يوللانغان ۋاقتى : 2013-05-21 مەنبەسى : ئاقيول تورى كۆرۈلىشى:
بىسىپ چىقىرىش
ئاقيول تورى خەۋىرى:
جوڭشىڭ يانفۇنىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 500مىليۇن يۈرۈشكە يەتتى

ئاقيول تورى ئۈمىد 19-كۈنى خەۋىرى :تۈنۈگۈن جوڭشىڭ شىركىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15يىل بولغان كۈندە ، جوڭشىڭ يانفۇنىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 500مىليۇن يۈرۈشكە يېتىپ ، مال چىقىرىش مىقدارى جەھەتتە پۈتۈن دۇنيا بويىچە 4-ئورۇنغا ئۆتتى . ھازىر يانفۇن سېتىشتى قىلغان كىرىم بۇ شىركەتنىڭ ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 40%نى ئىگەللىدى .جوڭشىڭنىڭ باش مۇدىرى خوۋۋېيگۈي تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، گۇرۇھىمىز بۇنىڭدىن كېيىن يانفۇن كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ، 2015-يىلىغا بارغاندا يانفۇن كەسپىدىن قىلغان كىرىمنىڭ ئومۇمىي كىرىمدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى 50%گە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ . جوڭشىڭنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى خې شې يوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، جوڭشىڭ ھازىر تېخنىكا جەھەتتە خەلىقئارالىق ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى ، بىراق ماركا قىممىت يەنىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ . جوڭشىڭنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى نىشانى يانفۇن مال چىقىرىش مىقدارى جەھەتتە پۈتۈن دۇنيادا ئالدىنقى 3-ئورۇندا تۇرۇش ، ماركا قىممىتى جەھەتتە 5-ئورۇنغا ئۆتۈش ، شۇنداقلا ئوتتۇرا قاتلامدىكى يانفۇن بازىرىدا باشلامچىلىق ئورۇننى ئىگىلەش ئىكەن . |
( تەھرىر : ئاقيول تورى )
oyunlar bu yarga
rasim bu yarga
sahipa
tantarbiya
xahislar
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزدىكى بەزى ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号