• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئەرەب دۇنياسى 2 - قېتىملىق ئىنقىلابقا كىرىپ قالدىمۇ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-08-07 22:08:00
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2010 – يىلىنىڭ ئاخىرى، تۇنىسلىق بىر يايمىچىنىڭ ئۆلۈمى «ئەرەب باھارى» نىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب دۇنياسىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئىككى يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئەرەب دۇنياسىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت ــــ مىسىردا يەنە توپىلاڭ يۈز بەردى.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    مىسىردىكى توپىلاڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا. 30 – ئىيۇل، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مورسىينىڭ قوللىغۇچىلىرى مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ «قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىش» نى ئەيىبلىدى. 26 – ئىيۇل، مورسىينىڭ قوللىغۇچىلىرى بىر قانچە چوڭ شەھەرلەردە كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلىپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، توقۇنۇشتا 80 ئادەم قازا قىلغان، 800 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. بەزى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ناسىر شەھىرىنىڭ ئاداۋىيە مەسچىتى ئەتراپىدىكى توقۇنۇشتا 200 ئادەم قازا قىلىپ، 4500 ئادەم يارىلانغانىكەن. مېدىيالار بۇنى «قانلىق راسومان» دەپ ئاتىغان.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    25 – ئىيۇل «ئەرەب باھارى» باشلانغان تۇنىستا ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ داھىيسى مۇھەممەد بىراھمى قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن شەھەردە ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى يۈز بەردى. 27 – ئىيۇل، نەچچە مىڭ نامايىشچى «ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتى» رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنى تارقىتىشنى تەلەپ قىلدى.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    قاتتىق قول رەھبىرى كازافىدىن ئايرىلىپ قالغان لىۋىيەنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار بولدى. 26 – ئىيۇل، داڭلىق ئادۋوكات، سىياسىيون ئابدۇسالام موسمارىي قەستكە ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن لىۋىيەدە يەنە بىر قېتىم پاراكەندىچىلىك يۈز بەردى. كەڭ كۆلەمدە تۈرمىدىن قېچىش ۋە ئاپتوموبىل بومبا پارتلاش ۋەقەسىمۇ ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىپ، لىۋىيە ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتتى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، تىرىپولى شەھىرىدە 1000 دىن ئارتۇق ئامما شەھەر مەركىزىدىكى قەھرىمانلار مەيدانىغا يىغىلىپ، كىشىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ قەستلەش ۋەقەسىگە تەدبىر قوللانمىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈشكە چاقىردى.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى


    mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى


    mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى


    mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» يېقىندا تۇنىس بىلەن لىۋىيە ۋەزىيىتىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: مىسىر ئارمىيەسى خەلق سايلىغان تۇنجى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، 2011 – يىلى شىمالىي ئافرىقىدىكى زوراۋان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان ئىككى دۆلەتمۇ بېسىم ھېس قىلىشتى. غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا ئەللىرى تارىخ، مىللەت ۋە دىن جەھەتتە «قانداشلىق» قا ئىگە بولغاچقا، بىر دۆلەتتە ئىش چىقسا، قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: مىسىر، تۇنىس ۋە لىۋىيەدە كۆرۈلگەن داۋالغۇشنىڭ تىغ ئۇچى ئاساسەن دىنىي كۈچلەرگە قارىتىلغان.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    مىسىر ئارمىيەسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىدىن كېلىپ چىققان مورسىينى ئاغدۇردى. تۇنىسدىكى نامايىشچىلار «ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتى» رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنى تارقىتىشنى تەلەپ قىلدى. لىۋىيەدىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى قۇرغان «ئادالەت ۋە قۇرۇلۇش پارتىيەسى» بىلەن «لىۋىيە دۆلەت كۈچى ئىتتىپاقى» نىڭ باش ئىشتابىغا باستۇرۇپ كىرىپ، پارتىيە - گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش لىۋىيەنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويدى ۋە قەست قىلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋەتتى دەپ ئەيىبلىدى. ئۇلار يەنە پارلامېنت ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىپ، قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    «ئەرەب باھارى» نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، نۇرغۇن دۆلەتتە دىنىي تۈسكە ئىگە سىياسىي پارتىيە تەختكە چىققان. خۇددى غەرب مېدىيالىرى دېگەندەك، مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى دېموكراتىك سايلامدا، دىنىي تۈسكە ئىگە پارتىيە باش كۆتۈردى.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    فىرانسىيەنىڭ «دۇنيا گېزىتى» تور بېكىتى مۇنداق دېدى: مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىدىن بولغان مورسىينىڭ تەقدىرى دىنىي كۈچلەرنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. چۈنكى دىنىي تۈسكە ئىگە پارتىيە ئىقتىسادنى باشقۇرالمايدۇ، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ باشقا پارتىيە بىلەن بىللە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقى ۋە باشقا پارتىيەنى چەتكە قاقىدىغانلىقى سەۋەب بولغان.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
    mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» تور بېكىتى مۇنداق دېدى: مىسىردا يۈز بەرگەن بۇ كۆرۈنۈش پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، دىندىن خالىي دۆلەت قۇرۇشنى قوغدايدىغانلار دىنىي كۈچلەرنىڭ قولىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشى مۇمكىن.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىسىرنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. خۇددى گېرمانىيەنىڭ «ئەينەك» ژۇرنىلى خەۋەر قىلغاندەك، يېڭى پاراكەندىچىلىكتە مىسىر ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ بىر قانچە ئەۋلاد كىشىلىرى زور خىرىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مىسىر ۋەزىيىتى تىنچلىنىدىغاندەك ئەمەس. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: مىسىر ئارمىيەسى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى قاتمال ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ، ھېچكىم بىر – بىرىگە يول قويىدىغاندەك ئەمەس. بۇ ۋەزىيەت ئوڭشالمايدىكەن، مىللىي مۇرەسسە قىلىش ياكى يېڭى دېموكراتىك مۇساپىنى قايتا باشلاش تەشەببۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس. خەلقئارا جەمئىيەت مىسىر ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىگە مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى ئاشتون يېقىندا مىسىرغا بېرىپ مورسىي بىلەن سۆھبەتلەشتى، ب د ت باش كاتىپى بان كېمونمۇ ھەر قايسى تەرەپكە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، مىسىر ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان مىسىر ئارمىيەسى راستىنلا باش ئىگەرمۇ؟mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    تۇنىستا، 2011 – يىلى نويابىر تۈزۈلگەن ھوقۇق ئايرىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، سابىق زۇڭتۇڭ بىن ئەلى تەختتىن چۈشۈپ ئون ئايدىن كېيىن، تۇنىس «ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتى» ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن، قالغان ئىككى سول قانات پارتىيە «جۇمھۇرىيەت مەجلىسى پارتىيەسى» بىلەن «ئەمگەك ئەركىن دېموكراتىك سېپى» زۇڭتۇڭ بىلەن ئاساسىي قانۇن چىقىرىش يىغىنىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى بۆلۈشىۋالغان. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتىچى گۇرۇھ رەھبىرى مۇھەممەد بىراھمىنىڭ قەستكە ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان سىياسىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى تەرەپ ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    BBC لىۋىيە توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئابدۇسالام موسمارىينىڭ قەستكە ئۇچرىشى بىلەن كېلىپ چىققان يېڭى پاراكەندىچىلىك بۇ دۆلەتنىڭ خەتەرلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. لىۋىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش توختىغىلى ئىككى يىل بولدى، لېكىن ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمەت شەكىللەنمىگەنلىكتىن، نۇرغۇن مۇھىم خىزمەتلەر يۈرۈشمەيۋاتىدۇ. ۋەزىيەتنى قانداق مۇقىملاشتۇرۇش لىۋىيە دائىرىلىرى يۈزلىنىۋاتقان جىددىي مەسىلە.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    يۇقىرىقى بىرقاتار پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇكى، مىسىر ۋەكىللىكىدىكى ئەرەب ئەللىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى قاچان، قانداق ئاياغلىشىدۇ؟ بۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاب بېرەلمەيدۇ.mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى


    mq9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت
    ئەڭ يىڭى خەلىقئارا خەۋەرلىرى