تەۋسىيەلىك يانفۇن بىلىملىرى
ئاۋات يانفۇن بىلىملىرى
دۇنيادىكى تۇنجى ئەمالار يانفۇنى بارلىققا كەلدى
ئاقيول تورى ئۈمىد 27-كۈنى خەۋىرى :ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، يىقىندا ھىندىستاندىكى بىر تەتقىقات ئورنى تۇنجى قېتىم ئەمالار يانفۇنىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپتۇ . بۇ يانفۇن ئارقىلىق ئەما كىشىلەر قىسقا ئۇچۇر يوللاش ، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاش ۋە تېلېفۇن ئۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدىكەن .
تەتقىقات ئورنى بۇ يانفۇننى تەتقىق قىلىپ ياساشقا تەخمىنەن ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، يانفۇندىكى ئادەتتىكى يېزىق شەكلىنى ئەمالار يېزىق شەكلىگە ئايلاندۇرغان . بۇ يانفۇننىڭ ئاساسلىق كەشىپ قىلغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان Sumit Dagar مۇنۇلارنى دېدى ، يەنى بىز دۇنيادىكى تۇنجى ئەمالار يېزىقىدىكى يانفۇننى كەشىپ قىلدۇق ، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال ، بىز يانفۇننىڭ ئادەتتىكى سېزىمچان ئېكران تىخنىكىسى ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى بىر خىل تېگىش سېزىم ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈردۇق . بۇ يانفۇن سىناق جەريانىدا ناھايىتى قىزغىن قارشى ئىلىشقا ئىرىشتى ، بۇ يانفۇن ئەمالار ئۈچۈن بىر يانفۇن بولۇپلا قالماي ، يەنە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ياخشى ھەمراھى بولۇپ قالغۇسى . كەلگۈسىدە ، بىز يەنە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى يانفۇنلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىمىز .
( تەھرىر : ئاقيول تورى )
ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