ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-11

    2-ئىلى مەشرىپى ھەققىدە - [ئىلى دىيارىدا]

    ئىلى مەشرىپى ھەققىدە

    داستىخان يىغىلىشتىن ئاۋۋالقى دۇئادىن كيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «يەك تىز» ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ ھەم كۆل بېگىگە «گۈل چاي كەلتۈرۈلسۈن!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. كۆل بېگى ئالدىن تەييارلاپ قويغان گۈل چاينى كەلتۈرىدۇ. گۈل چاي ھەرخىل شەكىلدە ياسىلىدۇ. بەزىلەر چىنىنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل گۈللەرنى ئەپچىللىك بىلەن تىزىپ ئالاھىدە كۆرۈنۈش قىلىپ ياسايدۇ ياكى ئالمىلارنى پىچاق بىلەن كۈچۈك چىشى قىلىپ ھەرە شەكلىدە ياساپ، چىنىنىڭ ئەتراپىغا تۇرغۇزۇپ، ئوتتۇرىغا بىر تال چىرايلىق گۈلنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەتنۇسقا سېلىپ كەلتۈرىدۇ، يېزىقچىلىقتىن خەۋىرى بار بىرىنى يىگىت بېشى كاتىپلىققا سايلايدۇ. كاتىپ دەپتەر–قەلەمنى قولغا ئېلىپ، قەغەزنىڭ باش تەرىپىگە «پاششاپ» دەپ يېزىپ قويىدۇ، بۇ نۆۋەت پاششاپتىن باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پاششاپ گۈل چاينى خالىغان بىرسىگە بېيىت ياكى قوشاق ئېيتىپ ئەپچىللىك ۋە ئەدەب بىلەن «مەن چاينى **گە بەردىم» دەيدۇ. كاتىپ دەپتەرگە گۈل چاي ئالغۇچىنىڭ ئىسمىنى خاتىرىلەيدۇ. گۈل چاينى ئالغۇچى بېيىت ياكى چاقچاق ئارقىلىق «پالانچىغا بەردىم» دەيدۇ. ئىككىنچى قېتىم گۈل چاي ئالغۇچى مۇنداق بېيىت باشلايدۇ:

    ئېگىز–ئېگىز تاغ بېشىدىن سىيرىلدىم تۈزگە،

    قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدىم سىزگە.

    بىلەمسىزكىن–بىلمەمسىزكىن خۇشتارمەن سىزگە،

    خۇشتارلىقتىن ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇۋالىم سىزگە.

    دەپ بېيىت ئېيتىپ «يىگىت بېشىغا بەردىم» دەيدۇ. يىگىت بېشى گۈل چاينى قولغا ئېلىپ ئەتراپتىكىلەرگە سىنچىلاپ قاراپ، بىر يېقىن ئادىمىنى ئىزدەۋاتقان قىياپەتتە:

    ئۇ تام يېقىن، بۇ تام يېقىن،

    ھەممىدىن ئۆزلىرىگە كۆڭلۈم يېقىن

    دەپ يەنە بىركىشىگە (نۆۋەت كەلگەن كىشىگە) بېرىدۇ. كاتىپ بۇ كىشىنىمۇ خاتىرىلەپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ گۈل چاي قىزىقارلىق پاراڭلار، بېيىت–قوشاقلار بىلەن 10، 15قېتىم تەكرارلىنىپ قولدىن–قولغا ئۆتىدۇ. بەزىدە ئوتتۇز ئوغۇل بەزىلەرنى قەستەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن تەكرار گۈل چاي تۇتىدۇ. كاتىپ رەت بويىچە بىرىنىمۇ قويماي خاتىرىلەيدۇ. گۈل چايغا ئاجرىتىلغان ۋاقىت توشقان ھامان گۈل چاينىڭ ئاخىرى پاششاپقا كېلىپ توختايدۇ. يىگىت بېشى «گۈل چاي توختىتىلسۇن» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ. پاششاپ گۈل چاينى كۆل بېگىگە تاپشۇرىدۇ.

    پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ، سازەندىلەرگە ئىشارە قىلىدۇ. سازچىلار سازلىرىنى تەڭشەپ ئالدى بىلەن مۇزىكا ئورۇندايدۇ. ئاندىن بىر يۈرۈش ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى باشلايدۇ. سورۇن ئەھلى تېكسىت ھېكمەتلىرىدىن، مۇڭلۇق مۇزىكىلاردىن بىھۇش بولۇپ ئولتۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بىرەرىنىڭ ھاجىتى قىستاپ قالسا بىسوراق چىقىپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق قىلمىسا ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئادەم پاششاپقا «ئەدەب» دەيدۇ، پاششاپ « بىئەدەپ بولمىسۇن» دەيدۇ. ئەگەر بۇ ئادەم سورۇندىن چىقىۋاتقاندا باشقىلارنىڭ پۇتلىرىغا دەسسىۋەتسە ياكى دىققەتنى چېچىۋەتسە ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئادەم ناھايىتى سىپايە، ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. ئۇ نەغمىچىلەر ۋە مەشرەپ ئەھلىنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا «ئەدەپ»كە چىقىدۇ، ناخشا–مۇقام ۋە ساز توختىمايدۇ. ئېيتىۋاتقان ناخشىلارغا ئوتتۇز ئوغۇل تۈرلۈك شەكىللەردە جور بولۇپ ماڭىدۇ. ساز مەرغۇل مۇزىكىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. يىگىت بېشى باشلىق ئوتتۇز ئوغۇل «رەھمەت، رەھمەت!، قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن!» دەپ سازچىلارغا بارىكاللا ئوقۇشىدۇ. كۆل بېگى سازچىلارغا پەتنۇس بىلەن چاي تۇتىدۇ. ئاخىرىدا چاقچاقچىلار چاقچاق باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سازغا ئاجرىتىلغان ۋاقىت توشىدۇ. پاششاپ دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: «چىراغ كەلتۈرۈلسۇن!» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ. (ئەينى يىللاردا ئېلېكتر ئوموملاشمىغاچقا چىراغ ئىشلىتەتتى) پاششاپ چىراغنى قولغا ئېلىپ:

    ئۇ تام يېقىن، بۇ تام يېقىن،

    كۆڭلۈم ھەممىدىن ئۆزلىرىگە يېقىن

    دەپ چەتتە ئولتۇرغان بىرىنچى ياش بالىغا چىراغنى بېرىدۇ. چىراغ تۇتۇش بېيىت–نەزم، ماقال–تەمسىللەر بىلەن قولدىن–قولغا ئۆتىدۇ. جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغانلار كۆرۈلسە، يىگىت بېشى: «بولدى، بۇ يىگىتنى خىجىل قىلماڭلار، كېلەركى مەشرەپكىچە ئۆگىنىپ كەلسۇن» دەپ چىراغنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. شۇ ئارقىلىق مەشرەپكە قاتناشقۇچىلارنى جۇشقۇن، روھلۇق، ماھارەتكە باي، تۆت ئادەم ئالدىدا يۈرەكلىك ھالدا ئۆز مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىدۇ. كەڭچىلىككە ئېرىشكەن يىگىت ئىككىنچى سورۇندا يەنە باھانە–سەۋەب كۆرسەتسە ئولتۇرغانلار «توخۇدەك قېقىقلاپ بەرسەڭمۇ، موزايدەك مۆرەپ بەرسەڭمۇ بولىدۇ...» دەپ چاقچاق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت ئۈچىنچى سورۇنغىچە نومۇس يۈزىسىدىن بولسىمۇ بىر نەرسە ئۆگىنىپ كېلىپ چىراغنى قولغا ئالىدۇ. يىگىت بېشى باشلىق ئولتۇرغانلار بۇ يىگىتكە ئالقىش ياڭرىتىپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام–مەدەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىراغ تۇتۇپ پائالىيەت قىلىش ئاخىرلىشىدۇ.

    پاششاپ دەررۇ «راھەت» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ، «گۈل چاي قايتۇرۇلسۇن» دېگەن بۇيرۇقنى يىگىت بېشى بېكىتىدۇ ھەم گۈل چاينى پاششاپقا تۇتقۇزىدۇ. كاتىپ دەپتەر–قەلەمنى تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئوتتۇز ئوغۇل ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. گۈل چاي نۆۋىتى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قايتۇرۇلاتتى. گۈل چاي توختاپ قايتۇرغىچە بولغان ۋاقىتقىچە بىز يۇقىرىدا ئېيتقان پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتكەچكە بەزىلەرنىڭ ئېسىدىن گۈل چاي بەرگەن ئادەم كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. زېھنى ئۆتكۈر بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزى گۈل چاي بەرگەن ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ. توغرا چىقسا كاتىپ توغرا بەلگىسى، خاتا چىقسا، يېڭىلدى دېگەن بەلگىنى قويىدۇ. بۇ جەرياندا بەزىلەر پەقەت يېڭىلمەيدۇ، بەزىلەر ئۈچ، تۆت قېتىم ھەتتا ئون قېتىمدىن ئارتۇق يېڭىلىدۇ. ئاخىرىدا يېڭىلگەن–يېڭىلمىگەنلەرنىڭ ئىسمى ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، تەقدىرلەش ۋە تەنقىدلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشقىلارنى زېھنى ئۆتكۈر بالىلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ. يېڭىلگەنلەرگە «بولى» قويۇلىدۇ. نەتىجىدە بۇنداقلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتقاچقا ئەتىياز كەلگىچە ئۇتتۇرۇپ قويغان بىر–ئىككى ئادەمنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلار تامامەن ھۇشيار، زېھنى ئۆتكۈر قىلىپ تەربىيىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن پاششاپ كۆل بېگىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، كۆل بېگى قولغا سۇ بېرىپ، داستىخان سالىدۇ. قۇۋۋەتلىك تائاملار تارتىلىپ يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، كېلەركى مەشرەپكە تەييارلىقى بار ئوتتۇزئوغۇلدىن بېرى گۈل چاينى ئۆتكۈزۈۋېلىپ سورۇندىكىلەرنى كېلەركى نۆۋەتلىك مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ، شۇنداقلا ئوتتۇز ئوغۇلغا جەمئىيەت، مەكتەپ، ئائىلىدە گۈزەل ئەخلاق تىكلەپ، يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ، ئاجىز–مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىپ جامائەتنىڭ ياخشى باھاسىغا، ھۆرمىتىگە ئېرىشىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مەشرەپ ئەھلىگە ئاھانەت كەلتۈرۈپ قويماسلىق تەكىتلىنىدۇ، سورۇندا ئۆيى يىراق، يېشى كىچىك، مېيىپ بالىلار بولسا باشقىلارنىڭ ئاپىرىپ قويۇشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەشرەپ ئەھلى مەشرەپتىن سىرت يەنە جەمئىيەتتىكى، ئۆز مەھەللىسىدىكى ئۆلۈم–يېتىم، توي–تۆكۈن ئىشلىرىدا يىگىت بېشى ئوتتۇز ئوغۇلنى يەرلىك كولاش، مېيىت ئۇزىتىش، دەپنە قىلىش ئىشلىرىنى بېجىرىشكە بۇيرۇيدۇ. تويدا باشتىن–ئاخىر ساھىبخانغا ياردەملىشىپ مېھمان ئۇزىتىشىپ بېرىدۇ. ھەتتا قىز–ئوغۇلنىڭ تويلىرىدا مەشرەپتىكى ئەڭ قىزغىن نومۇرلارنى ئىجرا قىلىدۇ ۋە قىز–يىگىتنى ھوجرىسىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ. ئەگەر شۇ مەھەللىدە ياكى يۇرتتا تەبىئىي ئاپەت كۆرۈلسە مەشرەپ ئەھلى جان پىدالىق بىلەن ياردەم قىلىشنى شەرەپ ھېس قىلىپ ياردەمدە بولىدۇ.

    يىغىپ ئېيتقاندا ئىلى مەشرىپى ساپ ھاۋالىق، مۇنبەت بىر يۇرتتىكى كۈلكە–چاقچاققا ئامراق، مەردۇمەردانە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ خاراكتېرىگە ماسلاشقان مەنىۋى پائالىيەت. ئۇ خەلق ئارىسىدىكى ناخشا–ساز ۋە كۈلكە–چاقچاقتا تەبىئىي تالانتى بار كىشىلەرگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىشتىن سىرت، ئاۋام ئارىسىدىكى ئېسىل قائىدە–يوسۇن، ئۆرپ–ئادەت ۋە تىل ئادىتى قاتارلىق مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ساقلاپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس بولىدىغان ئەنئەنىۋى مەرىكىدۇر.

    مەنبە: «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى 2008–يىللىق 5–سان


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.