• شەنبە-يەكشەنبە - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]

    2010-12-14

     

    شەنبە-يەكشەنبە

     

     

    ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

     

    «ئارام كۈن» دەپ ئاتالدىڭسەن ئاتاقتا شەنبە-يەكشەنبە،

    ئارامغا قويمۇدۇڭ بىزنى قاماقتا، شەنبە-يەكشەنبە.

    «باھالاش» دەپ ئاجايىپ بىر «ئۆمەك» بار بۇ ۋىلايەتتە،

    بىلەلمەيمىز ئۆزۈڭ نەدە-قاياقتا، شەنبە-يەكشەنبە.

    كېلەر يېڭىشەرگە دۈشەنبە، كېتەر يەكەنگە سەيشەنبە،

    بولۇپتۇ يۇندىمىز تەخ دەپ يالاقتا، شەنبە-يەكشەنبە.

    بېرىپ پوسكامغا چارشەنبە، يانار مەكىتكە پەيشەنبە،

    جۈمە يوپۇرغىدا لەيلەر ھاراقتا، شەنبە-يەكشەنبە.

    مارالبېشىغا بارالمايدۇ، چاۋاك يوق پەيزىۋاتتىنمۇ،

    ئۆتەر يېڭىسار داۋانلاردىن پىچاقتا، شەنبە-يەكشەنبە...

    كۈتۈپ تۇرمايدۇ تاشقورغان بادام، ئۆرۈك، ياڭاق راسلاپ،

    شۇڭا، كەلمەيدۇ بۇ «نۆۋەت» ساناقتا شەنبە-يەكشەنبە.

    «سالام» يوق توققۇزاقتىن يا، ئېڭىشمەس قاغىلىق بىزدەك،

    ھامان دوڭغايغىنى يېڭىسار قۇچاقتا شەنبە-يەكشەنبە.

    ئۆتۇپ بىر قەرنە دەم ئالماي ساقالغا كىردى ئاقلارمۇ،

    ئۇيۇپ مۇز تۇتتى كۆز ياشلار چاناقتا، شەنبە-يەكشەنبە.

    مالايدەك ئىشلىسەك بەش كۈن، يەنە «ئۇھ!» دەپ تىنالمايمىز،

    ئارام يوق، ئەركىمىز خوتۇنى تالاقتا، شەنبە-يەكشەنبە.

    نىھايەت، مۇددىئاسى شۇ قوساق باقماق«ئۆمەك»لەرنىڭ،

    ياماپ پوق تۇرمىغان قوڭنى ياماقتا شەنبە-يەكشەنبە.

    قەلەندەر ئۈستىگە كەلگەن قەلەندەردەك«ئۆمەك»لەربار،

    يېتىشمەي كۈندۈزى، قالدۇق چىراقتا شەنبە-يەكشەنبە.

    قىرىپ تاشلار ئىدۇق جاننى تىكىپ بۇنداق «ئۆمەك»لەرنى،

    ئەگەر ئوق بولسا بەتلەگلىك ساداقتا، شەنبە-يەكشەنبە!

     

    分享到:

    历史上的今天:


    • 评论

    • بلوگىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ئىسمى بىلەن ئادرىس تازا ماسلاشماپتۇ شۇغىنىسى بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ تۇراسىز

بۇ جايغا تېما مەزمۇنى كېلىدۇ