• ئۇچۇپ كەتمەك ئىستەيدۇ يۈرەك - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]

    2009-04-04

    رېئاللىقنىڭ ئەينەكلىرىدە
    سارغايماقتا ئاداققى تىلەك.
    ئۆز-ئۆزىنى قەتلى قىلالماي،
    ئۇچۇپ كەتمەك ئىستەيدۇ يۈرەك.

    مانا تۇرمۇش، مانا ئائىلە،
    سۆيگۈ بولماس بۇنىڭدىن بۆلەك.
    قەپەزلەرگە ئۇرۇپ ئۆزىنى،
    ئۇچۇپ كەتمەك ئىستەيدۇ يۈرەك.

    رەنجىشلەرگە كۆندى بۇ كۆڭۈل،
    نە ھاجىتى يەنە رەنجىمەك؟
    لىكىن شورلۇق ئارماننى يۈدۈپ،
    ئۇچۇپ كەتمەك ئىستەيدۇ يۈرەك.

    تۈن تۈنلەرگە قالدى بوز سايەم،
    ئېغىر كېلەر ئۇنى كۈيلىمەك.
    بىراق دەرتلىك مىسرا ئىچىدىن،
    ئۇچۇپ كەتمەك ئىستەيدۇ يۈرەك!





    • 评论

    • ئوۋچى ئاكا ، بۇ رەسىمنى سىز نىمىشقىمۇ يوللىغانسىز ؟

بۇ جايغا تېما مەزمۇنى كېلىدۇ