ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-12

    ئىلى دىيارى بايلىقى مول،گۈزەل ماكان - [ئىلى دىيارىدا]

    ئىلى دىيارى بايلىقى مول،گۈزەل ماكان

     

                                                     ئىلى رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقلىرى

            ئىلىنىڭ باغلىرىمۇ، تاغلىرىمۇ، يايلاقلىرىمۇ، دەريا ساھىللىرىمۇ ھۆسنىگە تولۇپ، كىشىگە جەننەت ھۇزۇرى ئاتا قىلىدىغان ئاۋغۇستتا ئىلى ئوبلاستىغا مۇخبىرلىققا باردىم  پىلانىم ئىلى ئوبلاستىنىڭ 30 يىللىق ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا مۇخبىرلىق قىلىش بولغاچقا، ئىلىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش مەقسىتىدە، غۇلجا شەھەرلىك كۇتۇپخانىغا كىردىم. ماتېرىيال كۆرۈۋېتىپ مۇنۇ قۇرلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى: «ئىلى ۋادىسىنىڭ  جۇڭگودىكى ئون ئەڭ گۈزەل ماكان نامزاتىغا كىرىشىدىكى ئاساسلارنىڭ بىرى، ئىلى مەملىكىتىمىز بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ سۈپەتلىك يايلاق، ئەڭ ياخشى نەسىللىك ئات، نەسىللىك كالا، نەسىللىك قوي ماكانى بولغانلىقىدا».ئاخبارات يىپ ئۇچى دېگەن مۇشۇ ئەمەسمۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ ئىلىنى جاھانغا تونۇتقان بۇ«بايلىقلار»ھەققىدە ئىزدىنىشكە كىرىشتىم.

                                          ئىلى جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ماكان

          جۇڭگو جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن «جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيىسى ژۇرنىلى»ئىدارىسى تەشكىللىگەن مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل ماكان نامزاتىنى كۆرسىتىش كومىتېتى 2007 – يىل 12 – ئايدا «مەملىكىتىمىزدىكى ئون ئەڭ گۈزەل ماكان»نى تاللاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 100 ئالىم، مۇتەخەسسىس ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى، تەبىئىي شارائىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە گۇمانىتارلىق ئەھۋالىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈر بويىچە ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ نومۇر قويۇش ئارقىلىق، بۇ يىل 2 – ئايدا «مەملىكىتىمىزدىكى ئون ئەڭ گۈزەل ماكان»نى تاللاپ چىقتى. ئىلى ۋادىسى 3 – ئورۇنغا تىزىلدى. بۇ شەرەپ ئىلى ۋادىسىنىڭ شۆھرىتىنى مەملىكەتكە يەنە بىر قېتىم تونۇتتى
    ‹‹
    مەملىكىتىمىزدىكى ئون ئەڭ گۈزەل ماكان››نى تاللاشقا قاتناشقان ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپى ئىلىغا كەلگەن، ئىلىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مۇھىتىنى ئەتراپلىق تەكشۈرگەن بولۇپ، ئىلى ۋادىسىغا بولغان تەسىراتى چوڭقۇر ئىدى. ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ماكان››نى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، داڭلىق جۇغراپىيە ئالىمى كاڭ يۈيى ئەپەندى يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭغا ئۈچ قېتىم كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، ئىككى قېتىم ئىلىغا كېلىپ مول ماتېرىيال توپلىغان ھەمدە ئىلى ۋادىسىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۆت كىتاب نەشر قىلدۇرغان. بولۇپمۇ ئۇ سىزغان ئىلىنىڭ تاغ – دەريالىرى، ساياھەت بايلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى،  ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىزما رەسىملەر توپلىمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.
              ئىلى ئوبلاستى 2001 – يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭغا ياردەم بىرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىلىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى. 2005 - يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەلقئارا قانىلىدا ئىلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، تارىخىي مەدەنىيىتى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلدى. بۇ يىل ئىلى ئوبلاستى تەشۋىقات سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئىلى ۋادىسىنىڭ بۇ قېتىم «مەملىكىتىمىزدىكى ئون ئەڭ گۈزەل ماكان»نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىشى ئىلىنىڭ نامىنى مەملىكەت ئىچى- سىرتىغا تېخىمۇ تونۇتتى، شۆھرىتىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

                                               ئەڭ سۈپەتلىك يايلاق ماكانى

                ئىلى ۋادىسىدىكى يايلاقلار تۇپرىقىنىڭ مۇنبەتلىكى، ئوت – چۆپ تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن داڭلىق. ئىلى ئوبلاستىنىڭ يايلاق ئومۇمىي كۆلىمى 311 مىليون 663 مىڭ مو بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز يايلاق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %43 ىنى، پايدىلىنىشقا بولىدىغان يايلاق كۆلىمى 246 مىليون 54 مىڭ  مو بولۇپ، ئىلى ۋادىسىدىكى ئومۇمىي يايلاق كۆلىمىنىڭ %32.69 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئىلى ۋادىسىدىكى يايلاقلار ئىچىدە سۈپىتى ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن  يۇقىرى يايلاق 47 مىليون مودىن كۆپرەكنى، ئالاھىدە ياخشى يايلاق 3 مىليون مودىن كۆپرەكنى، 1 -دەرىجىلىك يايلاق 28 مىليون مودىن كۆپرەكنى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك يايلاق 15 مىليون مودىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ.
           ئىلى ۋادىسىدىكى يايلاقلاردا ئۆسۈملۈك تۈرى كۆپ ۋە مول بولۇپ، 84 ئۆسۈملۈك ئائىلىسى، 452 ئۆسۈملۈك ئۇرۇقدىشىغا تەۋە 1243 تۈر، 60 كەنجى تۈر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ياۋا گۈل، ياۋا مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەرمۇ خېلى كۆپ. ئىلى ئوبلاستى يايلاقلارنى قوغداش ۋە ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى ،چارۋىچىلىق تارماقلىرى يايلاقلارنى قوغداش، دەم ئالدۇرۇش، ئەلا سورتلۇق ئوت -چۆپ ئۇرۇقى چېچىش ئارقىلىق، يايلاق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى. ئىلى ئوبلاستى«11 -بەش يىل» مەزگىلىدە 10 مىليون مو ئوتلاقنى قورشاش، دەم ئالدۇرۇش، 10 مىليون مو يايلاققا ئادەم كۈچى ۋە ئايروپىلاندا ئۇرۇق چېچىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، 20 مىڭ مو يەردە ئەلا سورتلۇق ئۇرۇقلۇق ئوت – چۆپ بازىسى قۇرۇپ، 400 مىڭ مو يەرگە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى  ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا   

                                                          ئىلى ئېتى ماكانى

    ئىلى ۋادىسى مەملىكىتىمىزدىكى  نەسىللىك ئات  ئىلى ئېتىنىڭ ماكانى  ئىلى ئېتى نەچچە مىڭ يىل   ئىلگىرىلا  تارىخچىلار، ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان   ئىلى ئېتىنى .

