ئالما شىركىتىنىڭ تۆۋەن باھالىق يانفونى iPhone 5C ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، كىشىلەر ئەمدىلىكتە ئالما شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ يېڭى بولغان مەھسۇلاتىنى بىلىشكە قىزىقىۋاتىدۇ، مەسىلەن، ئالما ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋېزورى iTV دىگەندەك. ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ بۇ يىل ئاخىرى ۋە كىلەر يىلنىڭ باشلىرىدا ئالما شىركىتى ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ قالتىس مەھسۇلاتلارنى سۇنىدۇ،دېگەن سۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، كىشىلەرنىڭ iTV گە بولغان قىزىقىشىنى يەنىمۇ بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى.
ئۇنداقتا، كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئالما تېلېۋېزورىغا شۇنچە قىزىقىدۇ؟ ھازىرقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋېزور بازىرىغا قارايدىغان بولساق، سامسۇڭ، سونىي ۋە لىيەنشىياڭ قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنىڭ ئاندىرويىد سىستېمىلىق تېلېۋېزورلىرى بازارنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ، بىراق، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار تېخى كۆپ ۋاستە مەنبەلىرى، قوللىنىشچان ئەپ ۋە تېلېۋېزىيە نۇمۇرلىرىنىڭ مۇكەممەل دەرىجىدە بىرلىشىشىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىدى. App Store ۋەiTunes غا ئىگە بولغان ئالما شىركىتىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، ئەگەر ئالما تېلېۋېزورى ئوتتۇرىغا چىقسا، ئەپ ئاچقۇچىلار پۇل تېپىشنى كۆزلەپ بولسىمۇ ئېسىل تېلېۋېزور ئەپلىرىنى بەس-بەستە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، بۇ دەل ئىستېمالچىلار قىزىقىدىغان بىر نۇقتا. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە ئالما تېلېۋېزورىدا نامايەن قىلىنىشى مۇمكىن بولغان ئاساسلىق ئىقتىدارلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى.
تېزگىنەك
تېزگىنەك بولسا ئابونت بىلەن تېلېۋېزورنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان مۇھىم ھالقا، ئالما شىركىتى بەلكىم iTV گە ئاتاپ مەخسۇس ئىشلەنگەن تىزگىنەك ياساپ چىقىشى مۇمكىن، بەلكىم ئۇنىڭغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋاز سىستېمىسى بولغان Siri مۇ قاچىلىنىپ، ئالاھىدە مەشغۇلات تۇيغۇسى يارىتىشى مۇمكىن.
قانال
ئالما تېلېۋېزورى ھەرگىزمۇ تېلېۋېزىيە نۇمۇرلىرىغا كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايدۇ، بەلكىم ئۇنىڭغا ئالاھىدە سىگنال قۇتىسى سەپلىنىشى مۇمكىن، باشقىچە ئېيتقاندا، ئالما شىركىتى تېلېۋېزور ئىشلەپچىقىرىشتا مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى مەزمۇنىنى سېتىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ سىستېمىغا كۆپ مىقداردىكى قوللىنىشچان پىروگرامما ۋە باشقا مەزمۇنلارنى قوشۇشى مۇمكىن.
ئاۋاز ئۈنۈمى
نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كۆپ قىسىم تاختا تېلېۋېزورلارنىڭ ئاۋاز ئۈنۈمى بەك ناچار، ئالما شىركىتى بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتۇپ، iTV نىڭ ئاۋاز ئۈنۈمىنى يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ئۇلار iMac كومپىيۇتېرىدىكى ئىلغار تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئالاھىدە سەۋىيەدىكى ئاۋاز ھاسىل قىلىش ياكى سىمسىز ياڭراتقۇ دىگەندەك ئۇقۇملار ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئاۋاز ئۈنۈمىنى ئەڭ ياخشى قىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
سېتىلىش باھاسى
باھاسى جەھەتتە، ئالما شىركىتى ئەگەر ئوخشاش بولمىغان چوڭلۇقتىكى iTV نى بازارغا سالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ باھاسىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئىستېمال قاتلىمىغا ماسلاشقان بولىدۇ. تۆۋەندىسىكى تاراتقۇلاردا مۆلچەرلەنگەن باھالار:
42 دىيۇملۇق iTV نىڭ باھاسى (ياڭراتقۇ سەپلەنمىگەن): 999 فوندستېرلىڭ؛
55 دىيۇملۇق iTV نىڭ باھاسى(ياڭراتقۇ سەپلەنمىگەن): 1599 فوندستېرلىڭ؛
42 دىيۇملۇق iTV نىڭ باھاسى(AirPlay ياڭراتقۇسى سەپلەنگەن): : 1299 فوندستېرلىڭ؛
55 دىيۇملۇق iTV نىڭ باھاسى(AirPlay ياڭراتقۇسى سەپلەنگەن): 1899 فوندستېرلىڭ؛