شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى(4)
ئۆمەرجان سىدىق
(داۋامى)
خاڭجۇغا سەپەر
26 – ماي شەنبە كۈنى، ئەسلى پىلان بويىچە شاڭخەينىڭ يېنىدىكى گۈزەل شەھەر – خاڭجۇغا ساياھەتكە ماڭدۇق. خاڭجۇ – دۆلىتىمىزنىڭ شەر*قىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. 2 مىڭ يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەڭ قۇدرەت تاپقان، تارىختىن بۇيان گۈزەللىكى بىلەن «ئاسماندا جەننەت، يەردە سۇجۇ بىلەن خاڭجۇ بار»دەپ تەرىپلەنگەن. ئىتالىيەلىك مەشھۇر ساياھەتچى ماركوپولو تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل، ئېسىل شەھەر»دەپ باھا بېرىلگەن، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى،5 ئا دەرىجىلىك مەنزىرە نۇقتىسى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. خاڭجۇدا ساياھەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، تەبئىي مەنزىرە، مۇزېي، پەن – تەتقىقات ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول. ئەڭ ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىسى شەھەرنىڭ غەربىگە جايلاشقان شىخۇ كۆلى بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىزدىكى مەشھۇر مەنزىرە نۇقتىسىدۇر. بۇ نۇقتا شىخۇ كۆلىنى ئاساس قىلغان خۇبىڭ رايونى، خۇشىن رايونى، بېيشەن رايونى، نەنشەن رايونى، چيەنتاڭ رايونىدىن ئىبارەت 5 رايوندىن تەركىب تاپقان، كۆلىمى 50 كۋدىرات كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. شىخۇ كۆلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئومۇمىي جەھەتتىن تاغ، دەريا، كۆل، ئورمان، تارىخىي قۇرۇلۇشلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، كونكرېت ئېيتقاندا شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان، پارچە – پارچە كۆللەرگە بۆلۈنگەن، ھاۋاسى ساپ، سۇلىرى سۈزۈك، بامبۇك، نىلۇپەرلەر ئېچىلىىپ كەتكەن، قۇشلار سايراپ، ئۆردەك، بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگەن، ئادەملەر خۇشال سەيلى – ساياھەت قىلىۋاتقان، ئادەم بىلەن تەبىئەت بىرىكىپ كەتكەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكىدەكۆرۈلىدۇ.
بىز پىلان بويىچە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مىنىبۇسىدا ۋە ئىككى خادىمنىڭ ھەمراھلىقىدا چۈشتە خاڭجۇغا يېتىپ بېرىپ، ئالدىن كېلىشىپ قويغان خۇيزۇلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىدا تاماق يېدۇق. تاماق يەپ بولۇپ، شىخۇ كۆلىگە كېلىپ، سەيلە كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، ئوتتۇرىدىكى ئارالغا ئۆتتۇق. كۆل يۈزى شۇنچىلىك سۈزۈك، تىنىق بولۇپ، سول تەرەپتە بۆك – باراقسان ئورمان بىلەن قاپلانغان تاغ، ئوڭ تەرەپتىكى يىراقتا رەت – رەت بىنالار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. ئوتتۇرىدىكى ئارالمۇ پارچە – پارچە كىچىك كۆللەردىن تەركىب تاپقان ، كۆللەر نەقىش ئىشلەنگەن سالاسۇنلۇق ئەگرى – بۈگرى تار يوللار بىلەن ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇلغان، كۆللەردە نىلۇپەرلەر ئېچىلىپ، قوشماق ئۆردەكلەر بەھوزۇر ئۈزۈپ يۈرەتتى، كىشىگە ئىنتايىن رومانتىك تۇيغۇ بېغىشلايتتى. كىچىك ئارالچاقلاردا قويۇق ئورمانلار، غەيرىي تاشلار، تارىخ، مەدەنىيەت ئابىدىلىرى بىر گەۋدىلەشكەن ئىدى. ئارالدىن شىخۇ كۆلىگە قارىغاندا بىزگە ياد بولۇپ كەتكەن بىر يۈەنلىك خەلق پۇلىنىڭ كەينىدىكى مەنزىرە – تىنىق شىخۇ كۆلى، كۆلدىكى ئۈچ تۆمۈر مۇنار، يىراقتىكى ئورمان بىلەن قاپلانغان تاغ كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. بىز كۆلدىن قايتىپ، شىمالىي سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان تالانتلىق ھەربىي سەركەردە، مىللىي قەھرىمان يۆ فېينىڭ ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانىسىغا كەلدۇق. بىز ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇرۇپ، ئابباس بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق: «بۇلارنىڭ نامدار كىشىلىرىگە ئىبادەتخانا سېلىش، ھەيكەل تۇرغۇزۇش ئادىتى بىزگە نىسبەتەن يوچۇن تۇيۇلسىمۇ، لېكىن شۇ كىشىلەرنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش، تارىخىدىن ئۆچمەس نىشان قالدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن، تارىختا بىزنىڭ نى – نى مەشھۇر كىشىلىرىمىز ئۆتكەن بولسىمۇ، ھەيكەل قاتۇرۇش ئادىتى بىزگە يات بولغاچقا، ھەتتا شەجەرە، تەزكىرە قالدۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىلمىگەچكە، ئىسمىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق بولۇشتەك، ھەتتا نام ئەمەلىمۇ يوقاپ كېتىشتەك ئەھۋالغا دۇچار بولۇۋاتىمىز»دېيىشتۇق. دەرۋەقە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەر قانداق شەھەردە، كوچا – كوچىلاردا مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھەيكەللىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىزنىڭمۇ خاڭجۇغا كىرىپ تۇنجى كۆرگىنىمىز بىز تاماق يېگەن ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى ئات مىنىۋالغان ھەيۋەتلىك يۆ فېي ۋە ئۇنىڭ سەركەردە – سەرۋازلىرىنىڭ ھەيكىلى بولدى.
