vM2ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

vM2ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
vM2ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
vM2ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
31-ئىيۇل كۈندۈزدىن 3-ئاۋغۇستقىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقىدا تېمپېراتۇرا ئۇدا ئۆرلەيدىكەن ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 37 ، قىسمەن رايونلاردا ℃ 40 تىن ئاشىدىكەن . ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئۇدا بەش كۈن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقىتىپ ، ئاممىغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تاڭشەپ تۇرۇشنى ئەسكەرتكەن .vM2ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
1-ئاۋغۇستتىن 2-ئاۋغۇستقىچە ، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ ، بورلاتا ئوبلاستى ، تارباغاتاينىڭ جەنۇبى ، قاراماي ، شىخو ، قومۇل قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 35 تىن ئاشىدىكەن .vM2ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىزچىل يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغان بولغاچقا ، ئالاقىدار تارماقلار قارنىڭ ئېرىشىدىن پەيدا بولىدىغان كەلكۈن ئاپىتى ، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق گىئولوگىيەلىك ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەككەن .vM2ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ، جۈمە كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 35 قا چىقىدىكەن .vM2ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى