تېڭشۈن تورى : روسىيەئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ 2- ئاۋغۇستىكى خەۋىرىدە ، ئىران يېڭى زۇڭتۇڭ ھاسان . روھانى سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى :" ئىسرائىلىيەنى يوقىتايلى ! "
روھانى 2- ئاۋغۇست خەلقئارالىق يىروسالىم كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا مۇنداق دىدى : " كۆپ يىللاردىن بۇيان يەھودىلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئىدىيىسى ئىسلام دۇنياسىغا يۈرىكىنى مۇجۇپ كەلدى ، شۇڭا بىر يۈرەكنى مۇجىيدىغان بۇ ئۆسمىنى ئېلىۋېتىشىمىز كېرەك "
ئىگىلىنىشىچە ، ئىران داھىيسى خامىنەيى زۇڭتۇڭ سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، روھانى 3-ئاۋغۇست رەسمىي زۇڭتۇڭلۇق ھوقوقىنى ئۆتكۈزىۋالىدۇ ، ھەمدە 8- ئاينىڭ 4- كۈنى ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ .
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى : ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گىزىتى» نىڭ 15-ئىيوندىكى خەۋىرىدە ، ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى 15-ئىيون ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى بىردىنبىر دىنى زات، سابىق ئىران يادرو سۆھبىتى بىرىنچى ۋەكىلى، ئىران مۆتىدىل كونسىرۋاتىپلارنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، 64 ياشلىق ھەسەن روھانى (Hassan - Rohani) ئىراننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىپ چىقتى .
ھەسەن روھانى 1948-يىلى ئىراننىڭ سوئۇرخې (Suoer He) شەھىرىدە تۇغۇلغان، كېيىن شوتلاندىيەدىكى گلاسگوۋ كالېدونىيان ئونىۋېرسىتېتى (Scotland's Glasgow Caledonian University) دە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھەسەن روھانى ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا دىننى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 1979-يىلىدىكى ئىنقىلابتىن بۇرۇنلا ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھۈمەينى (Khomeini) نى قوللاشقا باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، ئانا تىلى پارس تىلىدىن باشقا، ھەسەن روھانى يەنە ئىنگىلىز تىلى، گىرمان تىلى، فىرانسوز تىلى، روس تىلى ۋە ئەرەب تىلىنى ناھايىتى پۇختا ئىگىلىگەن . ئۇنىڭ يەنە ئەنگىلىيە گلاسگوۋ كارد لىدونىيان ئونىۋېرسىتېتى (University of Glasgow card Liduonian) نىڭ قانۇن پەنلىرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغىمۇ ئېرىشكەن .
1979-يىلىدىن كېيىن ھەسەن روھانى ئىران ھۆكۈمىتىدە 10 نەچچە يىل مابەينىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا، 1980-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە پارلامىنت ئەزاسى، 1989-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ئالى دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتىتىنىڭ كاتىپى، 1999- يىلىدىن بۇيان «مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى» (مەزكۇر ئورگان دىنى زاتلاردىن تەشكىل تاپقان ئەڭ ئالى رەھبەر تاللاپ چىقىدىغان كومىتىت ھىسابلىنىدۇ.) نىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلگەن، ھەسەن روھانى ئىران زۇڭتۇڭى بولۇشتىن بۇرۇن يەنە «دۆلەت مەنپەئەتى كومىتىتى» نىڭ ئەزاسى بولغان بولۇپ، بۇ دەل ئالى رەھبەرلىك ئورنىنىڭ ۋارىسلىق نامزاتى بولۇشنىڭ مۇھىم بىر شەرتى بولۇپ قالغان ، بىراق تېخىمۇ مۇھىمى ھەسەن روھانى مەزكۇر ئالى رەھبەرنىڭ مەسلىھەت كىڭىشىگە تەۋە بولغان ئىستىراتىگىيىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى بولغان.
ئىراندا ئىسلاھاتچىلار گوروھىغا تەۋە زۇڭتۇڭ خاتامى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ھەسەن. روھانى 2003-يىلىدىن 2005 -يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئىران يادرو سۆھبىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان. بۇ مەزگىلدە روھانى ئوراننى قويۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە مەسئۇل بولۇپ، ئوران قويۇلدۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ غەرب ئەللىرىنىڭ ئىرانغا بولغان بېسىمىنى يىنىكلەتكەن . ئىران يادرو پىلانى 2002-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن جامائەتچىلىككە ئاشكارلانغان.
ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئەھمەدى . نىجادقا سېلىشتۇرغاندا، ھەسەن . روھانى خەلقئارا مەسىلىلەر جەھەتتە بىر قەدەر مۆتىدىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ۋەدە بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە باشقىلارنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىپ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىران يادرو مەسىلىسىمۇ بار. ھەسەن روھانى گەرچە غەرب ئەللىرىگە قەتئىي باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا خەلقئارا بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، يېقىن مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرانغا قارىتىۋاتقان ئېغىر ئىمبارگوسىنى ينىكلىتىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان.
ھەسەن . روھانى بۇ قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى بىردىنبىر دىنى زات بولسىمۇ، بىراق مۆتىدىل كونسىرۋاتىپلارنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن، سابىق زۇڭتۇڭ خاتامى (Khatami) ۋە رافسانجانى (Rafsanjani) قاتارلىقلىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇندىن باشقا ھەسەن روھانىنىڭ ئىراننىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى خامىينى (Khamenei) بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان . چۈنكى خامىينى ئىراندىكى بارلىق سىياسەت ۋە بارلىق سىياسى مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ئىمتىيازلىق ھەل قىلغۇچىسى ۋە بىر تەرەپ قىلغۇچىسى بولغاچقا ، روھانىنىڭ ئۇنىڭ بولغان يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلىغانلىقى بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قىلىشىنىڭ يەنە بىر ئاساسى بولۇپ قالغان .
ھەسەن . روھانى بۇ قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە ئىسلاھات توغرىسىدا خېلى كۆپ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى سىياسى جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىدىغانلىقى، خەلقنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلەش جەريانىدا، ئۇ ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن ئىراندا چەكلەنگەن بەزى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى، مەسىلەن، دۇنيادىكى كۆپ قىسىم چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قاتماللاشتۇرىۋىتىپ بارغان ئىران يادرو مەسىلىسى، ئېغىر بولغان خەلقئارالىق ئىمبارگوسى، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە شۇنداقلا ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورنى قاتارلىقلار. ئۇ ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ۋەدە بېرىپ ئىراننىڭ كونا رەقىبى ئامېرىكا بىلەن 1979-يىلىدىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۆنۈگۈن ئاخشام سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېڭى ئاي كۆرۈلمىدى
پاكىستاندىكى كەلكۈنى ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 53 گە يەتتى
روھانى « ئىسرائىلىيەنى يوقىتايلى ! » دىدى
ياپونىيەدە 5 بال يەر تەۋرىدى
ئامېرىكىدىكى جىنسىي قۇل قىلىش ۋەقەسىدىكى جىنايەتچى 1000 يىل تۈرمىگە نەزەربەنت قىلىندى
ھىندىستاندا 5.4 بال يەر تەۋرىدى
زىمبابۋىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى باشلاندى
گىرمانىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بوۋاق تۇغۇلدى
سۈرەتلىك خەۋەر : تالىبان ھۇجۇم قىلغان تۈرمە
يىنىستانىڭ مىس ھەيكىلى
ياپۇنىيە ئۆزىنى قوغداش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى
ئالىملار نۇر چىقىرىدىغان توشقان يېتىلدۈرۈپ چىقتى
ھىندىستان ئۆزى ياسىغان تۇنجى ئاۋىياماتكىنى رەسمىي سۇغا چۈشۈردى
127 ياشلىق ئالمىخان موماي --جۇڭگو ئۆمۈر چولپىنىغا ئايلاندى
تۆنۈگۈن ئاخشام سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېڭى ئاي كۆرۈلمىدى
ئادىلجان مەمتىمىن سەنئەت كېچىلىكى پىلاستىنكىسى تارقىتىلدى
ھېيت بەزمىسى، شادلىق نەغمىسى
ئەخمەتجان رىشىت ئىجراسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىجادى ناخشا - ئالىمەن جاۋاپ
ئەرافات خەمىت ئىجىراسىدىكى <مەن كېتەي >ناملىق2013 DVD پىلاستىنكىسى پات يېقىندا بازارغا سېلىنىدۇ
ئالما تېلىۋىزورى iTV ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئۇچۇرلار
