شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى تەرەپ ئاشكارىلىغان ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلدى : پىچان ناھىيەسىدىكى ئېغىر زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى 30-ئىيۇن پاش قىلىنغان .
بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان ، ئەخمەتنىياز سىدىق نۇرغۇن ئادەم توپلاپ ، دىنىي ئەسەبىي پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇققا قۇترىتىدىغان مەزمۇندىكى ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ ، 17 كىشىلىك زوراۋانلىق گۇرۇھىنى شەكىللىگەن . 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان ، بۇ گۇرۇھ مەبلەغ توپلاپ ، تىغلىق ئەسۋاب ، بېنزىن قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى سېتىۋېلىپ ، كۆپ قېتىم پۇرسەت ئىزدىگەن . 25-ئىيۇن ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ، مەزكۇر گۇرۇھنىڭ بىر نەپەر ئەزاسىنى تۇتقان . ئەخمەتنىياز سىدىق جىنايى قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ، 26-ئىيۇن سەھەردە 15 نەپەر توپىلاڭچى بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازارلىق ساقچىخانا ، چارلاش ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتى ، بازارلىق ھۆكۈمەت ، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ، خۇسۇسىي دۇكانلار ۋە ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈرۈپ ، پىچاق بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى ۋە بىگۇناھ ئاممىنى ئەسەبىيلەرچە چېپىپ ئۆلتۈرگەن . ۋەقەدە 24 كىشى ئۆلگەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 16 سى ئۇيغۇر ، سەككىزى خەنزۇ ( ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىككىسى ئايال) ، يەنە 21 كىشى يارىلانغان . دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ، نەق مەيداندا 11 نەپەر زوراۋان ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، يارىلانغانلارنى قوشقاندا جەمئىي تۆت نەپەر زوراۋان تۇتۇلغان ، پىچاق ، بېنزىن باكى قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش ئەسۋبلىرىدىن بىر نەچچىسى قولغا چۈشكەن . قېچىپ يۈرۈۋاتقان ئىبراھىم ئەلى ئىسىملىك بىر نەپەر زوراۋان ئاممىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن 30-ئىيۇن تۇتۇلغان
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
4-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن يامان خاراكتېرلىك ئادەم بۇلاپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پاش قىلىندى
127 ياشلىق ئالمىخان موماي --جۇڭگو ئۆمۈر چولپىنىغا ئايلاندى
ئۈرۈمچىدە بىر ئاممىۋى قاتناش ئاپتۇبۇسغا ئوت كەتتى
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ
شىنجاڭدا 52كىلوگىراملىق كاۋا بايقالدى
شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپكە توردا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىدۇ
‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇياش نۇرى ۋە ھاۋا››
ئالاھىدە ساقچىلار ئۈرۈمچىنى چۆرىدىگەن شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا تەكشۈرۈپ تىزگىنلەشنى كۈچەيىتتى
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۇرىيە مەسىلىسى سۆھبىتىنى بىكار قىلدى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى « بىز غەربنى ھەيران قالدۇرىمىز » دىدى
مىسىر ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى
بېرمادا دىنىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرى كۆيدۈرۋېتىلدى
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدىكى ئۈمىد
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
سۈرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزاھى بۈگۈن پاكسىتانغا زىيارەتكە بارىدۇ
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
