• يېتىلەر قىشلاقنىڭ چىغىر يوللىرى - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]

    2010-09-30

     

    يېتىلەر قىشلاقنىڭ چىغىر يوللىرى

     

    شاپتۇللۇق باغلارغا قەلبىمنى بەردىم،

    شاپتۇلدەك سارغايدى مەندىكى يۈرەك.

    يېنىمدا سەن بولساڭ نېمىمۇ دەردىم؟

    خازانلار تۆكمەكتە يېنىمدا تېرەك.

    يېتىلەر قىشلاقنىڭ چىغىر يوللىرى،

    سوۋۇغان سۈكۈتتە تىكىلەر ئاسمان.

    بالىلىق پەسلىمنىڭ ئىسسىق قوللىرى

    ئىھ، شالاڭ چېچىمنى سىلايدۇ بۇئان.

    كىملەردۇر ئۆتىدۇ تەبەسسۇم قىلىپ،

    كىملەردۇر قارايدۇ ساددا كۆزىدە.

    ئۆزۈمنى قىينايمەن يۈرەكنى تىلىپ،

    بەخىتسىز سۆيگۈمنى بەزلەپ بەزىدە.

    ھاياتىم چۈش كەبى رەڭسىزلا ئۆتتى،

    يوق ئۇندا ئۇلۇغۋار شان ياكى زەپەر.

    بىلمەيمەن، تەقدىرىم نېمىنى كۈتتى؟

    قىينايدۇ مەشئۇملۇق ئۆلۈمدىن بەتتەر!

    گوياكى...سەھرانىڭ چىغىر يولىدەك

    شۇقەدەر غېرىبان، شۇقەدەر چەكسىز؛

    ئۈن-تىنسىز دۈپۈلدەپ كۆكسۈمدە  يۈرەك،

    ھاياتنى، سۆيگۈنى كۈيلەپتۇ ئەنسىز.....

     

    分享到:

    • 评论

    • بلوگىڭىز رەسىملىك ئۇلىىش قىلىندى. ۋاقىپ بولغايسىز.
    • ئەنئەنە بلوگى سىزنى ئۇلىنىش قلىۋالدى. سىزمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويغايسىز! رەسىملىك!

بۇ جايغا تېما مەزمۇنى كېلىدۇ