• جۇنۇن زىلتارىدۇر سۆيگۈ، جۇنۇن چەكتى ساتارىمنى،
    ناۋالار تىلسىمى توزغۇپ ئايان قىلدى باھارىمنى.

    ۋۇجۇدۇم ئىچرە سەيياھلار پۈتەر روھىمغا بىريازمىش،
    غېرىپلىق بەھرىگە قاندەك گويا پىنھان تامارىمنى.

    بۇ قاننىڭ شولىسى سەترەم ئار...
  • تۈن كۆيمەكتە بويتاق كۆزلەردە
    جىمجىتقىنا چاقناپ-يېلىنجاپ.
    خىيال گويا بىىرتال ئاپئاق شام
    ئاقتۇرىمەن ئۇنى سىنچىلاپ.

    شېئىر ئايال ئەمەس، ئۇ ئەمما،
    بىر يەرلىرى ئايالغا يېقىن.
    سوغ كارۋاتتا بويتاق شائىرنىڭ
    ئۈن تىۋىشسى...
  • مانا تۇرمۇش، مانا ئائىلە،
    سۆيگۈ بولماس بۇنىڭدىن بۆلەك.
    قەپەزلەرگە ئۇرۇپ ئۆزىنى،
    ئۇچۇپ كەتمەك ئىستەيدۇ يۈرەك.

  • ئىچىمدە بىر ئايال
    ئۇنىڭ ئەشۇ ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ھالىتى
    6-قەۋەتتەتۇرۇپ يىراقلارغا قاراشلىرى
    پات-پات ئاغرىپ قېلىپ دورا يىيىشلىرى
    يېرىم كېچىلەردە ئويغۇنۇپ كېتىپ ئۈنسىز يىغلاشلىرى
    تەسەللىدۇر قەلبىمگە
    ئەسلىمىدۇر قەلبىمگە.

  • تۈرمە - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]

    2009-03-18

    خەتكۈچ :
    قاچان؟
    مەھبۇس كىيىمى كەيدى بۇ يۈرەك؟
    تەرىك ئەتتى ئەركىنلىكىنى
    خىيال سۈرەر پەقەتلا تىنماي.
    ئەتراپىدا تۆمۈر رىشاتكا
    مەن ئۇنىڭغا تەنھا گۇندىپاي.

  • غەزەللەر - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]

    2009-03-10

    خەتكۈچ :

    تۆۋەندىكىسى مېنىڭ بىر شاگىرتىمنىڭ سەتىرلىرى.مۇشۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بىر قوللۇق تەربىيلىگەن شاگىرتلىرىمدىن ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىلىك مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلۋاتقان ھەۋەسكار قەلەمكەشلەر سانى يەنە كۆپەيدى. بۇلارنىڭ قەلمىدىن مەن ھەم ئۈمۈدتە، ھەم تەشۋىشتە. ئۈمۈدۈم، بۇلار مۇشۇ سۈرئەتتە ئىزدنىشنى داۋاملاشتۇرسا يامان ئەمەس قەلەمكەش بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا كۆزۈم يەتكەنلىكىدە. تەشۋىشىم، قەلەمكەشلىكتىن ئىبارەت بۇ ئايىغى باشلىنىشى كەڭ، ئاخىرى تار يولدا سەپتىن چۈشۈپ قېلىش. بۇنداقلارنى كۆپ ئۇچراتتىم. تۇرمۇشنىڭ يۈكى ئارتىپ كەتكەندە تەبئىلا قولدىن قەلەم چۈشۈپ كەتكىننى ئادەم تۇيمايلا قالىدۇ. چۈشۈپ كەتكەن قەلەمنى قولغا ئېلىش شۇ قەدەر مۇشاقەتلىك جەريانكى، بۇنىڭ دەردىنى تارتىپ باقمىغان ئادەم  بىلمەيدۇ.

  • رېئاللىقنىڭ ئەينەكلىرىدە
    گۈل سايىسى چاچار خۇشپۇراق.
    شامال بولۇپ تىترەپ كېلىسەن
    نىگاھىمدىن ئۆرلىسە پىراق.

  • كۆيۈك سەھرادىمەن باشىم ئارا بالقىيدۇ مىڭ سەۋدا،
    ۋۇجۇدۇم چېگرىسىدىن ھەم يىراق ھالقىيدۇ مىڭ سەۋدا.