1 - ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىمچە، روزا ھېيتنىڭ كېلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا قوي گۆشى ئىستېمالى كۆرۈنەرلىك ئاشقاچقا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بىلەن مالىيە نازارىتى 3 - ئاۋغۇستتىن 7 - ئاۋغۇستقىچە ئاپتونوم رايوننىڭ قوي زاپىسى گۆشلىرىنى ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، سانجى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى ۋە كېرىيە ناھىيەسىدىن ئىبارەت 17 شەھەر (ناھىيە) دە بازارغا سالىدىكەن، گۆشنىڭ باھاسى رايونلارغا قاراپ 44 يۈەندىن 52 يۈەنگىچە بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك گۆش زاپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەر، زور تەبىئەت ئاپەتلىرى، جامائەت ساغلاملىقىغا دائىر ۋەقەلەر، ھايۋانلاردا يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان بازاردىكى داۋالغۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زاپاس ساقلىغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ چارۋا زاپىسى ۋە توڭلىتىلغان گۆش زاپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايون يېقىنقى يىللاردا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ سەرپ قىلدى، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، گۆشنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، گۆش زاپىسىنى بازارغا سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئاپتونوم رايون بېكىتكەن بۇ يىللىق 25 تۈردىكى 100 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر مەزمۇنى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك سودا تارماقلىرىنىڭ تەمىنلەشكە، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە بازار باھاسى ۋە تەمىناتنى مۇقىملاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم تەدبىرى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
4-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن يامان خاراكتېرلىك ئادەم بۇلاپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پاش قىلىندى
127 ياشلىق ئالمىخان موماي --جۇڭگو ئۆمۈر چولپىنىغا ئايلاندى
ئۈرۈمچىدە بىر ئاممىۋى قاتناش ئاپتۇبۇسغا ئوت كەتتى
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ
شىنجاڭدا 52كىلوگىراملىق كاۋا بايقالدى
شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپكە توردا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىدۇ
‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇياش نۇرى ۋە ھاۋا››
ئالاھىدە ساقچىلار ئۈرۈمچىنى چۆرىدىگەن شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا تەكشۈرۈپ تىزگىنلەشنى كۈچەيىتتى
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۇرىيە مەسىلىسى سۆھبىتىنى بىكار قىلدى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى « بىز غەربنى ھەيران قالدۇرىمىز » دىدى
مىسىر ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى
بېرمادا دىنىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرى كۆيدۈرۋېتىلدى
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدىكى ئۈمىد
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
سۈرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزاھى بۈگۈن پاكسىتانغا زىيارەتكە بارىدۇ
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
