مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ھۈنەر–سەنئىتى توقسۇ ناھىيەسىدە نەچچە ئەسىردىن بۇيان، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن.
توقسۇ ناھىيەسى قەدىمكى كۈسەن خانلىقى تەۋەسىدىكى مۇھىم بىر يۇرت بولۇپ، مىلادىيە 13-ۋە 15-ئەسىرلەردە قەدىمكى كۈسەن خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان كۇچا ناھىيەسىدىن چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ھۈنەر–سەنئىتى توقسۇغا كىرگەنلىكى مەلۇم. ‹‹كۈسەن مەدەنىيىتى››نىڭ شاھىدى بولغان قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، سودا، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ، چارۋا گۆشى، سۈت، قېتىق، قايماق ... قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغان، كىيىم-كېچەك جەھەتتە چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېرىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ كىيگەن ۋە ئىپتىدائىي ھالەتتىكى باربىت، قالۇن، راۋاب، داپ، دۇتار، دۇمباق، ناغرا، سوناي، پەنجىتار... قاتارلىق چالغۇلارنى ياساپ چېلىپ كەلگەن. ئومۇمەن، ئۇيغۇرلار ‹‹مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش ھۈنەر-سەنئىتى››گە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھازىرقى زاماندىكى كۆركەم، ئاۋازى ئۆزگىچە يېقىملىق مىللىي چالغۇلىرىنى روياپقا چىقارغان.
خەلق سەنئەتكارلىرى نەغمە قىلماقتا
ئىلگىرى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرى ۋە ئىچىئېرىق يېزىسىدىكى بىر قىسىم قول-ھۈنەرۋەن ئۇستىلىرى ئۇستازلىرىدىن ئۆگەنگىنى بويىچە، سىدام (ھېچقانداق گۈل ۋە رەڭگىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمىغان) دۇتار، تەمبۇر، ساتار، راۋاب، داپ قاتارلىق چالغۇلارنى ئۈجمە ياغىچىدىن ياساپ كەلگەن ھەمدە كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن، شاگىرت تەربىيەلىگەن. ۋەكىللىك ۋارىسلاردىن ئىسمائىل يۇنۇس 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇستازى (ھاپىز نامان) دېگەن كىشىدىن مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساشنى ئۆگىنىپ، ھازىرقى ھايات بار شاگىرتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. ئىسمائىل يۇنۇس 1960-يىللارغا كەلگەندە ئوغلى نۇردۇن ئىسمائىل، قوشنىسى ھېيت ئىمىن، قايۇم قادىر، يۇلتۇزباغ بازىرىنىڭ قۇمكۆل كەنتىدىكى راشى قوشاق، ئۈچقات يېزىنىڭ ئازنابازار كەنتىدىكى نىياز ئاقيول قاتارلىق شاگىرتلارنى تەربىيەلەپ ۋارىس قالدۇرغان. ھازىر ناھىيە تەۋەسىدە ئىچىئېرىق يېزا جاي كەنتىدىن نۇردۇن ئىسمائىل، ھېيت ئىمىن، قايۇم قادىر، ئۈچقات يېزىسىنىڭ ئازنابازار كەنتىدىن نىياز ئاقيول، توقسۇ بازىرىدىن ھىمىت ئىدرىس، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئوسمان ناسىر قاتارلىق 125 كىشىدىن ئارتۇق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ۋارىسلىرى (ئۇستىلىرى) بار. بۇلار ئارىسالدى ۋاقىتلاردا ھەرخىل مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئائىلە ئىقتىسادىنى ياخشىلاپلا قالماي، بەلكى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش تېخنىكىسىنىمۇ خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزگەن. ھازىر بۇلارنىڭ ھەربىرى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 دىن ئارتۇق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساپ، ناھىيە بازىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىپ چىقارماقتا، ئۇلار ياسىغان چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 300 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە بولماقتا. ئۇلار ياسىغان مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان چالغۇ بۇيۇمىغا ئايلىنىپلا قالماي يەنە، بۇ خىل چالغۇلارنىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكىللىرى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەدەنىيەت-سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئائىلىلىرىدە ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دولەتلەردىكى سەنئەتخۇمار خەلقلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان قىممەتلىك چالغۇ بۇيۇملىرى بولۇپ قالدى.
ئۇستىلار چالغۇ ئەسۋاب ياسىماقتا
چالغۇ ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار
ئەگرى سىزغۇچ (بولۇڭ ئۆلچەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سىزغۇچ)، چوت، ھەرە (چوڭ-كىچىك بولۇپ، ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، تۈرى بەش خىلدىن ئاشىدۇ)، پىچاق، رەندە (جىياق رەندىسى، ياپسا رەندىسى، كالتە رەندە، مۇش رەندە، ۋاسا رەندە، كىچىك رەندە قاتارلىقلار)، ئۈشكە، قاتارلىقلار چالغۇ ياساشتىكى ئاساسلىق قوراللار ھېسابلىنىدۇ.
ئۈجمە ياغىچى، ئۆرۈك ياغىچى، ياڭاق ياغىچى، سۆڭەك (ئات، كالىنىڭ قۇۋرۇغا سۆڭىكى، كالا مۈڭگۈزى، سۇلياۋ، بىرىكمە ماتېرىيال، يىلىم (ياغاچ يەملەشتە ئىشلىتىلىدىغان يىلىم) تار، تېرە (ئات، ئېشەك، يىلان تېرىسى) قاتارلىقلار چالغۇ ياساشتىكى ئاساسلىق ماتېرىياللار ھېسابلىنىدۇ.
چالغۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ:
(1) ماتېرىيال جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى: دۇتار، تەمبۇر، راۋاب، ساتار، داپ قاتارلىقلارغا ماتېرىيال تاللاش ۋە ياساشتا ئوخشاشلا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان بولۇپ، ئۈجمە، ئۆرۈك، ياڭاق ياغىچى تاللىنىپ، گۈل-گۈلى بويىچە تەييارلاپ ئىشلىتىلگەچكە، سىرتقى شەكلى كۆركەم بولۇپ، ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
(2) مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى: ئۇلار مىللىي چالغۇ بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئائىلىلەردە، مۇراسىملادا، ھەرخىل ئاممىۋى يىغىلىش ۋە كۈڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. چوڭلار، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورتاق ئىشلىتىشىگە ماس كېلىشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
(3) ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى: مىللىي چالغۇلارنى ياساش خەلق ئىچىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ماتېرىيالىمۇ خەلق ئىچىدىن چىقىدۇ. ياساش ئۇستىلىرىمۇ خەلق ئىچىدە بولۇشتەك خەلقچىللىق ئەنئەنىسىگە ۋە قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شەكىل جەھەتتە ئومۇملاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
(4) مەھسۇلات جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى: ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئەت خاراكتېرىگە ھەم ۋارىسچانلىققا ئىگە، ھەم قەدىمكى بىلەن ھازىرقى زامان تېخنىكىسى بىر گەۋدىلەشكەن، ھەم قەدىمىيلىكنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان قىممەتلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك بۇيۇملۇق خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇ يەنە مىللىي چالغۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن يەككە چېلىشقا، باشقا چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقا ماس كىلىدىغان ئۇنىۋېرساللىققا، مەنىۋى گۈزەللىككە ۋە نەپس ھۈنەر-سەنئەت ئالاھىدىلىكىكە ئىگە.
توقسۇدىكى ئۇستىلار ياسىغان تۈرلۈك چالغۇلار
ئومۇمەن، دۇتار، تەمبۇر، راۋاب، داپلار مىللىي چالغۇ ئەسۋابى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ قىممەتلىك خەلق مەدەنىيەت مىراسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇنى قېزىش، قۇتقۇزۋېلىش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش نۆۋەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 2000-يىلىدىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ۋە توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى ئىچىئېرىق يېزا جاي كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش قول ھۈنەر-سەنئىتىنى تەكشۈرۈپ–تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنى قول ھۈنەر–سەنئەت تۈرىگە كىرگۈزۈشنى بېكىتتى. يەنە كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتتىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا بۇ ھەقتە تەجرىبە–تەتقىقات دوكلاتى تەييارلاپ، ئۇنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈشكە يوللىدى.
2006-يىلى توقسۇ ناھىيەلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، قول ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسى ۋارىسلىرىنىڭ ئاغزاكىي بايانلىرىنى ئۈنگە ئېلىش، خاتىرىلەش ۋە سىنئالغۇغا ئېلىپ، VCD ياكى DVD پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق بۇ خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتتى ھەمدە كۆپ قېتىم چوڭ تىپتىكى خەلق قول ھۈنەر-سەنئىتى بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇردى. ئىچىئېرىق يېزىسنىڭ جاي كەنتىنى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش كەنتى، ئالاھىدە كەنت ھەمدە مۇھىم قوغدىلىدىغان رايون قىلىپ بېكىتىپ، بۇ كەنتنى ئەسلى خۇسۇسىيىتى بۇيىچە قوغداش كۈچەيتىلدى. جاي كەنتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تەرتىپكە سېلىش، ياخشىلاش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئېلىپ باردى ھەمدە بۇنىڭغا ناھىيە مالىيەسىدىن 220 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىلدى.
ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى (پولات ئابدۇكېرىم خوجا فوتوسى)
ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش ھۈنەر-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاپ، مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش تېخنىكىسى ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇپ چىقتى. مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش تېخنىكىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كەسىپكە ئېتىبار بېرىش، قوغداش ۋە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتتى. مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، خەلق ئىچىدە بىر تۈركۈم ۋارىسلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى ھەمدە مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ئۇستىلىرىغا ياردەم پۇلى بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ. ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى.
بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش كەسپى كۆلەملىشىش ۋە كەسىپلىشىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە .