇقام گۇرۇپىپىسىنىڭ 12 مۇقامنى نوتىغا ئىلىش ئىشلىرىغا قاتناشقان.شۇ چاغدا مەرھۇمنىڭ ئالاھىدە ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتى بۇ خىزمەتنىڭ تىز ئاخىرلىشىشىغا زور رول ئوينىغان1982-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەمىلىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر  مىللى مۇزنكا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ تەمبۇر كەسپى بويىنچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.ھەمدە مەركىزى مۇزىكا ئوركىستېرى بىلەن بىرلىشىپ ئورۇنلىغان بىر قانچە خەلق ئاھاڭى لېنتىغا ئىلىنغان.بۇ جەرياندا ئۇ يەردىكى مۇزىكا مۇتەخەسسلىرى مەرھۇمنى«تېلسىم ئادەم» دەپ تەرىپلەشكەن.شىنجاڭدا «ياشلار بۇلبۇلى»دەپ ئاتىلىپ  گېزىت-ژورناللاردا تونۇشتۇرۇلغان.1986-يىلى ۋە1998-يىللىرى پاكىستان، قازاقسىتان، ئۆزبىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان. شىنجەڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئاۋازغا ئالغان مەرھۇم، تەمبۇر ۋەساتار بىلەن ئورۇنلىغان خەلق ئاھاڭلىرى،مۇقام مەرغۇللىرى، ئىجادىي ئاھاڭلار نۇرغۇن بولۇپ،سانى ئېنىق ئەمەس.«چىمبۇلاق»،«ساتار كۈيى»،«كۈن ۋە تۈن»، «تەمبۇر شاھى»،«دىل كۈيى»،«ئەجەپ يىللار»،«مۇناجات»،«تەمبۇرۇم» قاتارلىق ئۈن-سېن لېىنتىلىرى نەشىر قىلىنغان.يۈزگە يېقىن ئۈن-سېن لېنتىلىرىغا دۇتار، تەمبۇر، ساتار ئاھاڭى كىرىشتۈرۈلگەن.«ساتار كۈيى»، «خەت يازماي ئۆزەڭ كەلگىن»،«ئاتا قەدىرى»، «رازى بول ئانا»،«يەنە كۆڭلۈم سىنى دەيدۇ» قاتارلىق 30 غا يىقىن ئاھاڭ ئىجات قىلغان.مەرھۇم ئۆزىنىڭ سىھرى كۈچكە تولغان مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشكەن سازەندە ئىدى2004-يىلى 19-دىكابر     يۇشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بىلەن 47 يىشىدا ئۈرۈمچىدە ئۇشتۇمتۇت ئالەمدىن ئۆتتى.                         

    مەنبە: مەرھۇمنىڭ نەزىرىدە تارقىتىلغان تەرجىمەھالىدىن ئېلىندى.                                      


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.