-
تاللا بازىرىدىكى ھېكايە - [ئەركىن يازمىلار]
2010-05-16
تاللا بازىرىدىكى ھېكايە
-سومكىڭىزنى ئېچىڭ.
-نېم...نېمە بولدى؟
سومكىڭىزنى ئېچىڭ دەۋاتىمەن، تەكشۈرىمىز.
ئايالنىڭ ئالدىنى زەبەردەس ئىككى ئەر توسۇۋالغان ئىدى؛ كۆكرەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىۋالغان بۇ ئىككى ئەرنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ ئۇنى تېخىمۇ قورقۇنىچ باستى.
-بۇ بىزنىڭ دۇكاننىڭ مېلىغۇ دەيمەن؟
.........
بۇنى نېمىشقا ئوغۇرلىدىڭىز؟
........
-بىز بىلەن مېڭىڭ.
-توختاڭلار، ئۇنداق قىلماڭلار، مەن بۇندىن كىيىن ئۇنداق قىلماي، نەرسىگە پۇل تۆلەپ بېرەي.
-ئاۋال بىز بىلەن مېڭىڭ.
ئۇنى قوغداش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىشتى.
-توختاڭ، تېلفۇن قىلماڭ، سىلەردىن خوش بولۇپ قالاي،...ئايال گۈپپىدە تىزلاندى.
-ئورنىڭزدىن تۇرۇڭ.
-سىلەردىن خوش بولۇپ قالاي، ئۆيدە 6ياشلىق بالام يالغۇز قالغان. ئۇنىڭغا مەندىن باشقا قارايدىغان ئادەم يوق...ھۇ...ھۇ...ھۇ...
- يىغلىماڭ، بىز پىرىنسىپ بويىچە ئىش قىلمىساق بولمايدۇ. ئاۋال ئورنڭىزدىن تۇرۇڭ.
-سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ساقچىغا تېلفۇن قىلماڭلار...نېمە دېسەڭلار قىلاي...پۇل تۆلەڭلەر دىسەڭلەر پۇل تۆلەي، ماڭا ، بالامغا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن....ھۇ...ھۇ..ھۇ...
-سىز بۇنى ئوغۇرلاپ سومكىغا سالغاندا بالىڭىزنى ئويلىمىغانمىدىڭىز؟ قانداق گەپ بولسا ساقچىلارغا دەڭ. بىزمۇ پىرىنسىپ بويىچە ئىش قىلمىساق يەۋەتقان نېنىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز.
-سىلەردىن خوش بوپ كېتەي...ساقچىغا تېلىفۇن بېرىمىز دېمەڭلار...ئېرىم قازا قىپ كەتكەندىن بۇيان بالام ئىككىمىز بەك قىينىلىپ كەتتۇق...مۇشۇ بىرىنچى قېتىمى ئىدى...ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن.....
-بۇنداق قىلماڭ، ئاۋال ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، بۇنداق يىغلاۋەرسىڭىز بىزنى خىزمەت قىلغىلى قويمايسىز، تۇرۇڭ.
- نېمە دىسەڭلار قىلاي...مېنى مۇشۇ بىر قېتىم بولدى قىلۋەتسەڭلار...ھۇ..ھۇ..ھۇ..
شۇنچە ياش، چىرايلىق تۇرۇپ نېمىشقا قايتا ئەرگە تەگمىدىڭىز؟ بىرەر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتسىڭىز بۇنداق ئوغۇرلۇق قىلىپ يۈرشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى قالمايتىغۇ؟
ئايال ئۇلارنىڭ تەلەپپوزىنىڭ ئازراق يۇمشىغىننى سېزىپ، ئۇلارغا قورقۇمسىراپ تىكىلدى.
