-
غەزەللەر(2) - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2010-09-09
غەزەللەر(2)
تالە – تالە چاچلىرىڭدىن ئۆرلىگەن تۈن مەن ئىدىم ،
لالە – لالە خىلۋىتىڭدىن چاچرىغان ئۈن مەن ئىدىم .
سىھرى ئەشكىڭ جىلۋىسىدە تامچە ئوتقا ئايلىنىپ ،
ھىجرى پۇرقەت ۋادىسىدا شاھى سۈرگۈن مەن ئىدىم .
قانچە چاقماق كاچكۇلىڭدا داتلىشىپ ياتقاندۇ ، بەس !
قانسىراپ تۇرغان سامادا چاقنىغان كۈن مەن ئىدىم .
بەرگى گۈللەر سايىسىدىن تاشتى دىلغا مۇڭ – ئىشق ،
يامرىغان ئايدىڭدا تامچە روھى كەلكۈن مەن ئىدىم .
تاشتى ياپراق سەبرىسىدىن مەست پەسىللەر ئۆركىشى ،
مۇڭسىراپ تۇرغان باھاردا جەزبى گۈلگۈن مەن ئىدىم .
بىناۋا ئاي ئوردىسىدىن چۈشتى يەرگە مىڭ يۈرەك ،
تىترىگەن تەنھا سۈكۈتنىڭ باغرى تۈرگۈن مەن ئىدىم .
قاي پەسىلدە ئالقىنىمغا چۈشتى تامچىپ بۇ ئىشق ،
ئىپتىدايىم شۇ مىنىڭكى ، بەرگى سۇلغۇن مەن ئىدىم .
(5)
بىناۋا دىل رەنجىگە سەن دىل كۈيۈڭدىن دارە قىل ،
مەيلى ئىشقىڭ ۋەسۋەسىدە ئۇيقۇدىن بىدارە قىل .
توزغىغان كاكۇللىرىڭ بۇ خەستە كۆڭلۈم ئاپىتى ،
پۇرقىتىڭدىن بۇ يۈرەكنى يىغلىتىپ مىڭ پارە قىل .
ئول نىگاھىڭ غەمزىسىدىن يەنە باغرىم قان مىنىڭ ،
ئۇپرىتىپ جانىمنى سەن ھەم بىر ئۆمۈر ئاۋارە قىل .
كۆيدى ئاسمان جىلۋىسىدە قانچە يۇلتۇز ئۆركىشى ،
ئۆكسىگەن قەلبىڭ كۆكىدىن سىرغىغان سەييارە قىل .
ھەر باھار ۋەسلىڭنى دەپ تۆكتۈم يولۇڭغا بەرگىلەر ،
يا سۇلۇپ ياتقان چېچەكتەك بىر يولى بىچارە قىل .
تاشتى مەيلەر دەم كۆۋەجەپ تەلۋە سەبرىم جامىدىن ،
رەنجى سەۋدا كۈلپىتىمگە ئەمدى سەن بىر چارە قىل .
(6)
كەيىپ بارماقلىرىڭ ئۆزرە چىكىلگەن تارمىدۇ قەلبىم ؟
ۋەلىلەر سۆھبىتى كۈلگەن ساماۋى غارمىدۇ قەلبىم ؟
ناۋالار تىلسىمى ئۆڭگەن غېرىپ كۆكلەر ئارا سايەم ،
باھاردا توختىماي ياغقان سۈزۈك ئاق قارمىدۇ قەلبىم ؟
ئېسىم كۈلپەتلىرى ئەينەك ، ئۆزۈمنى قانچە يۈتتۈردۈم ،
ناۋاسىز تۈنلىرىم ئىچرە ھېلىھەم بارمىدۇ قەلبىم ؟
يىزىق بارخانلىرى ئوخچۇپ يۈرەك چەرخىگە پۇتلاشمىش ،
مۇقامنىڭ شەۋقىدە ئويناق غېرىپ مۇڭزارمىدۇ قەلبىم ؟
كەيىپ سەۋدالىرىم توزغۇپ ئۇچار باشىمدا غۇربەتلەر ،
جۇدالىق لەھزىدە ئاخشام سۇنۇق دۇتارمىدۇ قەلبىم ؟
چېقىق ئارمان ئارا لەيلەر رېئاللىق سايىسى پىنھان ،
ھەمىشە ئۆز ۋۇجۇدىغا ئۆزى گۆركارمىدۇ قەلبىم ؟
تەڭرىتاغ ژۇرنىلى 2000 – يىللىق 5 – سانىدىن