شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى (2)
ئۆمەرجان سىدىق
(داۋامى)
يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئۆزگىچە مىتۇدتىكى دەرسلەر
22 – ماي كۈنى شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى چېن مىڭ مۇئەللىم «ئىجادىي پىكىر يېزىقچىلىقى ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش تەجرىبە دەرسلىكى» نىڭ «ھېكايە قىلىش شەكلى»ناملىق باپى «بايان قىلىش» ۋە «نامايان قىلىش» تارماقلىرىنى ئۆتتى. ئۇ بۇ دەرسلەردە لۇ شۈننىڭ «AQنىڭ تەرجىمھالى»، شېن سوڭۋېننىڭ «چېگرا شەھەر»، يۇ دافۇنىڭ «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈيخۇا گۈلى»، ۋۇيىنچنىڭ «كۆكۈيۈن»، ھېمىڭۋاينىڭ «قاتىل»، كېلوبىرنىڭ «بوۋارىي خانىم»، ساۋ شۆچىننىڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»ناملىق مەشھۇر ئەسەرلىرىدىدىن كونكرېت مىسال ئېلىپ، «بايان قىلىش» بىلەن «نامايان قىلىش» نىڭ ئۇسۇلى، مۇناسىۋىتى، ماھارىتى قاتارلىقلارنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا شەرھيلىدى.
23 – ماي، گې خوڭبىڭ مۇئەللىم «تۇيغۇنى ئېچىش» تېمىسىدىكى دەرسنى داۋاملاشتۇردى. بىر قىز ساۋاقدىشىمىزنى ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، ئايسىمە «لاچىن سوققان توشقاننىڭ» ناملىق خەلق ناخشىسىنى ئېيتتى. «لاچىن سوققان توشقاننىڭ، جاڭگالدا ئۇۋاسى بار. بىز غېرىب مۇساپىرنىڭ، بۇ يۇرتتا نېمەسى بار…» اخشىدىكى مەزمون ھەممىمىزنىڭ يۇرتتىن ئايرىلغان كەيپىياتىغا ماس كەلگەچكە، ئىختىيارسىز ناخشىغا قوشۇلۇپ كەتتۇق. نۆۋەت ئوغۇل ساۋاقداشلارغا كەلگەندە مەن «ئايخېنىم سۈزۈك چىراي »ناملىق ناخشىنى ئېيتتىم. «تۇرنىلار قاتار، قاتار، ئاي بولسا، ئايدىڭ بولسا. يۈرىكىم راھەت تاپۇرمۇ، كۆڭلۈمدىكى يار بولمىسا. مەن كېتەرمەن باش ئېلىپ، ئىككى قولۇمغا تاش ئېلىپ. بىزنى سۆيگەن شۇ يارلار، قالدى كۆزىگە ياش ئېلىپ». بۇ ناخشا تەبئىيلا يىراقتا قالغان يار – بۇرادەلەرنى ئەسكە سالدى. گې مۇئەللىم ناخشىلارنىڭ مېلودىيەسىگە مەپتۇن بولۇپ، نۇرگۇل ئەبەينىڭ باشچىلىق قىلىشى، ئادىلە ئېزىز سىڭلىمىزنىڭ ياردىمى ۋە بىزنىڭ ئۇيەردىن بۇ يەردىن خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشىمىز بىلەن ئىككى ناخشىنىڭ تولۇق تېكىستىنى دوسكىغا خەنزۇچە يېزىپ چىقتى. سەل دەم ئېلىشتىن كېيىن ئۇ بىزنى ئون مىنۇت كۆزىمىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، ئارام ئېلىش ھالىتىدە تۇرۇپ، قەلبىمىزنى تىڭشاشقا ئورۇنلاشتۇردى. كېيىن بىزنىڭ بارماق دېسكىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ناخشىنى قويۇپ بېرىپ، سىنىپتا ھەممىمىزنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلدى … بۇ تەرتىپلەر تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ دەرستىن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئىنتايىن چوڭقۇر مەنەگە ئىگە ئىكەن، ئەڭ مۇھىمى ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، پىكىر بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلىشنىڭ ئۆزى بىر غەلىبە. مانا بۇ ئۆزىنى قويۇۋېتىش، ئەركىن بولۇش، ئۆزىدىن چاچراپ چىقىشتىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە گۈزەل پىكىرلەر، شېئىرىي تۇيغۇلار بولىدۇ، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. جۈرئەتلىك ئادەملا ئەڭ گۈزەل ئادەم، ئەڭ ئىش قىلالايدىغان ئادەم سانىلىدۇ، سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت كۆپچىلىكنى