ئىگىسى: eybuyaqup

شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1024
تۆھپە : 114
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 15:38:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرلىرىمىزنىڭ دوپپېسى بەك يارىشىپتۇ. ئايىسمە خانىمنى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتىدىكى دوكتۇرلۇق ئىمتىھانى بىرىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ئارىسىدىن ئۇچىرىتالمىغان  بولساممۇ، شاڭخەي دېڭىزساھىلىدا كۆرۈپ كۆپ خۇرسەن بولدۇم.

ئۆمەرجان سىدىق مىسكىن، ئايسىمە خانىم ۋە باشقا بارلىق گۇرپا ئەزالىرىغا سالامەتلىك، ئامان ئىسەنلىك ۋە يېڭىچە تەپەككۇر تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 46
توردا: 235
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 15:40:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن. سىلەر ئۈچۈن خوش بولىۋاتىمىز. سەپىرىڭلار، ئوقۇشۇڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن!!!

بىكارچىلىقتا بەكرەك زىرىكىپ كىتىدىغىنىمنى بايقىدىم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1334
تۆھپە : 18
توردا: 323
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 15:55:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن تونۇش چىرايلار بو ؟!

بەكمو بەلەن بولوپتو،
شاڭخەيدىكى ساياھەت.
فونتان بولسۇن بۇلاقتەك ،
سىلەردىكى پاراسەت.


ھەممىڭىزلارغا خوشاللىق تىلەيمەن.




گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  227
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 495
تۆھپە : 0
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 16:39:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئۆمەرجان سىدىق، ئەنۋەر ھوشۇر، ئەيبۇ ياقۇپ...قاتارلىق قەدىردانلارنىڭ شاڭخەي سەپىرىگە يېڭىدىن يېڭى ھاسىلاتلار يار بولسۇن!

ھەقىقەت مەشئىلى كۆپ ھاللاردا كۆتۈرگۈچىنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  994
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 59
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 16:46:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەيبۇ ياقۇپ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ئەتە ئۈرۈمچىگە قايتىشقا تەرەددۈت قىلدى. بىز گۇرۇپپا باشلىقىمىز ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. ئەيبۇ ياقۇپنىڭ سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  889
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 293
تۆھپە : 0
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 17:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلبەرھامۇت  خانىممۇ بارمۇقانداق

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 503
تۆھپە : 10
توردا: 83
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 17:19:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايسىمە ئىدرىس،ئالتۇنگۈل رەجەپ لەرگە سالاملار بولسۇن.ئەزىزەلەرنىڭ  كۇرستىكى كۈنلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام،ئىجادىيىتىڭ مول -ھوسۇللۇق بولشىنى تىلەيمەن.
ئەيبۇ ياقۇپ،زاماندىن پاكزات،ئۆمەرجان سىدىق لارغىمۇ ئوتلۇق سالام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايزىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-21 17:23  


توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  486
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 128
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 17:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنىڭ شاڭخەيدىكى كۈنلىرىگە مول نەتىجە ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 216
تۆھپە : 4
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 18:36:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىردانلارنىڭ شاڭخەي سەپىرىگە يېڭىدىن يېڭى ھاسىلاتلار يار بولسۇن!ئۇلارنىڭ شاڭخەيدىكى كۈنلىرىگە مول نەتىجە ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن.


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 906
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1700
تۆھپە : 11
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 19:06:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پىروفېسور ئازاد رەھمۇتۇللا سۇلتاننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن نۇرغۇن ياخشى ئىش-پائالىيەتلەر روياپقا چىقىپ، شىنجاڭدىكى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ يەنە بىر يېڭى باھارى كەلگەندەك بولدى...
   ئەنۋەر، ھەممىڭلارنىڭ شىڭخەيدىكى كۈنلىرىڭلارنىڭ خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتىشىگە، ئىنە-سىڭىللىرىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
    شاڭخەي سەپىرىگە بىرلىكتە ئاتلانغان ھەممەيلەنگە مەندىن قىزغىن سالام يېتىپ بارغاي!
    خەير، كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭلار!

ئالىيجاناب ئادەملەر چاكىنىلار بىلەن بەس تالاشمايدۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  994
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 59
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 19:52:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                       مامكاپنىڭ پەلسەپىسى

                                                                  ***

                                             ئېچىلىمەن سۇپسېرىق،
                                              چېچەكلەيمەن ئاپپاق.
                                              كەڭ دالانى تاشلاپ
                                              تاج بول دېسەڭ
                                              ئۇنىمايمەن ياق-ياق!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  348
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 48
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 19:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، سالىمىڭلارنى چوكۇم يەتكۈزىمەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  348
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 48
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 20:03:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملادا خاتالىك كۆرۈلۈپتۇ. «چوكۇم» ئەمەس، «چوقۇم» ئىدى.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1087
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 41
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 21:51:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شاڭخەي خاتىرىلىرى

ئۆمەرجان سىدىق


ئۈرۈمچىدىكى ئۇزىتىش

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان، «شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ شاڭخەيدىكى ئۈگىنىش، زىيارەت پائالىيىتى»گە قاتنىشىدىغان، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردىن كەلگەن  ئەنۋەر ھوشۇر، ئالتۇنگۈل رەجەپ، مۇختار سوپى، دىلبەر ھامۇت، ئايسىمە ئىدرىس، ئابباس مۇنىياز، تۇرسۇن مەخمۇت، نۇرگۇل ئەبەي، ئۆمەرجان سىدىق، ياقۇپ كېرەم، زامانىدىن پاكزات، ئوسمان قاۋۇل قاتارلىق 12 شائىر، يازغۇچى 18-ماي كەچتە ئۈرۈمچىدىكى «كۆمۈر كان مېھمانسارىيى» غا جەم بولدۇق. بۇ پائالىيەتنى كونكرېت تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ باش مۇھەررىرى ئەيبو ياقۇپ كۇرسانتلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇردى. كەچ سائەت   4:30 دە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىملار يازغۇچىلارغا چاي بېرىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىش جەريانى ۋە بىزدىن كۈتۈدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز رەئىس ئازاد سۇلتاننىڭ بايانى ۋە ئەيبو ياقۇپنىڭ ئىزاھلىرىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۇرسنى تەشكىللەش ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ چىقارغانلىقىدىن، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە تەربىيەلەش جەھەتتىن ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە تەييارلىق قىلغانلىقىدىن، بولۇپمۇ ئازاد رەئىسىنىڭ ھەر بىر ئادەمنى تاللاشتا ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىپ، ئەسەرلىرىنى قايتا – قايتا كۆرۈپ بېكىتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. ئازاد رەئىس يىغىنچىقلاپ: بۇ قېتىمقى كۇرسنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق ۋە ئۇزۇن تەييارلىق قىلدۇق. بۇ ئىزگۈ نىيىتىمىز ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى، مەن بۇ ئىش ئۈچۈن سىلەردىنمۇ ئۆتە خۇشال بولۇۋاتىمەن. چۈنكى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ شاڭخەيدىن ئىبارەت بۇ تەرەققىي قىلغان، ئەدەبىيات پېشۋالىرى يىغىلغان چوڭ شەھەردە بۇنداق كەڭ كۆلەملىك ئۇزۇن مۇددەت تەربىيەلىنىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش. شۇڭا، بىز سىلەرنى تاللاشتا ناھايىتى ئەستايىدىل، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق، نامزاتلارنىڭ مۇۋاپىق، ئادىل تەقسىملىنىشىگە، ھەم سەرخىللارنىڭ بۇ پۇرسەتكە نائىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. سىلەر شاڭخەيگە ھازىرقى ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بارىسىلەر. شۇڭا ئۆزۈڭلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇشۇڭلار، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، كۆپرەك بىر نەرسە ئۆگىنىپ كېلىشىڭلار، شۇنداقلا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قالدۇرۇشۇڭلار كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا شاڭخەيدە ئېلىپ بېرىلىدىغان كېيىنكى تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىگە يول ئېچىلىدۇ، دېدى.
مۇئاۋىن رەئىس غەيرەت ئاسىم مۇنداق دېدى: مۇمكىن بولسا شاڭخەيدىكى خەنزۇ يازغۇچىلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، ماھارىتى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش، سەكرەشكە ئۇل سېلىڭلار.
ئىككى رەئىس قايتقاندىن كېيىن بىزنىڭ ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ، شاڭخەيگە يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شائىر ئابلىكىم ھەسەن، «شىنجاڭ ياشلىرى»ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەسقەر ياسىن، ئۈرۈمچىگە بىر ئىش بىلەن كەلگەن شائىر غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت، ئابلىپىز مەتقاسىم ئارىقۇمى قاتارلىقلارمۇ سورۇنغا كېلىپ بىزگە بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. كۇرسانتلار باشتىن ئاخىر قىزغىن ھاياجان بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۆزلىرىگە مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىشتى ۋە ئۆگىنىش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى.

