-
مــۇبــارەك - [زاماننىڭ سىرتىدا]
2010-05-26
مــۇبــارەك
(قوشنامنىڭ يېڭى ئۆي پەتىسىگە مۇبارەكنامە)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
تېخى سېنىڭ «ئۆي پەتە»ڭ ئونغا توشماس ساناقتا،
بارالمىدۇق «پەتە»ڭگە قونغان چېغىڭ ياتاقتا،
بارغان سەنمۇ «پەتە»گە ياش ئۇيۇتۇپ چاناقتا،
بىر ساندۇقۇڭ لىق تولغان ئەللىك سوملۇق باغاقتا،
بۈگۈن ساناپ ئۇنى سەن تېرىۋاپسەن، مۇبارەك.
-
مـــۇنـــاجـــات - [زاماننىڭ سىرتىدا]
2010-05-26
مـــۇنـــاجـــات
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
سۈكۈناتلار باغرىدىن چۇقان مېنىڭ قەلبىمگە كەل،
چوققىلاردا لەرزىتىپ تۇغيان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
زىلزىلە بولسۇن ۋوجۇدۇم چۆكمىسىدە داغى بىر،
نەرىلىك چاقماق بىلەن ئاسمان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
-
ئېچىل پاختام - [زاماننىڭ سىرتىدا]
2010-05-26
ئېچىل پاختام
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
كۈمۈشتەك تاۋلىنىپ ئاپئاق ئېچىل رەت-رەت، ئېچىل پاختام،
ساڭا يىل بويى سىڭدۈردۈم ئەجىر-مېھنەت، ئېچىل پاختام،
ئېچىلدۇرماققا بار پەرمان يەنە مۆھلەت، ئېچىل پاختام،
بۇ كۈننىڭ سېرىقى بىزگە ئېسىل پۇرسەت، ئېچىل، پاختام،
بېشىمغا كەلمىسۇن مىڭبىر بالا-كۈلپەت، ئېچىل پاختام.
-
ھېمىتنىڭ سايلىرى - [زاماننىڭ سىرتىدا]
2010-05-21
ھېمىتنىڭ سايلىرى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئۆزلۈكۈم چاقنار غۇۋا قەھرى زىمىستانلار ئارا،
تاشقا ئۈنگەن بىر گىياھمەن بۇندا ھېجرانلار ئارا.
يالتىرار سوغۇق شاماللاردا قىلىچلار شولىسى،
چايقىلار كۆك بۆرىلەرنىڭ ھىدى بارخانلار ئارا.
-
ھۈسەيىن تاش كەتتى - [زاماننىڭ سىرتىدا]
2009-05-31
ھۈسەيىن تاش كەتتى...
خوتەندە ئىدىم، دوستۇم ئۇنىڭ كېسلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى، خوتەنگە ئەكىلىش مومكىنچلىىكىنى ئېيتتى. پولات شەھرىدىكى ھېلىقى گۈللۈك كوچىلار، مەنزىرە دەرىخى ئاستىدىكى چوڭ كۈنلۈك، ئۇ ۋە كەمسۆز، ئاقكۆڭۈ...