-
ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2010-10-09
ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ
بەلكىم بارلىق مەخپىيەتلىكلىرىمىز
ئۆزىمىزنىڭ ئەمەس
باشقىلارنىڭدۇر نىھايەت.
ھامان شۇ مەخپىيەتلىكتە كۆيۈپ يانىمىز
بەدەل تۆلەپ ھاياتقا قەۋەت.
يۇشۇرۇن ئارزۇلار
دىگىلى بولمايدىغان ئىشلار
ئىچىمىزدە ياتىدۇ
مۇزدەك سوغۇق قۇدۇق سۈيىدەك.
كىملەرگىدۇ چېتىلىپ بارار
مەيلى بولسۇن قېرى يا گۈدەك.
مېنىڭ مەخپىيتىم ئىچىمدە ئەمەس
شېئرلىرىم ھېلىقى قېرى سەتراچتەك
قۇدۇق بېشىدا ئۈنگەن قۇمۇشتا
نەي ياساپ
ئاشكارلىۋەتكەن پۈتۈن جاھانغا.
كاشكى،
مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر بولسام
مۈڭگۈزۈمنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن
سەتراچنى ئۆلتۈرمەك بولسام...
بۇ مومكىن ئەمەس ئەلۋەتتە
ئىچىمدە بىر قۇمۇش نەي بار
ئۇنى چالار شېئرلىرىم
مىسرالاردىن مىسرالارغا
تارقىلىدۇ مەخپىيەتلىرىم.
نېمىنى يۇشۇرارمەن
بەلىكىم بىلىسەن مېنىڭ ھالىمنى
يالغۇزلۇقۇم-تەنھالىقىمىنى.
ھامان بىر ئوتتا يۈرگۈم قوقاس
كۈتۈپ كەلدىم ھاياتتا سېنى.
历史上的今天:
ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭ 2010-10-09سۆيگۈ قۇللىرى 2008-10-09ﺳﻪﻥ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ 2008-10-09جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا(3) 2008-10-09جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا(2) 2008-10-09