يۇەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: يول قۇرۇلۇشى قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن دۆلەت يولى 30 – لىنىيەسىدىكى چىگىشور، تۇدوگ، سەككىز تۈتۈن، ۋۇتەي ھەق ئېلىش پونكىتىدا 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە ھەق ئېلىش ۋاقىتلىق توختىتىلدى، 2013 – يىل 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى سائەت 21 دىن باشلاپ ھەق ئېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىخۇ – سايرام كۆلى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى ھازىر ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان يول بۆلىكى كۈيتۈن تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ چىگىشور ھەق ئېلىش پونكىتى ۋە بورتالا تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تۇدوگ ھەق ئېلىش پونكىتى، سەككىز تۈتۈن ھەق ئېلىش پونكىتى، ۋۇتەي ھەق ئېلىش پونكىتىغا چېتىلىدىكەن. قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى دائىم دېگۈدەك قىىسمەن يول بۆلەكلىرىدە يول يۈرۈشكە چەكلىمە قويغانلىقتىن، بۇ يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كەلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى يول بۆلەكلىرىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بېرىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەن. شۇڭا، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى يول قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناش راۋانلىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بۇ تۆت ھەق ئېلىش پونكىتىدا ھەق ئېلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغان.
دۆلەت يولى 30 – لىنىيەسىنىڭ شىخودىن سايرام كۆلىگىچە بولغان 1 – دەرىجىلىك يولنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 4 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش بۇلتۇر 6 – ئايدا باشلانغان. شىخۇ – سايرام كۆلى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى شىخۇ شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ شەرقىدىن باشلىنىپ، ئۈرۈمچى – كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن تۇتىشىپ، شىخۇ شەھىرى، گاۋچۈەن دېھقانچىلىق مەيدانى، جىڭ ناھىيەسى، داخېيەنزى بازىرى ۋە بورتالادىكى ئاچال قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، سايرام كۆلىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 298.976 كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 39.881 كىلومېتىر يول يېڭىدىن ياسىلىدۇ، 259.095 كىلومېتىر يول ئۆزگەرتىپ ياسىلىدۇ، قۇرۇلۇش كېلەر يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرى تاماملىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
4-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن يامان خاراكتېرلىك ئادەم بۇلاپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پاش قىلىندى
127 ياشلىق ئالمىخان موماي --جۇڭگو ئۆمۈر چولپىنىغا ئايلاندى
ئۈرۈمچىدە بىر ئاممىۋى قاتناش ئاپتۇبۇسغا ئوت كەتتى
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ
شىنجاڭدا 52كىلوگىراملىق كاۋا بايقالدى
شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپكە توردا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىدۇ
‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇياش نۇرى ۋە ھاۋا››
ئالاھىدە ساقچىلار ئۈرۈمچىنى چۆرىدىگەن شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا تەكشۈرۈپ تىزگىنلەشنى كۈچەيىتتى
ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۇرىيە مەسىلىسى سۆھبىتىنى بىكار قىلدى
سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى « بىز غەربنى ھەيران قالدۇرىمىز » دىدى
مىسىر ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى
بېرمادا دىنىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكانلىرى كۆيدۈرۋېتىلدى
« تۈرمىدىن قېچىش » فىلىمىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى
ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدىكى ئۈمىد
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
سۈرىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئافغانسىتان زۇڭتۇڭى كارزاھى بۈگۈن پاكسىتانغا زىيارەتكە بارىدۇ
ئاقچى ناھىيىسىدە كەلكۈن كېلىپ 5ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەم يۇقاپ كەتكەن
