• ﻛﯜﺯ.ﺳﺎئەﺕ 6 - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]

    2010-10-17

     

    ﻛﯜﺯ.ﺳﺎئەﺕ 6

     

    ئەڭ گۈزەل قورقۇنىچ

    ئەڭ گۈزەل تەنھالىق

    مۇشۇ ۋاقتتىن باشلىنىدۇ

    موزىكىنى سۆيگەنلەر كۈز ئاخشىمى 6دىن كىيىن جان ئۈزىدۇ

    كۆزلىرىدە قەپ قالىدۇ

    كۆپكۆك ئاسمان ۋە يىراق دالا.

     

    كىيىملىرى سېلىنغان ئەسلىمە

    قىپ-يالىڭاچ سېغىنىش

    مونچىدىكى مۇكەممەللىك

    كۆپۈكتەك تۇيۇلىدىغان بارچە مەنالار

    سائەت ئالتىدىن كىيىن ھەممىسى قاراڭغۇلۇققا سىڭىپ كېتىدۇ...

     

    ئەر تۇل قالسا قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ خوتۇنى

    ئايال تۇل قالسا ئەينەك ئۇنىڭ ئاخىرقى ئىرى

    قاراڭغۇلۇقتىكى ئەينەك ئەڭ يۇرۇق بولىدۇ...

     

    مەن ئەسلىمە ئىچىدە قېرىپ كەتتىم

    مەن كۈتۈشنىڭ شىرىنلىكىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ھېرىپ كەتتىم

    مەن ئاياللارنىڭ ھامان ئۆزىنىڭ تېنىگە ئاشىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن

    ئۇلارنىڭ كۆزيېشى بىر قەدەھ زەھەرگە ئوخشايدۇ

    مەن ئاشۇ زەھەر ئىچىدە جان بېرىمەن...

     

    قاراڭغۇلۇق ئاستا يېيىلماقتا

    ئادەم بارغانسىرى تەنھا قالماقتا

    ۋاقىت چوڭقۇرلىماقتا

    ئۇنىڭ ئاۋازى نىمە دىگەن قاراڭغۇ؟

    ۋاقىت بىزگە ئاسىلىق قىلماقتا

    بىز ئەشۇ ئاسىلىق ئىچىدە ھامان قۇربان بېرىمىز.

     

    سائەت ئالتىدىن ئاشتى

    ئەتراپ جىممىدە

    موزىكا قانايدۇ ئىچىمدە

     

    بارلىق ئاياللار

    بارلىق مەھرۇم بولغۇچىلار

    سېغىنىشنىڭ تۈرمىسدىن قاچقان مەھبۇسلار

    قايتىپ كېلەر تۈرمىسىگە

    قايتىپ كېلەر سايىسىگە...

     

    سەن قايتمىدىڭ

    شېئرىمدا تۇتۇش بۇيرۇقى.

    分享到:

بۇ جايغا تېما مەزمۇنى كېلىدۇ