    تەتقىق قىلىش، ئات نەسلىنى ياخشىلاشئازادلىقنىڭ دەسلىپىدىلا باشلانغان بولۇپ،

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان     ئىلى نەسىللىك ئات فېرمىسى دۆلەت دەرىجىلىك نەسىللىك ئات  يېتىشتۈرۈش  بازىسى قىلىپ  بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلى ئېتىنى تەتقىق قىلىش،يېڭى   نەسىل يېتىشتۈرۈش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مۇتەخەسسىسلەر  يەرلىك بايتالنىشالغۇتلاشتۇرۇپ،ئىلى.  ئېتىنىڭ  نەسلىنى ياخشىلىدى. ھازىر ئىلى ئېتىنىڭ سانى 350مىڭدىن ئاشىدۇ
                     شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى ماكانى                                                
    ئىلى ۋادىسى مەملىكىتىمىز بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدىغان نەسىللىك كالا شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى ماكانى. شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى ئىلى ۋادىسى بىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىدە نۇقتىلىق كۆپەيتىلگەن بولۇپ، 1979 - يىلى نەسلى بېكىتىلىپ، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى، دەپ نام بېرىلگەن. ھازىر ئىلى ئوبلاستى بويىچە نەسىللىك كالا 600 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى 450 مىڭدىن ئاشىدۇ. شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى سۈتلۈك، گۆشلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئىلى ۋادىسىدىكى يايلاقلار شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنى كۆپەيتىشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. بۇ ئوبلاستتىكىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنى كۆپەيتىش، نەسلىنى ياخشىلاش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. ھازىر ئوبلاست بويىچە 500 تۇياقتىن ئارتۇق نەسىللىك كالا بېقىش فېرمىسى ۋە نەسىللىك كالا بېقىش كەسپىي ئائىلىسى 87 گە، 50 تۇياق ئەتراپىدا نەسىللىك كالا بېقىۋاتقان ئائىلە 827 گە يەتتى

    جۇڭگو مېرىنوس قويى ماكانى                                                

          ئىلى ۋادىسى مەملىكەت بويىچە 1 -ئورۇندا تۇرىدىغان نەسىللىك قوي، جۇڭگو مېرىنوس قويىنىڭ ماكانى. جۇڭگو مېرىنوس قويى(شىنجاڭ تىپى)ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي بولۇپ، ئىلى ئوبلاستى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 -يىللىرىدا ئاۋسترالىيىنىڭ مېرىنوس قوچقىرىنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنى شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېتىشتۈرگەن نەسىللىك قوي. جۇڭگو مېرىنوس قويىنىڭ ئاساسى شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى بولۇپ، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 -يىللىرىدا كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىدا يېتىشتۈرۈلگەن مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى ھەم يۇڭلۇق، ھەم گۆشلۈك نەسىللىك قوي. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق نەسىللىك قوي يېتىشتۈرۈش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن نەسىللىك قوي يېتىشتۈرۈش قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلدى. زور مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، قورۇ -قوتان، يايلاق قۇرۇلۇشى ئاساس قىلىنغان ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى، ھەر بىر قويغا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ،  ئايرىم بېقىش، خىللاش، شاللاش باسقۇچلىرى قېلىپلاشتۇرۇلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئون يىلغا يېقىن تىرىشىشى ئارقىلىق، كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىدا يەنە بىر ئۆزگىچە نەسىللىك قوي يېتىشتۈرۈلدى. 1985 -يىلى بۇنىڭغا دۆلەت تەرىپىدىن ‹‹جۇڭگو مېرىنوس قويى (شىنجاڭ تىپى)›› دەپ نام بېرىلدى.

       ناھىيىلەردە، يېزا ئىگىلىك 4 -شىسىنىڭ تۇەن- مەيدانلىرىدا جۇڭگو مېرىنوس قويىنى يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش بازىلىرى، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش پونكىتلىرى قۇرۇلدى. جۇڭگو مېرىنوس قويىنىڭ تۆللەش نىسبىتى، گۆش، يۇڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى بولۇپ، يېتىلگەن بىر قوچقارنىڭ ئېغىرلىقى 63.92 كىلوگرام، ساغلىقنىڭ 76.43 كىلوگرام كېلىدۇ. بىر قوچقاردىن 78.11 كىلوگرام، ساغلىقتىن 85.5 كىلوگرام يۇڭ ئالغىلى بولىدۇ، يۇڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 34.11 سانتىمېتىردىن 67.9 سانتىمېتىرغىچە بولۇپ، قوزىلاش نىسبىتى %120 تىن ئاشىدۇ. ھازىر جۇڭگو مېرىنوس قويىنىڭ ئىلى ۋادىسىدىكى ئومۇمىي سانى 500 مىڭ تۇياقتىن ئاشىدۇ.

                                                                       ئالمىزار تورى دىن ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.