بىز يۆفىي ئىبادەتخانسىدىن يېنىپ، «يولۋاس قاچقان تاغ»دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغ – ئورمان باغچىسىغا كەلدۇق. بۇ باغچىدا قويۇق ئورمانلار بىلەن قاپلانغان ئايلانما پەلەمپەيلەردىن ئۆرلەپ، تاغ چوققىسىدىن ئېقىپ چۈشكەن بىر سېھىرلىك بۇلاققا كەلدۇق. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى شىپالىق دەپ قاراپ، تۇڭلارغا قاچىلاپ ئېلىپ كېتىدىكەن. بۇلاقنىڭ ئۈستىدە بىر تېيىز ئۆڭكۈر بولۇپ، ئۆڭكۈرگە بىر يولۋاسنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان ئىكەن، رىۋايەتتىكى يولۋاس مۇشۇ يەرگە قېچىپ كىرىۋالغان ئىكەن.
ئەتىسى سەھەردە بىز چۈشكەن «سوفىيە مېھمانسارىيى»دىن قوزغىلىپ، «ئەجدىھا غارى»ساياھەت نۇقتىسىغا كەلدۇق. بۇ يەردىمۇ قويۇق بامبۇكزارلىقلاردىن ئۆتۈپ، تۆپىلىككە چىقساق، ئاغزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بىر ئەجدىھانىڭ باش ھەيكىلى بار ئىكەن. بۇ يەردىن يېنىپ، قەۋەت – قەۋەت، رەت – رەت يېشىل چاي تېرىلغان پەلەمپەيسىمان ئېتىزلارنىڭ ئارىسدىن، پۈتۈنلەي يېشىللىقا پۈركەنگەن دېھقانلار ئارامگاھلىرى، داچا رايونلىرىدىن ئۆتتۇق. بۇ يەر خاڭجۇدىكى مەشھۇر يېشىل چاي (لوڭجىڭ چېيى) ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، كىشىدە ئاجايىپ گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرىدىكەن. ئەمدى كەلگىنىمىز «سوڭ دەۋرى تەقلىدى باغچىسى »بولدى. بۇ يەر جۇڭگودىكى جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەڭ كۆپ جۇغلاشقان ئورۇن بولۇپ، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ مەنزىرىلىك ئورۇننىڭ بىرى، جۇڭگودىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئون چوڭ مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بىرى، جۇڭگودىكى ئەڭ قىزىق لېنىيەلىك ساياھەت لېنىيەسى دېگەندەك شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، ئۆتكەن يىلى 6 مىليون ساياھەتچى كۈتۈۋالغان ئىكەن. بۇ يەرنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، مەدەنىيەت تۈسى قويۇق بولۇپ، سوڭ دەۋرىدىكى پارلاق مەدەنىيەت تەقلىدى يوسۇندا، كۆڭۈل ئېچىش شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.«يوقالغان قەدىمىي شەھەر»،«لياڭشەن ئەزىمەتلىرى»،«تۆت بۇددا ئۆڭكۈرى»قاتارلىق بىر قانچە چوڭ بۆلەكتىن ۋە غەلىتە كوچا، بۇددا تېغى، سوڭ دۆلىتى دەرياسى، راۋاق مەيدانى، مەدەنىيەت مەيدانى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كوچىسى، تىياتىرخانا، كىنوخانا، كۆڭۈل ئېچىش رايونى، يېمىك – ئىچمەك رايونى قاتارلىق كىچىك بۆلەكلەردىن تەركىب تاپقان ئىكەن. قىسقىسى بۇ يەرگە كىرگەن كىشى ئۆزىنى سوڭ دەۋرىگە، شۇ دەۋردىكى مەدەنىيەت مۇھىتىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدىكەن.