ئېچىش، قەلبىنى، ھېسسىياتىنى، تۇيغۇسىنى ئېچىشتىن ئىبارەت. مۇئەللىم يەنە بىزنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئەكەلگەن ئەسەرلىرىمىزنىڭ بار – يوقلۇقىنى سورىدى. مەن، ئوسمان قاۋۇل، ئابباس مۇنىياز بىرقانچەيلەن مۇئەللىمنىڭ كومپۇتېرىغا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىمىزنى كۆچۈرۈپ بەردۇق. مەن يەنە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئادەم»ناملىق شىئېرىمنى خەنزۇچە دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردىم، مۇئەللىم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلىپ بارغان «توغراققا ئايلانغان ئادەملەر»ناملىق ھېكايەمنى قىسقىچە تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەر 12 شىنجاڭلىق يازغۇچىنىڭ شاڭخەيگە جەم بولۇشى بىر تەقدىر، ئەسەرلىرىڭلارنى پاتراق خەنزۇچە تەييارلىساڭلار، سىلەر 12 يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدىن خەنزۇچە بىر توپلام تۈزسەك ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدۇ.
دەرس ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك، ئەركىن – ئازادە، يەڭگىل، جەلپكار بولغان ئىدى، گې مۇئەللىم بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئاددى ئۇسۇللار بىلەن بىزگە نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرنى بىلدۈردى.
ئىرادىمىز چىڭ
ئۆگىنىشكە كىرىشكەنچە ئىرادىمىز بارغانسېرى چىڭىپ باردى. سۈرۈشتۈرۈشىمىزچە، شاڭخەيدە گې خوڭبىڭ مۇئەللىمدەك بۇنداق مەشھۇر شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىشمۇ تەس ئىكەن، بىراق، يىراق شىنجاڭدىن كەلگەن بىزدەك ئاددىي ئەدەبىيات ئاشىنالىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، يېقىن ئەل – ئاغىنىدەك پىكىرلىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز. يەنە بۇ يەردە بىز ئۈچۈن ھەممە نەرسە تەقلەنگەن، ياتاقلىرىمىزدا تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، بىردىن كومپيۇتېرلار تولۇق، خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى ياتاقلارغا يېڭى مېۋىلەرنى ئەكىرىپ قويىدۇ، ياتاق ۋە ھويلىنى توختىماي تازىلاپ تۇرىدۇ، ئاشپەزلەر تاماقلارنىڭ ئوخشىغان ئوخشىمىغانلىقىنى سوراپ تۇرىدۇ، شاڭخەي شەھەرلىك مىللەت – دىن ئىشلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «شاڭخەي مەرۋايىتى»مېھمانسارىيىنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىنىڭ بىر ئاشپىزى ھەر كۈنى بۇ يەرگە ئالايىتەن چىقىپ، تاماق ئېتىپ بېرىدۇ. ئۇلار ھەر قانداق نەرسە سېتىۋېلىشتا مۇسۇلمانچە بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ئاشخانىدا ھەر دائىم نەچچە خىل تاماق، قورۇمىلار تەييار ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئۆگەنمەسلىككە نېمە ھەققىمىز بار؟ شۇڭا سىنىپ باشلىقى ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ باشچىلىقىدا ھەممىمىز كېلىشىپ تەرتىپلىك تۇرمۇشنى باشلاپ كەتتۇق: ھەر كۈنى سەھەردە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئەتراپنىڭ ساپ مۇھىتىدىن بىردەم بەھر ئالىمىز، ئۈچ ۋاقلىق تاماققا ۋاقتىدا كىرىپ، 13 ئادەم بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك گوڭۇر – مۇڭۇر تاماقلىنىمىز. دەرسكە ئوقۇتقۇچىلاردىن 5 مىنۇت بۇرۇن كىرىپ بولىمىز، دەرس ۋاقتىدا يانفونلارنى ئېتىۋېتىمىز، دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايمىز. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن توپ – توپ بولۇشۇپ، ئەتراپنى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ئايلىنىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ياتاقلارغا قايتىپ، جىددىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كېتىمىز. ھەممەيلەننىڭ ئىلھاملىرى قايناپ تاشقان، يوپيورۇق نۇر چېچىپ تۇرغان ياتاقلارغا قارىغان كىشى ھەر بىر ياتاقتا كومپيۇتېرغا، خاتىرىسىگە مىختەك قادىلىپ ئولتۇرغان ھاياجانلىق گەۋدىلەرنى كۆرۈدۇ، بارماق، قەلەملەردىن تۆكۈلۈۋاتقان لىرىك مىسرا، ھېسسىياتلىق جۈملىلەرنى كۆرىدۇ. چارچىغاندا يەنە يىغىلىپ، پاراڭغا چۈشىمىز، پاراڭ تېمىلىرىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، دۇنيا، خەنزۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئەدەبىياتىمىزدىكى يېڭى ئۇچۇرلار، كىتابلار، ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىمىز، يۇرتتىكى ئۆزگىرىشلەر، ئائىلە، شەخسىي كەچۈرمىشلىرىمىز، ببېشىمىزدىن ئۆتكەن قىزىقارلىق ئىشلار قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىگە چېتىلىدۇ. بازىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىزگە بىلدۈرگەن ھۆرمىتىگە يارىشا بىزمۇ ئۇلارغا ھەر قاچان سالام بېرىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ تۇرىمىز.
ئەلۋەتتە بۇلار بىلەنلا توختاپ قالمىدۇق، كەچلىكلىرى ئۆز ئارا مەخسۇس تېمىلارنى چىقىرىپ، مۇھاكىمە، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، ئەسەرلىرىمىزنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ، پىكىر ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش… قاتارلىق پىلانلارنى تۈزدۇق. بىزنىڭ تۇنجى بولۇپ ھېس قىلغىنىمىز ۋە ئازابلانغىنىمىز شۇ بولدىكى - شىنجاڭدىكى، ئۇيغۇر تىللىق مۇھىتتىكى بارلىق ئەدەبىي سالاھىيەتلىرىمىز بۇ يەردىكى خەنزۇ تىللىق مۇھىتتا نۆلگە ئايلاندى. بۇ يەردىكى ئوقۇرمەنلەر بىز ئەمەس، خېلى مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىنمۇ خەۋەرسىزكەن، چۈنكى، بىز پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇر تىلىدا ئىجادىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىز، نامىمىز بۇ يەرگە پۈتۈنلەر ناتونۇش ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئەھمىيەت بېرىدىغان بىرىنچى ئىش – ئەسەرلىرىمىزنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش، خەنزۇ تىلىدا يازىدىغان، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمان، ئاپتورلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش ئىكەن. ئەلۋەتتە ئۆزىمىزدىن ئىپتىخارلانغان يېرىمىزمۇ يوق ئەمەس، بۇ يەردىكى سۆھبەتلەردە، دەرس ئارىلىقلىرىدا دۇنيا، خەنزۇ ئەدەبىياتى، يېڭى ئېقىملار، يېڭى ئەسەرلەر ھەققىدە گەپ بولغاندا بىز خەنزۇ تىلىدا بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى ھاياجان بىلەن سۆزلىشىپ كەتتۇق. چۈنكى، بۇ يەردىكى مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دۇنيا، خەنزۇ ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى ئوقۇغان، بىر قىسىملىرىمىز خەنزۇچە ئەسەرلەرنى بىۋاسىتە ئوقۇغان، بۇ ھەقتىكى بىلىملەردىن تور ۋە ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خەۋەردار تېپىپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدۇق. ئۇلار بىزنى «سىلەرنىڭ ئەدەبىيات بىلىمىڭلار بىز ئويلىغاندىن چوڭقۇركەن، ھازىرقى زامان ياش ئۇيغۇر يازغۇچلىرى بولۇشقا مۇناسىپكەنسىلەر»دېيىشتى.
دەرۋازىدىن چىقىپ، سولغا قايرىلساق بۆك – باراقسانلىق كۆجۈم مەھەللىگە، ئوڭغا قايرىلساق جىڭزې بازىرىغا بارىدىغان يولغا چىقىمىز. ئاستىدا ئۇلۇغ سۇ جىمجىت ئېقىپ تۇرغان ليەنشى كۆۋرۈكىدىن ئۆتسەك كىچىك بازارغا كىرىمىز. بازاردىكى ھەممەيلەن بىزگە ئەجەپلىنىش، ھەيرانلىق بلەن قارىشىدۇ. چۈنكى، بۇ قېتىم ئۆگىنىشكە كەلگەن ھەممەيلەن دېگۈدەك بويلۇق، تەمبەل بولغاچقا، بۇ يەردىكى ۋىجىك، ئوتتۇرا بوي كىشىلەردىن روشەن پەرقلىنىمىز. شۇ پەيتلەردە ئۈرۈمچىدىن ئۇزاش ئالدىدا شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شائىر ئابلىكىم ھەسەننىڭ گېپى يادىمىزغا كېلىدۇ: «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بۇ قېتىمقى شاڭخەيدىكى ئۆگىنىشكە ئادەم تاللاشتا بويغا قاراپ تاللاپتۇ، ھەممىڭلار ئېگىز، بويلۇقكەنسىلەر، شۇڭا مەن بۇ سانغا مەن كىرەلمەپتىمەن»دېگەندە ئەيبو ياقۇپمۇ قايتۇرۇپ چاقچاق قىلىپ:«راست، تۇنجى قېتىم بارىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە ئوبرازىنى نامايان قىلسۇن، دەپ مۇشۇنداق تاللىدۇق»دەپ ھەزىل قىلغان ئىدى. يەنە بىرى دىلبەر خانىم بىلەن، ئايسىمە خانىمنىڭ ئوتتەك يېلىنجاپ تۇرغان ئەتلەس كۆينىكى بۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋەتكەن ئىدى.
دىلبەر خانىم قويۇق قەشقەر تەلەپپۇزىدىكى ئاچچىق چۈچۈك پاراڭلىرى، گەپدانلىقى بىلەن بىزنى كۈلدۈرسە، تۇرسۇن مەخمۇت، ئابباس مۇنىيازلار قىسقا، مەنىلىك چاقچاقلىرى بىلەن پاس چىقىراتتى. ئوسمان قاۋۇل، مۇختەر سوپىلار ئېغىر بېسىقلىقى بىلەن توپىمىزنىڭ ۋەزنىنى تەڭشەيتتى. زامانىدىن بىلەن ئايسىمە دەرسكە ئەڭ كۆپ پىكىر قاتناشتۇراتتى. ئالتۇنگۈل بىلەن نۇرگۈل بىزنىڭ لەڭمەن سېغىنىشىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قوللىرى بىلەن تاماق ئېتىشكە تەييارلىناتتى. ئەنۋەر ھوشۇر كۇرسانتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىش، ئوقۇتقۇچى، خوجىلىق خادىملىرى بىلەن كېڭىشىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى. ياقۇپ كېرەم بولسا «بەك ياخشى يەركەن بۇ، بەك ياخشى يەركەن»دەپ يوغان ئاۋازى بىلەن بېشىنى چايقاپ، كۆزىمىزگە تىكىلىپ قاراپ كېتەتتى. ئادىلە سىڭلىمىزنىڭ «تاماق پىشىپتۇ، ئاشخانا كىرەيلى» دېگەن يېقىملىق ئاۋازى پات – پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ شاڭخەيدىكى شەر*قىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىسى، ياش تەتقىقاتچى نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن بىزگە تېلېفون ئۇرۇپ، يوقلاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دىن، بۇ توردىكى ئابدۇلھەمىد قاتارلىق تورداشلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىزنىڭ شاڭخەيدە ئىكەنلىكىمىزنى ئۇقۇپتۇ. بىزمۇ ئەسلىدە كەچتە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرماقچى بولۇپ تۇراتتۇق. نۇرمۇھەممەت بىرمۇنچە كۆڭلىنى ئېلىپ، شۇنچە يىراق يولنى بېسىپ، تاكسى بىلەن يېنىمىزغا چىقىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ روھىدىن قاتتىق تەسىرلەندۇق. كەچتە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىلدۇق، بەس – بەس بىلەن شېئىر، نەسر دىكلاماتسىيە قىلىشتۇق، ھاياجانلىق نۇتۇقلارنى سۆزلەشتۇق. ھەزىل – چاقچاقلار، ناخشا – ئۇسۇللار بىلەن كۆڭۈل ئېچىشتۇق. نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن نۆۋەتتىكى خەنزۇ ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ئەھمىيەتلىك سورۇنىمىز بېيجىڭ ۋاقتى سائەت ئون بىلەن ئاخىرلاشتى. مەنمۇ ياتاققا قايتىپ، شۇ جىددىيچىلىك ئىچىدن ۋاقىت چىقىرىپ خاتىرىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىنى يېزىپ تۈگەتتىم. ئاخىرىدا شائىر، نەسىرچى ئوسمان قاۋۇلنىڭ بىزگە يازغان چاقچىقى ۋە ئايسىمە ئىدرىسنىڭ ئەتلەس كۆينەك كىيىپ كوچىغا چىققان ۋاقتىدا يازغان شېئىرى بىلەن بۈگۈنكى خاتىرىنى ئاخىرلاشتۇردۇم.
كۇرسانت دوستلارغا چاقچاق:
بازارغا باردى ئەنۋەرجان ئۆزىگە باب ئاياغ ئىزدەپ،
يەنە ئوسمان بىلەن بىرگە مۇۋاپىق قول چىراغ ئىزدەپ،
ئۇلۇغ سۇدىن قېيىق بىرلە ئۆتۈشكە ھەم پالاق ئىزدەپ،
شۇ چاغ نۇرگۈلمۇ دوقمۇشتا تۇراتتى خۇشپۇراق ئىزدەپ.
كۆڭۈلنىڭ سوۋغىتىدۇر، دەپ جىمى دوستلارغا ئالدى مەي،
دېيىشتى يولدا كەلگۈچە شۇلار بىر ئېچىلىپ كۈلگەي،
بۇ جىمجىت يەردىكى كۈنلەر شۇنىڭدا مەنىلىك ئۆتكەي،
بۇ ئىش بولدىكى چۆللۈكتە يۈگۈرگەندەك بۇلاق ئىزدەپ.
قىزىق گەپلەردە ئابباسمۇ قىزىتتى كۇرسىنى ھەر كۈن،
ئاڭا ھەمدەم بولۇپ دىلبەر بىلەن مىسكىنمۇ قاتتى ئۈن،
ئۆزى ئېغىر، سۆزى چوڭقۇر شۇ ئالتۇنگۈل بىلەن تۇرسۇن –
تېخىمۇ ئىنتىلەر سۆزنى پىشۇرماققا ئوچاق ئىزدەپ.
زامانغا ئايسىمە تەڭداش بولۇپ ئوقۇشسا ئېسىل شېئىر،
تۇراتتى ياندا مۇختەرجان بىلەن ياقۇپ كۈلۈپ خىر – خىر،
بۇ گۈلدەك بەزمىگە گۈلدەك قوشۇلدى ن. ئۇچقۇن ئاخىر،
ۋە يانغا تەلمۈرۈپ دەرھال قاراپ كەتتى ۋاراق ئىزدەپ.
خۇشال بىر كەيپىاتتا تەڭ كۈلۈشتى ھەممە بىر مەيدان،
سىڭىلچاق ئادىلەمۇ ھەم ئۇسسۇلغا چۈشتى شوخ لەرزان،
شۇبۇ خىسلەتكە بىر قاراپ كۈلۈپ قويدى تېخى ئاسمان،
جىمى دىل تەلپۈنەر ئوخشاش مۇھەببەتلىك قۇچاق ئىزدەپ.