• ماۋزۇسىز - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]

    2010-09-05

     

    ماۋزۇسىز

     

    ھەيھات، مېنىڭ بۇ كۆڭلۈم يەنە رەنجىدى

    يەنە ئۈمۈتسىزلەندى سەندىن، سۆيگۈدىن.

    يە مەندە بۇ سۆيگۈ تامام ئۆلمىدى،

    جېنىمنى ئۇپراتتى كۆڭۈل رەنجىدىن.

     

    مىڭبىر قەسەملەركى...، دېدىم ئاھ ئۇرۇپ

    مىڭ قېتىم غۇرۇرۇم ئۆلتۈرۈپ بولدۇم.

    ناھات، ئېيتالمىدىم روبىرو تۇرۇپ

    بى ۋىسال سۆيگۈنىڭ دەردىگە تولدۇم.

     

    نەقەدەر شىرىن ھە بۇ جۇل-جۇل ھايات؟

    نەقەدەر ئاجىزكى ئىنساننىڭ قەلبى.

    ئاتەشلىك ئارزۇلار بولغاندا بەربات

    ھەممىدىن ئېغىردۇر سۆيگۈنىڭ دەردى.

     

    2010.9.5

     

    分享到:

    历史上的今天:


    • 评论

    • ھھھ
    • بۇ شېئىرىڭىزنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن ، بەك پەيزى چىقىپتۇ!
      نەقەدەر شېرىن ھە جۇل-جۇل بۇ ھايات! ، -- دىيەلمىدىمدە مەن ، ھەييي ، مىنىڭ يازالمىغانلىرىمكەن بۇ!
    • ئادەم غالجىرلاشقاندا ياكى جىلە بولغاندا مۇشۇنداق شېئىرلارنى يازىدۇ.

      بى ۋىسال دېگەننى ۋىسالسىز دەپ ئالسا،مۇۋاپىق بولىدۇ.بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئوۋچى تېخىمۇ ئۇبدان بىلىدۇ...

بۇ جايغا تېما مەزمۇنى كېلىدۇ