ئىگىسى: eybuyaqup

شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1544
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 08:22:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_3765.jpg

ئەدەبىيات لاگىرىدىكى پولۇمى (بىر خىل مىۋە) پىشىپتۇ

IMG_3810.jpg

ئۆمەرجان سىدىق، ئابباس مۇنىياز: مانا نۇرمەھەممەت ئۇچقۇننى بىز باشلاپ كەلدۇق...

IMG_3813.jpg


IMG_3816.jpg

لۇشۇن ئەسەرلىرىدىكى جەنۇبىي جۇڭگو سۇ يۇرتلىرى مۇشۇنداق بولسا كېرەك...






www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  453
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 285
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 08:28:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رەسىملەرگە ھەۋىسىمىز كىلىپ قاراپ قالدۇق ،تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكەن بۇ  تىخىمۇ قۇت بولسۇن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  402
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 278
تۆھپە : 2
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 09:39:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتتىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.ئوسمانجان ئاكا، شاڭخەيدىكى كۈنلىرىڭىزنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  994
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 59
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 09:59:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           سالام دوستلار:    بۇ يەردىكى بارلىق پائالىيەتلەر شۇنداق ئىدىتلىق ھەم تەرتىپلىك بولۈۋاتىدۇ.  ھۆرمەتلىك ئازات سۇلتان مۇئەللىم بىلەن غەيرەت ئاسىم ئاكىلارنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بارلىق ئىشلارغا دىققەت قىلىپ، پات-پات تېلىفون ئارقىلىق ئەھۋال سوراپ تۇرۇشى ھەم دوستىمىز ئەيبۇ ياقۇپنىڭ كونكىرىت ئىشلارنى بىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرەپ بىلەن ئارىلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا كۇرسانتلار ھەممە ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىۋالدى. ھازىر ھەممەيلەن قىزغىن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتتى. ئەھۋاللار ئۆمەرجان سىدىقنىڭ يازمىسىدىكى تەپسىلاتلار ھالىتىدە داۋاملاشماقتا. بىز چوقۇم كۈتكەن ئۈمىدلەرنى يەردە قويماسلىققا تىرىشىمىز ھەم بىزگە كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت ئېيتىمىز....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  317
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 231
تۆھپە : 1
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 10:15:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان، خاتىرىنىڭ داۋامىغا تەشنا بولۇۋاتىمەن. بەك تەپسىلىي ۋە ئىنچىكە يېزىپسىز، گەرچە سىزگە جاپا بولسىمۇ، بىزنى يېڭى ئۇچۇرلاردىن داۋاملىق خەۋەردار قىلغايسىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 6
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 13:57:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ شاختىن تالىشىپ يىيىشىۋاتقان مىۋە «چارتال دەرىخى »مىۋىسى ئىكەن . مانا بۇ مېنىڭ بۇ دەرەخ ھەققىدىكى تەسىراتىم .چارتال دەرىخى

ئالمىمىكىن دىگىنىم قالدى،
پۇراق ئىزدەپ تاپالماي پەقەت،
قورقۇش بىلەن تېتىغىنىمدا،
شاپتۇل تەمنى بىلدىم ئاقىۋەت.

يوپۇرمىقى كەڭلىك ئىزدىشىپ،
ياڭاقلارنى سالدى يادىمغا،
شاكالسىزلىق ھالىتى بىلەن ،
ئۇنتۇلدۇردى ئويۇمنى تېزلا.

سۇ دىگەنغۇ ئەزەلدىن تەمسىز،
تۇز شېكەردە يايرايدۇ جېنى،
تاللاپ دېڭىز ئۈستىنى يەنە،
تارتالماپتۇ لەززەت مەيلىنى.

ئەتراپىدا تاشلار، شېغىللار،
سۇ  رەڭگىدە لاۋا لاتقىلار،
«چارتال»دىسە دەرەخ نامىنى،
غازاڭلاردەك چېچىلدى ئويلار.

2012-يىلى 5-ئاي 23-كۈنى بۇنى خەنزۇلار «پىپا دەرىخى»دەيدىكەن، بىز لۇغەتتىن ئىزدەپ «چارتال»دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق.



