يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاز ساندىكى جىنايەتچى ئۇنسۇرلار پىلانلاپ يولغا قويغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەردى. جىنايەتچى ئۇنسۇرلار ئاساسىي قاتلامدىكى ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈردى، قوللانغان ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ، جىنايى ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن يامان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىگە ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلدى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئىناق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيەتكە بولغان بۇزغۇنچىلىقى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرتىپى، ئىنسانلار مەدەنىيلىكىنىڭ ئورتاق چېكىگە قىلىنغان غالجىرانە ئىغۋاگەرچىلىكتۇر.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى سەھىپىنى ياراتتى. ھەر مىللەت خەلق مۇقىملىققا، تەرەققىياتقا، ئىناقلىققا ئىنتىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئارزۇ ۋە ئىشەنچكە تولدى. بۇ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ياخشى ۋەزىيەت تەسكە قولغا كەلدى، ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك.
تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئىناق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشتە، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بىز جەزمەن ئىدىيەۋى تونۇشىمىزنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرى بويىچە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئانالىز، ھۆكۈملىرى ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى خەۋپ – خەتەر ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كاللىمىزنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ھوشيارلىقىمىزنى ئاشۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كۈتىسىز ئورۇنداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بايرىقىمىز روشەن ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشتە، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتچىلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ تېررورلۇق كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ، شىنجاڭنى ۋەتەننىڭ قوينىدىن ئايرىۋېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى بىر مەيدان ھايات – ماماتلىق سىياسىي كۈرەش. بىز كۆڭلىمىزنى بىر يەرگە ئەكىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان پولات ئىستىھكامنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشتە، ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىشىمىز كېرەك. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇرلار ھەر قانداق بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق قان تومۇرى، بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى. ئومۇمىيەتنى تونۇپ، ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەكدىللىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشتە، بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز ۋە بۇرچ ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى مەۋقە قىلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن جەمئىيەت ئامانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پائال ئاتلىنىپ، ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ھازىردىن باشلاپ، ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئەمەلىيەتچى، نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پائال ئاتلىنىپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئىناق، مۇقىم بولغان ۋەزىيەتكە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، يانفون قىسقا ئۇچۇرلىرىدا: ‹‹ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئىشلار گۈزەل شىنجاڭ تۇپرىقىدا يەنە بىر قېتىم يۈز بەرگەندە، ئىرادىمىز تېخىمۇ چىڭىدى، ئېتىقادىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى، قەدىمىمىز تېخىمۇ پۇختا ئېلىندى››، ‹‹چۈنكى بىز ئۆزىمىز تۇغۇلغان، ئۆسۈپ چوڭ بولغان شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنى سۆيىمىز، بۇ تۇپراقتا بىز بىرلىكتە ياراتقان كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز، ھازىرقى شىنجاڭ سىز ۋە ماڭا موھتاج، بىزنىڭ جاي ئايرىماي، مىللەت ئايرىماي، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىشىمىزگە موھتاج›› دېگەن سۆزلەر تارقالدى. تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەت ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز.
ھەممىمىز بىرلىكتە جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئالغا ئىنتىلىپ، ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ھەر قانداق توسقۇنلۇقتىن قايمۇقماي، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە ئىرادە، تولۇپ تاشقان جەڭگىۋارلىق، يەنىمۇ غەيرەت بىلەن گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق، مۇقىم شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى.