-
كۈز - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2010-09-24
كۈز
زەڭگەر ئاسمان سۈزۈلدى چوڭقۇر
دەرەخلەرگە شىۋىرلايدۇ كۈز.
تۇرۇپ-تۇرۇپ سىمىلداپ يامغۇر
ئېيتماق بولار قەلبىمگە بىر سۆز.
قەيەردىنىدۇر كېلەر شىرىن ھېد،
مەخپى قالغان سۆيگۈگە ئوخشاپ.
گويا ئۇنىڭ چەكسىز ئازابى
يەر جاھاننى تۇرغاندەك قورشاپ.
كىملەرنىڭدۇر ئاياغ تاۋۇشى،
ئاڭلىنىدۇر يەرنىڭ تېگىدىن.
ئېغىر غەمگە مۇپتىلا يۈرەك
شاتلانغاندەك قۇۋناق كۈلكىدىن.
چىغىر يوللار سۈكۈتكە چۆككەن
شاخلار ئۈزرە يەڭگىل، سۇس تىترەك.
كۈز پەسلىدە مۇھەببەت دېگەن
تىللا رەڭلىك خازانلار دېمەك.
评论