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1117
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 9
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 13:58:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، مۇھتەرەم دوستلار! ھەر بىرىڭلارنىڭ بىزگە يىراقتا تۇرۇپمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىڭلاردىن بېشىمىز كۆكتە. ياخشى كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشىپ، بىزگە ياخشى تىلەكلەر تىلىشىپ تۇرىۋاتقان توردىكى ۋە سىرتتىكى بارچە دوستلارغا يىراقلاردىن ئوتلۇق سالام!
ھەممىمىز ئەلنىڭ دۇئاسى بىلەن كۆكلەيدىغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. سىلەرنىڭ ھەر بىر شىڭگىل دۇئا-تىلەكلىرىڭلار بىز ئۈچۈن ئالەمچە مەدەت. ياخشى تىلەكلىرىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت!
      بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىمىزنى كېلىشكىنىمىز بويىچە يازغۇچى، شائىر ئۆمەرجان سىدىق تەپسىلىي خاتىرىگە ئېلىپ، تورداشلارنى ئۇدۇللۇق خەۋەرلەندۈرۈپ ماڭىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ كۆپ ئىجتىھات كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىر تۇتاش پىلان بويىچە كېتىۋاتقان پائالىيىتىمىز ھەققىدە باشقىلىرىمىزنىڭ بىر- بىرلەپ يازما يوللىمىغىنىمىزنى تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
     بۇ يەردىكى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش پائالىيىتىمىزگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان مۇئەللىم ۋە باشقا رەھبەرلەر يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ ھەر كۈنى دېگۈدەك بىز بىلەن تېلېفونلىشىپ، بۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى ماسلاشتۇرىۋاتىدۇ. تېخى ھېلىلا ئازاد سۇلتان مۇئەللىم ماڭا ئۇچۇر يوللاپ : « مەن سىلەر ئۈچۈن راستىنلا خۇشال بولىۋاتىمەن. سىلەرنىڭ مۇشۇ پۇرسەتنى قەدىرلىشىڭلارنى، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلارغا مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن! » دەپتۇ. بۇ ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىدىن بۇ يەردىكى ھەممۆيلەننى خەۋەردار قىلدىم. ھەممۆيلەن بىردەك خۇشال بولدۇق، قاتتىق تەسىرلەندۇق. دېيىشتۇقكى: ئازاد سۇلتان مۇئەللىمنىڭ رىياسەتچىلىكى ۋە قول تىقىپ ئىشلىشى بىلەن بىر قاتار پائالىيەتلەر ( مەسىلەن، تۈ*ركۈملەر بويىچە ئەسلىي ئەسەر ۋە تەرجىمە ئەسەرلەرنى كۆپلەپ نەشىر قىلدۇرۇش، لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىش، كىلاسسىكلارنىڭ خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزۈش، ھاياتلارنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىنى ئېچىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئاپتورلارنى جەنۇپ ۋە شىمالىي شىنجاڭنى قەرەللىك ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەش قاتارلىقلار.... )  ئۆتكۈزۈلگەنىدى. مانا ئەمدى يۇرتتىن يىراق شاڭخەيدە تەربىيەلىنپ تۇرۇپتىمىز. يېڭى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتىۋالىدىغاندەك قىلىمىز. ھازىر تەشكىلدە، تەشكىللەشتە مەسىلە يوق، بارچە مەسىلە ئۆزىمىزدە، يېتىپ كېلىۋاتقان يېڭى ئەدەبىيات باھارىغا قانداق ماسلىشىشىمىزدا قالدى. بېشىمىزنى سىلكىۋەتمىسەك بولمىغۇدەك!.....
      بىز ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىمىزنى يېڭى سىلكىنىش پۇرسەتلىرىگە باشلاپ كېتىۋاتقان ئازاد سۇلتان مۇئەللىمگە ۋە ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىق تەشكىلاتچى دوستلىرىمىزغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ھەممۆيلەنگە شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى:
     1. بۇ قېتىملىق ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن چوقۇم ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنى يېڭى بىلىملەر بىلەن پۇختا قۇراللاندۇرىمىز.
2. جۇڭگو ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەر ھەققىدە ئامالنىڭ بارىچە، كۆپراق يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ كېلىشكە تىرىشىمىز.
   3. خاس ئەدەبىيات مەسىلىسىلا ئەمەس، خەلقىمىزنى قىزىقتۇرىدىغان بارچە مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىمىز.
4. ئۇيغۇرنىڭ بۇ يەردىكى تەسىرى ۋە ئورنى، مۇشۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ، ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رېئالنى ئەھۋالىنى ئامالنىڭ بارىچە تەپسىلىيراق چۈشۈنۈشكە تىرىشىمىز.
      5. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى، يۈزلىنىشى توغرىسىدا سېلىشتۇرما خۇلاسە ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمىز.
      6. بىزنىڭ يۈرىكىمىز سىلەر بىلەن، شەرىپىمىز ۋە قەدرىمىزمۇ سىلەر بىلەن. سىلەرنى ھەر مىنۇت ئەسلەپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ يەردە ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتىمىزنى ھەر دەقىقە ئەستىن چىقارمايمىز.
      ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1096
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 106
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 17:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابباس مۇئەللىم، ۋەدەڭلەرگە چوقۇم ئەمەل قىلالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز! سىلەرگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن!... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەفىسە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 16:12  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  371
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 183
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 17:50:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     سالام نۇرگۈل !

    ئۇ يەردە مىۋىلىك باققا كىرىپ شاخلارغا ئېسىلغانغا چۇشلۇق بىرە ھەۋەس ياكى ئىلھامىڭىز  كەلمەيۋاتامدۇ ؟  بۇ يەردە بىرەر تال توڭ غورىنىمۇ بىر نېمىلەرنى دېگەچ يەيتتىڭىز ، سىزگە نېمە بولدى ؟  ئورۇن ئالمىشىپ ئىلھامىڭىز سىزنى تاپالمايۋاتامدۇ -يە ؟   

   نۇرغۇن كۆزلەر بۇ يەردە سىلەرنى كۈندە يوقلىما قىلىۋاتىمىز جۇمۇڭ ... سىز تېخى بىرە قېتىممۇ يوقلىمىدىن ئۆتمىدىڭىز . بىز سىزنى قاچان سالامغا كىرىدىكىن دەپ بەك ساقلاپ كېتىۋاتىمىز ، قېنى بولۇڭە بىرە كوپلىت قوشاق بولسىمۇ يازغاچ كىرىڭ  !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  253
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 236
تۆھپە : 4
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 19:50:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ شاڭخەيدىكى ئۈگۈنىش، زىيارەت پائالىيەت خاتىرىسى ۋە رەسىملەرنى كۆرۈپ كۆپ خۇرسەن بولدۇم. سىلەرگە چىن قەلبىمدىن سېغىنىشلىق سالام يوللايمەن! ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولغاي!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1087
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 41
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 20:16:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭخەيدىن يۇرتۇمغا
ئۆمەرجان سىدىق مىسكىن

قۇش
(شاڭخەي ئىجادىيەت بازىسىدىكى ياتىقىمنىڭ دېرىزىسىدە بىر قۇش زارلىنىپ سايرايدۇ…)

         خىلۋەت خانەمدە جىمجىت، ئويغا غەرقمەن،
قەلەم ئارا مىسكىن كۈيگە بەندمەن.
دېرىزەم ئالدىدا باراقسان ئورمان،
يۇرتۇم سېغىنىشىدا يىراق شەر*قمەن.

    ئورمان ئارا دەرتلىك سايرايدۇ بىر قۇش،
بەلكىم جېنىغا قەست قىلدىمۇ ھوقۇش؟
ياكى پەرزەنت داغىدىن يۈرىكى پارە،
يا يارنىڭ ئىشقىدا ئازابلىق ئوقچۇش.

         چىر – چىر زارلايدۇ قۇش، قەلبىمنى تىلغاپ،
ياكى يۈرىكىممۇ ئۇ تۇرغىنى يىغلاپ.
بارچە گۈزەللىك جەم تۇرسا بۇندا،
           قۇش، يۈرەك… نىچۈن ئۆتەر ئۆزىنى قىيناپ؟؟؟!

كۆل
(بازىمىزنىڭ كەينىدە كۆز يەتكۈسىز بىر كۆل بار…)

ئالدىمدا پايانسىز كۆل سوزۇلۇپ ياتار،
بارچە ئەتراپتا سۇ، شۇنچە جىلۋىدار.
   چاڭقاق زېمىندىن كەلگەن گۈلخان قەلبكە،
سۇ تۇيغۇسى زەم – زەم بولۇپ قۇيۇلار.

      نىھايەت شۇنچە جىمجىت، خىرامان بۇ كۆل،
يىللاپ كۆرۈلمەيدۇ ئۇنىڭ شاۋقۇنى.
لېكىن كىچىككىنە يۈرەك مەۋج ئۇرۇپ-
باسار زېمىننى ئوتلۇق كەلكۈنى…!!

چارتال
(بازىمىزنىڭ ھويلىسىدا چارتال دەپ ئاتىلىدىغان، مېۋىسى كىچىك ئاپېلسىنغا ئوخشايدىغان بىر مېۋىلىك دەرەخ بار…)

چارتال بۇ يەردىكى ئۆزگىچە دەرەخ،
يوغان سېرىق مارجاندەك مېۋىسى بۇلۇق.
قۇشلار ۋىچىرلىشىپ يەيدۇ تالىشىپ،
تەبىئەت ئەركىسىگە ئۇ ياخشى ئوزۇق.

