يوللانغان ۋاقتى : 2013-05-21 مەنبەسى : ئاقيول تورى كۆرۈلىشى:
بىسىپ چىقىرىش
ئاقيول تورى خەۋىرى:
450يۈەنلىك نوكىيا Asha 210 يانفۇنى

ئاقيول تورى ئۈمىد 25-كۈنى خەۋىرى :يىقىندا نوكىيانىڭ Asha يانفۇن تۈرىگە يېڭىدىن بىر ئەزا نوكىيا Asha 210 قوشۇلماقچى بولىۋاتىدۇ . بۇ كۇنۇپكا تاختىسى بار ئەقلىفۇن بولۇپ ، بىرلا ۋاقىتتا تاق كارتىلىق ۋە قوش كارتىلىق ئىككى خىل نۇسخىسى تارقىتىلىدىكەن ، بۇ يانفۇن كۇنۇپكا تاختىسى بار ئەقلىيفۇنلار ئىچىدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىشى مۇمكىن .
Asha210 يانفۇنىغا بولسا 2.4 سۇڭلۇق QVGA ئېكران ۋە تولۇق كونۇپكا تاختىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئاساسلىقى ياشلارغا ماسلاشتۇرۇلۇپ لايىھىلەنگەن ئىكەن . باشقا سەپلىمىلىرى جەھەتتەAsha210 يانفۇنىغا 2مىليۇن پىكسىللىق كامېرا ، 64MB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ ، SD كارتا ئارقىلىق يانفۇن سىغىمىنى 32GB غا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يانفۇن يەنە Wi-Fi تورىغا ئۇلىنىشنى قوللايدىكەن ،Asha210 يانفۇنىنىڭ قوش كارتا نۇسخىسىغا يەنە كارتىنى تېز سۈرئەتتە ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ ، يانفۇننى ئېتىۋەتمەي تۇرۇپلا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كارتىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن .
بۇ يانفۇننىڭ يەنە ئاق ، قارا ، سىرىق ، يىشىل ، ھال رەڭ قاتارلىق كۆپ خىل رەڭلىرى بار بولۇپ ، بۇ پەسىل ئىچىدە بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن . ھازىر بۇ يانفۇننىڭ باھاسى تەخمىنەن 75 ئامېرىكا دوللىرى يەنى 450 يۈەن ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ ، ئەگەر راستلا مۇشۇنداق بولۇپ قالسا بۇ ئەقلىيفۇن ياخشى بولغان ئىقتىدارى ۋە ئەرزان باھاسى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ . |
( تەھرىر : ئاقيول تورى )
oyunlar bu yarga
rasim bu yarga
sahipa
tantarbiya
xahislar
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزدىكى بەزى ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号