شاڭخەيدىكى دەسلەپكى كۈنلەر

19 – ماي سەھەر سائەت 30: 6 دە جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، 4 يېرىم سائەت ئۇچقاندىن كېيىن شاڭخەي خوڭچاۋ ئايرودرومىغا قوندۇق. شۇنىڭدىن كېيىن سائىتىمىزنى بېيجىڭ ۋاقتىغا توغرىلىدۇق. ئايروپورتتا بىزنى كۈتۈپ تۇرغان شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى زاڭ جيەنمىن  (臧建民) باشچىلىقىدىكى بىرقانچەيلەن بىزنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، بىزنى شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان تۆت يۇلتۇزلۇق «شاڭخەي مەرۋايىتى» مېھمانسارىيىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ مېھمانساراينىڭ تاماقخانىسى شاڭخەي شەھەرلىك مىللەت – دىن ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مۇسۇلمانچە تاماقخانا بولۇپ، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكىلەر بۇ تەرەپكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بىزنى مۇشۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. كەچتە شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۇن يىڭ(孙颙) باشچىلىقىدىكى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، فۇدەن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق ئايال يازغۇچى ۋاڭ ئەنيى،  جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاتاقلىق يازغۇچى يې شىن (叶辛)قاتارلىقلار بىزنىڭ شەرىپىمىزگە چاي بەردى.
ۋاڭ ئەنيى(王安忆)-جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئاتاقلىق ئايال يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، فۇدەن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، 80 – يىللاردىن كېيىن جۇڭگو ئەدەبىيات مۇنبىرىدە كۆتۈرۈلگەن «زىيالىي ياشلار ئەدەبىياتى»،«يىلتىز ئىزدەش ئەدەبىياتى»نىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى.  ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «يامغۇر، شىر، شىر، شىر»، «سۇدەك ئۆتۈپ كېتىش»، «كىچىك بازارغا مۇھەببەت»، «ۋاڭ ئەنيى ھېكايە، پوۋېستلار توپلىمى»، «خۇاڭخې كونا يولىدىكى ئادەم»قاتارلىقلار بار، 5 – نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، 1998 – يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى مۇنەۋۋەر ئايال يازغۇچى مۇكاپاتىغا، 2001 – يىلى مالايشيا «يۇلتۇز قىتئەسى گېزىتى» تەرىپىدىن ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن خەنزۇ تىللىق يازغۇچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8 – يىللىق 2 – مەۋسۈم ئەدەبىيات دەرسلىكىدە  «ئائىلىمىزدىكى ئەزىمەت»ناملىق تېكىستى بار ئىكەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغانلىقىنى، شىنجاڭنى پەقەت «مۇزتاغقا كەلگەن مېھمان»ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىقلا بىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا تاجىكلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭ تېكىستىنىڭ ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات دەرسلىكىدە بار ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمىزدا ئۇ خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى تەپسىلىي سوراپ كەتتى.
يې شىن   جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭخەي شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىكەن. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئۈزۈلمەس مۇھەببەت»،«گۇناھ قەرزى» قاتارلىقلار بار ئىكەن، بىر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى «ئالتۇن شىر مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 1975 – يىلى بىر قېتىم شىنجاڭ ئاقسۇغا بارغانلىقىنى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن پەقەت غەيرەت ئاسىمنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز مۇشۇ مىنۇتلاردا بىر تەرەپتىن بۇ قەدەر ئاتاقلىق يازغۇچىلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزدىن، ئۇلارنىڭ شۇ قەدەر كەمتەر، كىچىكپېئىل، قائىدە – يوسۇنلۇق ئىكەنلىكىدىن ھاياجانلانساق، يەنە بىر تەرەپتىن  شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشىمىزنىڭ ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ خەنزۇ تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى ئەسەرلىرىمىزنى خەنزۇ تىلىغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇق. ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى، شىنجاڭلىق يازغۇچىلارنى تونۇش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قازىنىدا قايناپ، ئەسەرلىرىمىزنى خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇشنىڭ كەمچىللىكىدىن كۆردۇق.
20-ماي سەھەردە شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن شاڭخەي شەھەر ئىچىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن شاڭخەي ساھىلى، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى، «چېڭخۇاڭمياۋ» تۈرلۈك ماللار بازىرى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي، «شىنتيەندى» چەت ئەللىكلەر كوچىسى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، كەچقۇرۇن بىزنىڭ ئۆگىنىش ئورنىمىز بولغان-شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجادىيەت بازىسىغا قاراپ يولغا چىقتۇق.

ئىجادىيەت بازىسىدا


IMG_3757.jpg



بۇ بازا شاڭخەي شەھىرىنىڭ 50 كىلومېتىر غەربىدىكى چىڭپۇ رايونىنىڭ شىسەن بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، بۆك باراقسان يېشىللىققا پۈركەنگەن، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋالىق، كەينى تەرىپىدە خېڭجياڭ دەرياسى ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتتەك ماكان ئىكەن.
ئىجادىيەت بازىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەنلا جايدىكى بوشلۇققا غايەت زور ئارچا دەرىخى تىكىلگەن بولۇپ، ئۇ ناھايىتى چوڭ يەرگە سايە تاشلاپ تۇرىدىكەن. ھويلىغا  بىر قەۋەتلىك، ئۈستى كۆك كاھىش بىلەن يېپىلغان رەت – رەت ياتاقلار جايلاشقان بولۇپ، ھەر بىر رەت ياتاقنىڭ ئارىلىقىنى بىز ئىسمىنى بىلمەيدىغان جەنۇبىي جۇڭگودا ئۆسىدىغان ھەر خىل مېۋىلىك، مېۋىسىز دەرەخلەر، گۈل – گىياھلار ئوراپ تۇرىدىكەن. بۇ يەردىن كۈنبويى ھەر خىل قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى، بازىمىزنىڭ كەينىدىكى دەريادا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەرنىڭ گۈدۈكلىرى، چايكىلارنىڭ سايراشلىرى، كەچتە بولسا چېكەتكە، پاقىلارنىڭ چىرىلداشلىرى، كوكىراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى يېشىللىققا پۈركەنگەن كىچىك ئاسفالت يول كەنت، يېزا بازىرىغا، دېھقان مەھەللىلىرىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، يول بويىدا بۇغداي، قىچا، كۈدە ئېتىزلىرى، بېلىق باقىدىغان كىچىك كۆللەر ئۆز ئارا تۇتىشىپ كەتكەن ئىكەن. يول بويىدا بىز تەشتەكلەردە ئۆستۈرىدىغان سۆگەت گۈللىرى يوغان يوغان دەرەخ بولۇپ، ياپراقلىرى مايلاپ قويغاندەك پارقىراپ، ئاپئاق گۈللىرى ئېچىلىپ تۇرىدىكەن. يولنىڭ گىرۋىكىدىلا يەنە ئىگىز - ئىگىز دادۇر مايسىلىرى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، دادۇرلار بولۇق چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن. بىز تۇرۇۋاتقان بۇ رايون سۈيى ئەڭ مول، دېڭشەن كۆلىنىڭ پارچە – پارچە ئېقىنلىرى ئەتراپنى ئوراپ تۇرىدىغان سۇلۇق ماكان ئىكەن. قىسقىسى بۇ يەرنى تەبىئەت بىلەن ئەڭ يېقىن، كەڭرى دالىنىڭ ھوزۇرىنى ئەڭ ياخشى سۈرگىلى بولىدىغان، ماي بوياق رەسىمدەك تەبئىي گۈزەللىككە تويۇنغان ھەقىقىي ئىجادىيەت بازىسىى دېيىشكە بولىدىكەن.
بىز ئۈرۈمچىگە جەم بولغاندا شاڭخەيگە ئالدىنئالا كېلىپ، كونكرېت ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىدىغان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى دوڭ لىبو ۋە بىزنى شاڭخەيگە بىللە ئېلىپ بېرىپ، ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ئەيبولارنىڭ بىز بىلەن بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قاايتىپ كېتىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، سەپەرداشلاردىن خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى، ئەدەبىي ئوبزورچى ئەنۋەر ھوشۇرنى سىنىپ باشلىقى قىلىپ بېكىتكەن ئىدۇق. شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىزنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن خەنزۇ تىلى سەۋىيىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ، بىزگە يەنە بىر ياردەمچى سەپلەشنى قارار قىپتۇ ۋە بۇ ھەقتە تورغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئادىلە ئىسىملىك بىر قىزنى تېپىپتۇ.  ئادىلە شاڭخەي سودا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بىز بىلەن 20 كۈن بىللە بولۇپ، بىزنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىمىزدىكى ياردەمچى بولىدىكەن. زاڭ باش كاتىپ يەنە بىز يولغا چىقىش ئالدىدا ئەيبوغا تېلېفون ئۇرۇپ، «شىنجاڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى قارشى ئالىمىز»دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى، بۇ ئۇيغۇرچە سۆزنى پىلاكاتقا ئاسىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئىجادىيەت بازىسىدىمۇ مەخسۇس مۇسۇلمانچە ئاشخانا تەسىس قىلىپ، ھەممە ئىشنى بىزنىڭ ئۆرپ – ئادىتىمىز بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بىز يۇقىرىقىلاردىن شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بىزگە،مەدەنىيىتىمىزگە، ئۆرپ - ئادىتىمىزگە نەقەدەر كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، چوڭقۇر ھاياجانلاندۇق.

دەرس باشلاندى


IMG_3777.jpg



21 – ماي سەھەردە ئىجادىيەت بازىسىدا داغدۇغىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى زاڭ جيەنمىن  (臧建民)، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى دوڭ لىبو، شاڭخەي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، داڭلىق ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى گې خوڭبىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. زاڭ باش كاتىپ بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ مۇلازىمەت ئىشلىرى ئۈچۈن شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئيىتىدىكى ئون نەچچە ئادەمنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى، بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خادىملارنىڭ ھەر بىرىمىزگە بىردىن توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى زېممىسىگە ئالغانلىقىنى، دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن شاڭخەيدىكى ئەڭ داڭلىق يازغۇچى، نەزەرىيەچىلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، بىزنىڭ سالاھىيىتىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق يازغۇچىلىرى بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.  ئۇنىڭدىن كېيىن دوڭ لىبو، گې خوڭبىڭ كۇرسانتلار ۋەكىلى، سىنىپ باشلىقى ئەنۋەر ھوشۇرلار سۆز قىلدى. كۇرسنى «شاڭخەي ئەدەبىيات – سەنئەت گېزىتى»قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زىيارەت قىلدى.
چۈشتىن كېيىن كۇرس رەسمىي باشلاندى. تۇنجى دەرسنى ئاتاقلىق ئەدەبىيات – نەزەرىيىچىسى گې خوڭبىڭ پروفېسسور ئۆتتى. گې خوڭبىڭ (葛红兵)يېڭى دەۋردىكى ئاتاقلىق يازغۇچى، ئەدەبىي تەنقىدچى، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسورى، ئەنگلىيە ئوكسفورت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ زىيارەتچى ئالىمى، شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، جۇڭگو ئەدەبىيات تەتقىقات مۇنبىرىدە زور تەسىرگە ئىگە شەخس ئىكەن. ئۇ دەرسنى مۇنداق باشلىدى: مېنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلۇم چەت ئەلنىڭكىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان. بىز يۇمىلاق ئۈستەل شەكلىدە پاراڭلىشىمىز، سىلەر كۆپرەك سۆزلەيسىلەر، مەن ئاڭلايمەن. مېنىڭ ئاساسلىق سۆزلەيدىغىنىم ھازىر جوڭگۇغا كىرگىلى بىر ئىككى يىل بولغان، ئامېرىكىدا باشلىنىپ شۇ يەردە تەرەققى قىلغان، مەن چەتئەلدە قوبۇل قىلىپ، شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتىتىدا دەرسلىك تەسىس قىلغان «ئىجادىي پىكىر يېزىقچىلىقى»دىگەن دەرس بولۇپ، بۇ دەرس مەزمۇنى مۇنداق تۆت بۆلەككە بۆلۈنىدۇ: 1-يوشۇرۇش ۋە ئاشكارىلاش. 2-كۈزىتىش ۋە تەپەككۇر. 3-بىرلەشتۈرۈش ۋە يېشىپ بېرىش. 4-تەقلىد قىلىش ۋە ئىجادىيلىق. بۇ دەرسكە كىرىش ئۈچۈن بىز ئۆزگىچە ئۇسۇل قوللىنىمىز. يەنى دەرسنى 1- مەزمۇن « يوشۇرۇش ۋە ئاشكارىلاش»تىن باشلايمىز. ئۇنداقتا ئادەم ئۆزىنى يوشۇرۇش قىيىنمۇ ياكى ئاشكارىلاش قىيىنمۇ؟ ئىجادىيەتتە زادى ئاشكارىلاش ئۇسۇلىنى قوللىنامدۇ ياكى يوشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنامدۇ؟ بۇنى بىز ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق بىلىپ باقايلى. ئاۋۋال ھەر بىرىڭلار ئۆزۈڭلارنى ۋە ھاياتىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا تەسىر قىلغان بىر ئىشنى بەش مىنۇت ئەتراپىدا بايان قىلىپ بېرىڭلار. مەن بىلىمەن، سىلەر خەنزۇچە  بايان قىلىشتا قىينىلىسىلەر. لېكىن، بۇ يەردە ھەممىمىز ئۆز، سۆزلىگەندە خاتالاشساڭلارمۇ، توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمىسەڭلارمۇ مەيلى. ئىشىكنى يېپىۋەتتىم، بارلىق سالاھىيەتلىرىمىز سىرتتا قالدى. قىلچە تاتىنماي سۆزلەڭلار. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۆزۈڭلارغا ئىشىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، ئۆزۈڭلارنىڭ روھنى قېزىش مەشقى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.
گې مۇئەللىمنىڭ مەدەت، ئىلھام بېرىشى بىلەن ھەممەيلەن دۇدۇقلاپ، كېيىن خېلىلا راۋان ھالدا خەنزۇ تىلىدا تەرجىمھالىمىزنى بايان قىلدۇق. بۇ جەرياندا كۈلكە – چاقچاق بىلەن روھىمىز كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز ئاشتى. مۇئەللىم بىزنىڭ تەرجىمالىمىزنى بايان قىلغان ئەھۋالىمىزغا ئاساسەن ھەممىمىزنىڭ جوڭگۇچە تەپەككۇر بىلەن ئىجتىمائى سالاھىيىتىمىزدىن قۇتۇلالمىغان ئاساستا پىكىر قىلغانلىقىمىزنى، يەنى ھەممىمىزنىڭ ئالدى بىلەن قانداق ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقىمىزنى(دىھقان، ئوقۇتقۇچى، كادىر دىگەندەك) ئەسكەرتكەنلىكىمىزنى، بۇنداق قىلغاندا بىزنىڭ يەنىلا ئەركىن بولالمايدىغانلىقىمىزنى، بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ ئىجادىيەت يۆنىلىشىمىزگە توغرا باھا بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، كىيىنكى سائەتتە ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ باشقىچە يول تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

IMG_3801.jpg


ئاندىن كېيىنكى سائەتتە مۇئەللىم ھەر بىرىمىزنى سالاھىيىتىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىمىزنى بىر ھايۋان سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ، شۇ ھايۋان بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتىمىزنى بايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. ھەممەيلەن بىر ھايۋاننى تاللاپ، شۇ تەسىراتىمىزنى خەنزۇ تىلىدا بايان قىلدۇق، كۈلكە – چاقچاقلار ئەۋجىگە چىقىپ، روھىمىز يەنىمۇ كۆتۈرۈلدى. بايانلار تۈگىگەندىن كېيىن گې مۇئەللىم ھەر بىرىمىزنىڭ خاراكتېرى، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، كېيىنكى يۈزلىنىشىمىز، چىقىش يولىمىز قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىپ بەردى ۋە كۆرسەتمە بەردى. مۇئەللىمنىڭ تەھلىللىرى ھەر بىرىمىزنىڭ خاراكتېرىغا ئاساسەن ئوخشاش چىقىپ، ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى. مۇئەللىمنىڭ بۇ خىل ئوقۇتۇش مېتودى، كۇرسانتلارنى قوزغاشتىكى ماھىرلىقى، ھەر بىرىمىزنىڭ خاراكتېرىنى، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى بايقاشتىكى ماھىرلىقى، تەھلىلللىرىنىڭ ئەتراپلىقلىقى بىزنى قايىل قىلدى. گې مۇئەللىمنىڭ داڭقىنىڭ بىكار چىقمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. كۈلكە – چاقچاق، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئىككى سائەتلىك دەرسنىڭ ئۈچ سائەتكە سوزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قاپتۇق.
دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مېزىلىك كەچلىك تاماقنى يەپ ئولتۇرۇپ، دەرس ھەققىدە يەنە قىزغىن بەس – مۇنازىرە قىلىشتۇق. بولۇپمۇ زاڭ جيەنمىندىن ئىبارەت مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرنىڭ بىزگە سىنىپ مۇدىرى بولغانلىقىدىن بىزنىڭ كۇرسىمىزغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇق. ئاشخانىدىن چىقىپ، تاماق سىڭدۈرگەچ ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن ئىككىدىن ئۈچتىن بولۇشۇپ، ياندىكى بۆك – باراقسانلىق كوچىلارغا، خىلۋەت يېزا يوللىرىغا شۇڭغۇپ كەتتۇق. ئەمدى قىزغىن ئەدەبىي پاراڭلار، ئوتلۇق ئۇيغۇرچە زۇۋانلار شاڭخەينىڭ خىلۋەت سەھراسىدىكى ئېتىز يوللىرى ئارىسىدا جاراڭلاشقا باشلىدى.



21 – ماي كەچ، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى «چىڭ فۇ ئەدەبىيات لاگىرى»دا يېزىلدى.




Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  317
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 231
تۆھپە : 1
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 22:11:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن، ئەنۋەر ھوشۇر، ئابباس مۇنىياز تۈ*ركىيقان، ئۆمەرجان سېدىق، ئالتۈنگۈل رەجەپ، نۇرگۈل ئەبەي قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ شاڭخەيدىكى كۈنلىرىنىڭ خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتۈشىگە، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، مول نەتىجىلەر بىلەن قايتىشىغا تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش