-
ئۇچۇپ كەتمەك ئىستەيدۇ يۈرەك - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2009-04-04
مانا تۇرمۇش، مانا ئائىلە،
سۆيگۈ بولماس بۇنىڭدىن بۆلەك.
قەپەزلەرگە ئۇرۇپ ئۆزىنى،
ئۇچۇپ كەتمەك ئىستەيدۇ يۈرەك. -
تۈرمە - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2009-03-18
قاچان؟
مەھبۇس كىيىمى كەيدى بۇ يۈرەك؟
تەرىك ئەتتى ئەركىنلىكىنى
خىيال سۈرەر پەقەتلا تىنماي.
ئەتراپىدا تۆمۈر رىشاتكا
مەن ئۇنىڭغا تەنھا گۇندىپاي.
-
گۈل سايىسى - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2009-03-08
رېئاللىقنىڭ ئەينەكلىرىدە
گۈل سايىسى چاچار خۇشپۇراق.
شامال بولۇپ تىترەپ كېلىسەن
نىگاھىمدىن ئۆرلىسە پىراق. -
ئۆلۈم چېچەكلىرى(2) - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2009-03-08
كۆيۈك سەھرادىمەن باشىم ئارا بالقىيدۇ مىڭ سەۋدا،
ۋۇجۇدۇم چېگرىسىدىن ھەم يىراق ھالقىيدۇ مىڭ سەۋدا. -
ئۆلۈم چېچەكلىرى(1) - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2009-03-07
ۋۇجۇدۇم بارخىنى ئىچرە كۆمۈلگەن قوڭغىراق تارىخ
ھامان غەمكىن جاراڭلار ئۇ مېنىڭ ھەمدۇ ساناھىمدا. -
يالىڭاچلىق - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2009-02-22
بەلكىم
ھېچنىمە قالمىغاندۇ يۇشۇرغۇدەك
ھىس قىلىمەن گاھى ئۆزەمنى
باشقىلارنىڭ ئالدىدا
قىپ-يالىڭاچ تۇرغاندەك.
يالىڭاچلىق
قۇرتىۋەتتى ئىددىيمىزنى
خىيالىمىز ،ئازابىمىزنى
شاتلىقىمىز-كۆز يېشىمىزنى.
سېلىۋەتكەند... -
سونېتلار - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2009-02-16
بىر تال گۈلسەن چۈشۈمدە ئۆسكەن،
گۈل چۈشىدە ئاداققى پەرۋاز.
ياپرىقىڭنى شاماللار ئەسكەن،
كۆزلىرىڭدە ئۇخلاپ ياتار ياز. -
ساڭا ئېيتقۇم كېلىدۇ.. - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2009-02-10
سەن بىلىسەن،يۈرەك-يۈرەككە
بىلدۈرەلمەس ئۆزىنى تامام
رېئاللىقتا كۆڭۈللەر سەرسان.لىكىن جىمجىت مۇھەببىتىڭدىن
جۇش ئۇرىدۇ ساپ،ھەقىقى قان!