- قورۇقتۇم، بۇ يەردە ھېچقانداق تونۇش-بىلىشىم يوق، ئىشمۇ تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالام ئاغرىپ قالدى. ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپرىش ئۈچۈن پۇل لازىم. ئامال يوق كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ بۇ ئىشنى قىپ قالدىم...بىر قېتىم بولدى قىلۋىتىڭلار...سىلەردىن ئۇدۇنيا-بۇدۇنيا خوش بولۇپ كېتەي...ھۇ..ھۇ...ئايال يېشىنى سۈرتىۋىتىپ بىر جۇپ كۆزنىڭ ئۆزىنىڭ زەيتۇنرەڭ كۇلۇچ كۆڭلىكىنىڭ كۆكرەك ئويمىسىغا قاراپ قالغىننى سېزىپ قېلىپ، تىزلا ئوڭشىۋالدى.
- -ماڭا قاراڭ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، مەن گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلاي....سىزنى مۇشۇنداقلا كەتكۈزۋىتىپ بولدى قىلۋەتسەكمۇ قىلىۋىتەيلى...ئەمما ...سىزمۇ ئازراق بەدەل تۆلەيسىز.
- نېمە دېسەڭلار مەيلى...بولدى قىلىۋىتىدىغانلا ئىش بولسا...
بىر ئەر ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتتى. يەنە بىرسى ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىن كېلىپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارا پ تۇرۇپ ئاستا ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتتى .
-بىز بىلەن ئاۋۇ يەرگە مېڭىڭ.
ئايال رايىشلىق بىلەن ئەگەشتى. ئۇلار تېخىمۇ ئىچكىردىكى قاراڭغۇ كەلگەن بىر ئۆيگە كىردى.
-چاپنىڭىزنى .كۆينىكىڭىزنى سېلىڭ.
ئايال بۇ يەردە نېمىش يۈز بېردىغىنىنى سەزدى. ئۇنىڭ قورقۇپ تۇرغان چىرايى گەجدەك ئاقىرىپ كەتتى.
-چۈشەندىڭىز ھەقچان. قالغىنى ئىختىيارىڭىز، ياق دېسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىز ھازىرلا سىزنى تېگىشلىك ئورۇنغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز. ئۇ يەرنىڭ قانداقلىقىنى بىز دېمىسەكمۇ ئۆزىڭىز بىلىسىز ھەقچان.
-ئايال مىشىلداپ يىغلىۋەتتى.
-يىغلاۋەرمەڭ. بولۇڭ.يە بىز دېگەن ئىشنى قىلىڭ، ياكى ....
ئايال ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىننى بىلمەيتى. ئۇ بىر خىل گاراڭ ھالەتتە ئاستا چاپىننى سالدى..ئاندىن كۆڭلىكىنى...ئۇ پەقەت ساقچىخانىغا بارمىسىلا بولىدۇ، ھەئە، شۇنداق. ...
ئۇنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان....بەدەنلىرىدا نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ ئۇنى تۇيمايدۇ...
ئىككى ئەر ئۇنى ھايۋانلارچە دەپسەندە قىلدى. زېرىككۈچە ئويناپ ھارغان ئۇ ئىككىسى ئايالنىڭ يالىڭاچ بەدەنلىرى ئۈستىدىن تۇرۇپ كىيمىنى كىيىشتى ۋە كۆز ئىشارىسى قىلىپ سىرىتقا چىقتى.
-سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ. بىردەمدىن كىيىن سىزنى قويىۋىتىمىز.
ئايال كىيىملىرىنى كەيگەچ بۇ دۇنيانىڭ مۇدھىش تەڭسىزلىكىدىن ئاغرىنىۋاتقاندەك بىر نىملەرنى غودىرايتى.
...
-مۇشۇ ئايال شۇ ساقچى باشلىقى، ئۇنىڭ سومكىسىدىن مانا ماۋۇ بىزنىڭ دۇكىنىمزنىڭ مېلى چىقتى.
ئايالنىڭ كاللىسى يەنە پىرقىراپ كەتتى. پۈتۈن بەدەنلىرى قايتىدىن سىرقىراپ، تىزلىرى پۈكۈلۈپ، ئېغىزىغا گەپ كەلمىدى. پەقەت ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىۋاتقۇچە بىر ئېغىزلا سۆزنى قىلالىدى...«بالام..»..
-
-
评论