ھەيرانلىق، قىزىقىش بىلەن قول سوزۇپ،
بىر تال مېۋىنى ئۈزدۈم ئاۋايلاپ.
پوستىنى سويۇپ، ئاغزىمغا سالدىم،
چۈچۈك تەمىدىن بولدۇم ئىزتىراپ.

«يېڭى مېۋىكەن، تېتىشقا بىر رەت»،
بولغۇدەك دېگەن ئوي كەچتى ئېڭىمدىن.
شۇئان يۇرتۇمدىكى شىرىن مېۋىلەر،
زاھىر بوپ، سېغىنىش ئۆتتى جېنىمدىن …

دادۇر
(بازىمىزنىڭ ئالدىدىكى ئاسفالت يولنىڭ قىرىغا دادۇر تېرىلغان ئىكەن…)

كەنت ئارا ئاسفالت يولنىڭ قىرىدا،
بۇلۇق ئۆسۈپ چۆكەنلىگەن(1) باراقسان دادۇر.
قەلبىم  سۆيۈندى بۇ مەنزىرىدىن،
ھەيرانلىق، قايىللىقتىن ئۆرلىدى غورۇر.

كىچىككىنە يەرمۇ قالمايدىكەن بوش،
يەنە يولغا بېغىشلاپتۇ يېڭى مەنزىرە.
مۇھىمى دادۇر بىزگە شۇنچىلىك تونۇش،
تۇرمۇشىمىزغا كۈندە سالىدۇ گېرە.

يىراقتا بۇ تونۇش مېۋىنى كۆرۈپ،
شادلاندىم ئۈزدۈم ھەم ئۇنىڭدىن بىر تال.
مەيلى نەگىلا باراي يۇرتۇم سۆيۈنچى،
ھەر بىر تال گىياھتا ئەكس ئېتەر دەرھال…

يامغۇر
(بۇ يەردە ئۈزۈلمەي يامغۇر ياغىدىكەن…)

بۇ يەردە توختاۋسىز ياغاركەن يامغۇر،
بىز خۇشلۇق ئىچىدە ئالىمىز ھوزۇر.
چاڭقاق قەلبىمىزمۇ ئىلھامغا تولۇپ،
شېئىر، مىسرالاردىن تىزىمىز قۇر – قۇر.

شۇ پەيتتە خۇرسىنىپ دېدى بىر دوستۇم:
«شۇ سۇنىڭ يېرىمى بولسىچۇ بىزدە.
يامغۇرمۇ ئايانماي قىلسا ئىلتىپات،
بولمامتى ئورنىمىز يەنە ئېگىزدە…»

«ياق»دېدىم بۇ ساددا ئارزۇغا قارشى،
شۇ قۇرغاق، ئوت زېمىن بايلىق، بەختىمىز.
يېشىللىق لىق بولسا بىزنىڭ يۇرتتىمۇ،
قالىدۇ قانداقمۇ خاسلىق، پەرقىمىز؟!

ئەزىز يۇرتىمىزدا ھەممە مۇجەسسەم،
تاغ، ئورمان، سۇ، يايلاق، قۇملۇقلار كۆركەم.
تۆت پەسىل روشەنكى مىجەزىمىزدەك،
مۇھەببەت، نەپرەتمۇ شۇنچە ئېنىق ھەم.

شۇ زېمىن تاۋلىدى بىزنى گاڭ قىلىپ،
ئاشىدۇ شۇڭلاشقا ۋىجدان، نەرقىمز.
بەردى ئۇ چىن ھايات، مەردانىلىكنى،
مۇقەددەس ئانا يۇرت مەڭگۈ پەخرىمىز.

(1)        چۆكەنلەش - پۇرچاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىلىشى تۇرپاندا شۇنداق ئاتىلىدۇ.

2012 – يىلى 24 – ماي شاڭخەي ئىجادىيەت بازىسىدا يېزىلدى.


Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1790
تۆھپە : 9
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 20:45:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىمىنارىيە مېۋىلىرىدىن ئېغىز تېگىۋاتىمىز مانا!
شېئىرلار ئېسىل چىقىپتۇ!

«دادۇر» نى ئۇيغۇرچە ئالسىڭىز تېخىمۇ بەلەن بولاتتىكەن!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  294
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 231
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 21:03:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭخەيدە بولىۋاتقان يۇقارقى قەدىردانلارغا ئەسسالام!
ھەر بىر كۈنۈڭلار مەنىلىك، خۇشۋاق ئۆتكەي. ئۆمەرجنىكامنىڭ خاتىرىسىدىن جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. كۆپ تەشەككۈر.

پەلەكنىڭ چاقى تۈگمەنمۇ،
ئۇن تارتامدۇ ئادەمدە؟
ئەلەمنىڭ داغلىرى قالدى،
چاي ئىچكەن پىيالەمدە.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 6
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 23:53:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەنخې  دەرياسى

لىپمۇ -لىق ۋەنخې سۈيى ئاقسا شەر*ققە تېپ-تېنچ،
دەريا يۈزىدە چايكىلار نەغمە قىلاركەن شوخلۇنۇپ.
گاھى-گاھ ئاپئاق بېلىق ئىزدىسە قىرغاقتا ھاۋا،
بىتاقەت بېلىقچىلار چۇقان سالاركەن توپلۇشۇپ.
ھەر كۈنى باسسا مانان يامغۇر يۇياركەن ئاستىلاپ،
بەرگىنى سالقىن خىيال كۈننىڭ نۇرىنى توسۇشۇپ.
قارشى قىرغاقتا دەرەخ بەكمۇ غەمكىن كۆرىنەر،
گوياكى ھەر بىر كېمىنى قويغىنىدەك ئۇزۇتۇپ.
بىرى كەتسە شۇ ھامان يەنە كېلەركەن قېيىقى ،
يىل ۋە ئايلار بىر-بىرىنى يۈرگىنىدەك قوغلۇشۇپ،
يوق ئىكەن شۇ تاپ سۇدا سەپەر قىلماقنىڭ چېكى،
نەدە توختاركىن بۇ دەم  يەنە قەيەرگە ئۇلۇشۇپ؟!
سۈيىغۇ رەڭسىز ئىكەن كۆردۈم بۇلۇتنىڭ رەڭگىنى،
تەمىگە قانداقسىگە بولاركىن بۇ جان كۆنۈشۈپ!؟
شۇنچە سۇ ئەتراپىدا ئۇسسۇز تۇرۇپتۇ باقلىلار،
پاقىلارلا كوكىراپ، يۇرمەس بۇدەم ئىچى پۇشۇپ.
نە پاقىكى بۇ نەپەس، چېكەتكىلەر چىرىلدىدى،
دەريا يۈزىگە قىپ-قىزىل قالدى شەپەقلەر ئولىشىپ.
يۈلتۇزى چىقمامدىكىن، سۇغا چىراقلار ئاسقىلى،
ئۇۋىسى يوق سۇ قوشىلا  كەلدى قاناتىن ئوينىتىپ .
بەزىدە قاۋاپ قويار لالما ئىتلار بويىدا،
بىخىرامان يولوچىنى ئاۋازىدا چۆچۈتۈپ،
ناتونۇشلار سۇ تامان بىلمەي تۇرۇپ باسسا ئاياغ،
ئەس قىلىپ سوغ شامىلى سىپاپ قوياركەن سەگىتىپ.
قېرىلار قاپتۇ بۇدەم دەريا بويىدا ئىشلىگەچ،
ياش يىگىت-قىزنىڭ ئۇنى كەتكەن شەھەر تامان ئۇچۇپ.
ئاقلىنىپ قالغان ئېتىزلار ئادىمىزاتسىز بۈگۈن،
دەل-دەرەخلەرلا تۇرار شىلدىرلىشىدا تولغىنىپ.
قۇش بىلەن دەرەخلا قالغان جىمجىت ئېقىنلىق سۇ بويى ،
قاي زاماندا ئۇخلىغان،كەتتى قاچان ھەم ئويغىنىپ؟!
بىلمىدى ھىچبىر كىشى بۇيەردە قانداق ئۆزگىرىش-
ئۆتمۈشى قايدىن كېلىپ كەتكەن قەيەرگە يۆتكۈلۈپ؟!




2012-يىلى 5-ئاي 24-كۈنى چىڭخې بازىرى شاڭخەي شەھەرلىك ئەدەبىيات لاگىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايسىمە ئىدىرىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 13:59  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  418
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 75
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:04:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بۇرۇن ھەر تۈرلۈك جەدۋەل توشقۇزۇشتىلا ئىشلىتىلەتتى.... مانا نەچچە يىل بولدى، ئەمەلىي ئىش قىلىۋاتىدۇ... قەلەمكەشلەر بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش