• ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭ - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]

    2010-10-09

     

    ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭ

     

    سەھنىدىكى تەلۋە ئۇسسۇلچى

    ئۆز خوشلۇقىچۈن يىگەندەك ئازار

    بەدەل تۆلەپ كەلدىم

    سېنىڭ ئۈچۈن تەكرار ۋە تەكرار.

    كۈتۈش ئەسلى ئادەمنىڭ ئاڭسىز ئۈمۈدى

    شاتلىق چېچەكلىرىدە ھالرەڭ تەبەسسۇم

    سەن ئۈچۈن ھاياتىمدا

    يەنە بەدەل تۆلىشىم چوقۇم.

     

    ئەڭ يىراق ئارلىق

    ئەڭ يېقىندۇر بەلكىم ئىنسانغا

    قەرزىم باردۇر بەلكىم بىر ئۆمۈر

    سۆيۈپ قالغان ھەربىر ئىنسانغا.

     

    ئەشۇ قەرىز ئىگىسى

    ئىشىكىمىنى كۆپ قېتىم چەكتى.،،

    چەكتى مېنىڭ ئارمانلىرىمنى

    چەكتى مېنىڭ سۈكۈتلىرىمنى

    چەكتى ھارغىن ئۈمۈتلىرىمنى.

     

    قەرىزدارمەن بەلكىم مەڭگۈلۈك

    مېنى سۆيگەن..سۆيمىگەنلەرچۈن

    قەرىزدارمەن يەنە ئېھتىمال

    تېخى ياشاپ ئۆلمىگەنلەرچۈن.

     

    كۈز پەسلىدەك كىرىپ كېلىسەن

    مېنىڭ جىمجىت خىياللىرىمغا

    سۈيلەپ مېنىڭ قەرىزلىرىمنى.

    يۇشۇرىمەن ئۆزەمنى ئەمما

    مىسرالارغا چۈشۈپ سارغايغان

    خازانلاردەك جىمجىت تۇرقۇمنى.

     

    تەكرار-تەكرار ئالداندى كەچكۈز

    كۆز يېشىدا ،موزىكىدا ھەم.

    تۆلىيەلمەس بەلكىم قەرزىنى

    ھايات بولسا ھەر قانداق ئادەم.

    分享到:

بۇ جايغا تېما مەزمۇنى كېلىدۇ