بۇ باغچىدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى، ھەيۋەتلىك ئاسمانپەلەك سۈنئىي تاغ ياكى بۇددا ھەيكىلى بولماستىن بەلكى تىرىك، جانلىق شەكىلدىكى«چىڭمىڭ يۇقىرى ئۆستىڭى رەسىمى»بولدى، شىمالىي سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر رەسسام جاڭ زېدۇەن ئەينى ۋاقىتتا سىزغان بۇ رەسىمگە 550 تىن ئارتۇق ئادەم، كالا، ئات، 20 دىن ئارتۇق ھارۋا، كۆۋرۈكلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنيادىكى پروتوتىپى ئەڭ كۆپ، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، قىممەتلىك رەسىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ رەسىم جۇڭگودىكى ئون چوڭ مىراس رەسىمنىڭ بىرى، دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى، دەپ قارىلىپ قەدىرلەنگەن. بۇ باغچىدا مۇشۇ رەسىم يۈز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تامغا يۇقىرى پەن – تېخنكا بىلەن جانلىق، تىرىك ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رەسىمدە سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۈللەنگەن شەھەر مەنزىرىسى ئەينى ھالەتتە نامايان بولىدۇ. رەسىمدە مىڭغا يېقىن ئادەم، ھايۋان، يول، كۆۋرۈك، ھارۋىنىڭ ئوبرازى بولۇپ، بۇلار يۇقىرى پەن – تېخنىكىنىڭ قۇدرىتى بىلەن توختاۋسىز ھەرىكەتلىنىپ،شەھەرنىڭ ئەينى قايناق مەنزىرىسىنى، كېچىلىك ۋە كۈندۈزلۈك مۇھىتىنى ئەكس ئەتكۈزىدۇ. غەربىي رايوندىن يىپەك ئېلىپ شەھەرگە كىرىۋاتقان كارۋانلار، قۇدۇقتىن سۇ تارتىۋاتقان مەدىكارلار، كوچىدا غادىيىپ كېتىۋاتقان ئەمەلدارلار، ئۆستەڭدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمىلەر، ئۆزى ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان قول – ھۈنەرۋەنلەر، تۇرخۇنلاردىن چىقىۋاتقان ئىسلار، كوكىراۋاتقان پاقىلار…. جانلىق، ھەرىكەتلىك، ئەينى ھالەتتە بولۇپ، كىشى شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىگە، مۇشۇ شەھەرگە كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر مەنزىرە «سوڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر كىشىلەر كۆۋرۈكى»بولۇپ، بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئىككى يېقىغا سوڭ دەۋرىدە ياشاپ شۆھرەت قازانغان 16 قەلەمدار ۋە ئەلەمدارنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان ئىكەن. ئۇلاردىن ئەدەبىياتشۇناس، تارىخشۇناس ئوۋ ياڭشيۇ، مەتبە ئاتىسى بى شېڭ، مىللىي قەھرىمان ۋېن تيەنشاڭ، ئايال شائىر لى چىڭجاۋ، سىياسىيون فەن جوڭيەن قاتارلىقلار بار ئىكەن. بىز يۇقىرىقى مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ساياھەتچىلىك بىلەن مەدەنىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرگەنلىكىنى، بۇ يەرلەردە ساياھەت قىلغاندا ھوزۇر ئېلىش بىلەن بىرگە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. خاڭجۇدىن يېنىپ يول ئۈستىدىكى جېجياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق خەينىڭ شەھىرىگە كىردۇق، بۇ يەر مەملىكىتىمىزنىڭ خۇرۇم بۇيۇملار بازىرى ئىكەن. بۇ يەردە ئازراق سودىلىق قىلغاندىن كېيىن ئىللىق ماكانىمىز – ئىجادىيەت بازىمىزغا قايتىپ كەلدۇق. بازىدا بىر ھەپتىن بۇيان تۇرۇپ، بۇ يەرگە ئېچەكىشىپلا قالغان ئىكەنىمىز، گويا ئۆز ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلگەندەك يەڭگىل ھېس قىلىشتۇق.
خاڭجۇدىكى سۈرەتلەر: