ئىگىسى: eybuyaqup

شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1202
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 47
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 10:55:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجانكا قاچان قايتىپ كىلىسىزلەر؟....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1015
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 65
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 12:54:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەت ناھايتى ياخشى بولۇپتۇ، ئەسلىدە يازغۇچىلارغا بۇنداق پۇرسەتلەر تېخىمۇ كۆپ يارىتىپ بېرىلسە، مەنىۋىيتىمىزنى بېيىتىۋاتقانلارنىڭ نەزىرى تېخىمۇ يىراققا، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملارغا  سىڭگەن بولاتتى.  سەپىرىڭلار نەتىجىلىك بولغاي!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 36
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 20:36:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساجىدە سۇلايمان يوللىغان ۋاقتى  2012-5-21 15:29
قەلەمكەش ئەزىزلەرنىڭ شاڭخەيدىكى كۈنلىرىگە خوشاللىق ت ...

ئۆمەرجان سىدىق قاتارلىق ئەدىپلىرىمىزنىڭ  شاڭخەيدىكى كۇرسىنىڭ ئۇتۇقلۇق تاماملىنىۋاتقانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئېكىسكۇرسىيىلىرى كۆڭۈللۈك بولغاي!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 36
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 20:43:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزىقۇتلۇق يوللىغان ۋاقتى  2012-6-15 20:36
ئۆمەرجان سىدىق قاتارلىق ئەدىپلىرىمىزنىڭ  شاڭخەيدىكى  ...

       شاڭخەيدىكى قىممەتلىك ئۆگىنىش ۋە ساياھەت پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئەزىز قەلەمكەشلەرگە سالاملار بولسۇن! قەدىرلىك ئەدىپ ئۆمەرجان سىدىق ، سىزنىڭ ئەدەبىي دىكلاماتسىيە پۇرسىتىدىكى شەرەپلىرىڭىزگە مۇبارەك!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1087
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 41
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 20:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى(7)
ئۆمەرجان سىدىق
(داۋامى)

مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە

شاڭخەي مەملىكىتىمىزدىكى مەدەنىيەت چوڭ رايونى، مەملىكىتىمىزدىكى مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، مەدەنىيەت مۇھىتى ئەڭ قويۇق شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى شاڭخەينىڭ جۇڭگودىكى شەھەرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن چەت ئەل مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقانلىقىدا. 19 – ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپلا ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ياپونىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر شاڭخەيگە بېسىپ كىرىپ، زورلۇق بىلەن مۇستەملىكە ئورۇنلىرىنى قۇرغان، ئۇلار تەڭسىز شەرتنامىلەر بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنىمۇ بىللە ئېلىپ كىرگەن، بۇ تەبئىي ھالدا شاڭخەينىڭ مەدەنىيتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە، يېڭى پىكىر ئېقىملىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا، يېڭىچە مەنىۋى مۇھىتنىڭ، يېڭىچە كەيپىياتنىڭ  يارىلىشىغا تۈرتكە بولغان. شاڭخەي شەھىرىنىڭ خۇاڭپۇ رايونىدىكى مەشھۇر شاڭخەي ساھىلى بويىغا جايلاشقان تارىخىي كوچا - جۇڭشەن شەر*قىي يولىدا 1848 – يىلى قاتناش باشلانغان، 1943 – يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. 1.5 كېلومېتىرلىق بۇ قىسقا كوچىغا رىم ئۇسلۇبى، غەرب ئۇسلۇبى، جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى كلاسسىك گۈللىنىش شەكلىدىكى چوڭ – كىچىك 52 ئىمارەت، 23 تارىخىي قۇرۇلۇش جايلاشقانلىقى بىلەن نەچچە ئونلىغان دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش كۆرگەزمە توپىغا ئايلانغان،  ، ئەينى ۋاقىتتىكى كونا شاڭخەينىڭ پۇل – مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ شەكىللەنگەن. فرانسىيە پوچتا كېمە شىركىتى 1932 – يىلى سالغان بىنا، 1913 – يىلى ئەنگلىيەلىكلەر تەرىپىدىن سېلىنغان «ياشيا»نېفىت شىركىتى بىناسى، 1864 – يىلى سېلىنغان ئەنگلىيەلىكلەر باش ئۇيۇشمىسى بىناسى، 1861 – يىلى ئەنگلىيەلىكلەر تەرىپىدىن سېلىنغان «شاڭخەي كۇلۇبى»، 1910 – يىلى سېلىنغان ئەنگلىيە كېمە شىركىتى بىناسى، 1891 – يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن سېلىنغان شاڭخەي تاموژنا بىناسى، 1916 – يىلى سېلىنغان ئامېرىكا بانكا بىناسى، 1921 – يىلى سېلىنغان ياپونىيە «رىچىڭ» شىركىتى بىناسى قاتارلىق قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى  كۆركەم بىنالار ھازىرمۇ قارشى قىرغاق – پۇدۇڭ رايونىدىكى ئاسمانپەلەك بىنالاردىن روشەن پەرقلىق ۋە جەلپكار ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.  
1930 – يىلى شاڭخەيدە تارتىلغان بىر قانچە پارچە سۈرەتتە تۆۋەندىكى مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ: «شۆتېلوڭ»ماركىلىق ئېسىل پىكاپلار شاڭخەي ساھىلى بويىدا رەتلىك كېتىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رىكشىچىلارمۇ يول بويىدا خېرىدار ساقلاپ تۇرغان، يەنە تېخى بىر توپ قوي پادىسى كوچىدىن كېسىپ ئۆتۈۋاتقان…  يەنە شۇ يىللاردىكى سۈرەتتە بىنا ئۈستىگە ئورنىتىلغان، چىراقلىرى يېنىپ تۇرغان، ئىنتايىن سەنئەتلىك ئىشلەنگەن ئېلان تاختىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ . گېزىت – ژۇرنال بوتكىسىدا بوتكىچى بىر گېزىتنى كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ، پەشتاختىدىكى كىتاب، گېزىت – ژۇرناللارنىڭ سانى يۈز نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ..قاراڭ، بۇ مەنزىرىدىن ھەيرانۇ – ھەس قالىسىز، ئۇ يىللاردا جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدا نەدىمۇ ماشىنا، توك بولسۇن، نەشر قىلىنىدىغان نەدىمۇ بۇنداق كۆپ گېزىت – ژۇرنال بولسۇن! يەنە شۇ يىللاردا شاڭخەيدىكى مەشھۇر كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى «بەيلېمىن» پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن، ھەر خىل ئىرىق، ھەر خىل مىللەتتىكى كىشىلەر ۋە جۇڭگونىڭ زەردارلىرى، زىيالىيلىرى بۇ يەرگە پات – پات كېلىپ تۇرغان. يەنە شاڭخەي ساھىلى بويىدا ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھاجىرلىرى ئات چاپتۇرۇش، قېيىق ھەيدەش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرغان.  بۇنداق داڭق قازانغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى  ھازىرقى دەۋردىمۇ تېپىش تەس!
ئەينى يىللاردا مەدەنىيەت بىلەن بىرگە ئەدەبىياتمۇ ماس ھالدا تەرەققىي قىلغان، 1919 – يىلىدىكى «4 - ماي»ھەرىكىتى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ ھالقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان، 1927 – يىلىدىن باشلاپ جۇڭگودىكى مەشھۇر زىيالىيلار، ئەدىبلەر شاڭخەيگە يىغىلىشقا باشلىغان. چۈنكى يۇقىرىقىدەك ئامىللاردىن تەسىرىدىن شاڭخەيدە بىر قەدەر ئەركىن پىكىر قىلغىلى، ئەركىن پائالىيەت قىلغىلى بولاتتى. گېزىت – ژۇرنال، نەشرىيات ئور رۇنلىرىمۇ كۆپ، ماقالە، ئەسەر، كىتاب نەشر قىلىشمۇ بىر قەدەر ئاسان ئىدى. يازغۇچىلارنىڭ قەلەم ھەققىمۇ يۇقىرى ئىدى. بۇ تەبئىي ھالدا شاڭخەينى يېڭىچە ئەدەبىيات جەڭگىۋارلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. لۈشۈن، گو مورۇ، چۈ چيۇبەي، ماۋ دۇن، يې شېڭتاۋ، شيا يەن، فېڭ شۆفېڭ، شېن يىنمو، دىڭ لىڭ قاتارلىق مەشھۇر ئەدىب، يازغۇچىلار شاڭخەيگە، شاڭخەي «خوڭكۇ»(ھەسەن – ھۈسەن ئېغىزى)دىكى «دولۇن»(كۆپ خىل ئىدىيەلەر ئۇچراشقان)كوچىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەردە ياشاۋاتقان با جىن، جاڭ ئەيلىڭلارمۇ كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇلارغا قوشۇلغان، بۇ شاڭخەيدە ئەدەبىيات جەھەتتىكى گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
مانا مۇشۇنداق ئاساس، يىلتىز بولغاچقا شاڭخەي ھازىرغا قەدەر جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ يۆنۈلۈشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. تارىخىي ئامىلنىڭ رول ئوينىشى بىلەن شاڭخەيدىكى ئاۋامنىڭ كىتاب كۆرۈش  قىزغىنلىقى يۇقىرى، كىتابلارنىڭ بازىرى  ئىتتىك، يازغۇچى، شائىر، ئەدىبلەر، نەشرىيات، مەتبۇئاتلار كۆپ بولۇپ كەلدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا يازغۇچى، شائىرلارنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى، كىرىمىمۇ يۇقىرى بولدى. يازغۇچى، شائىرلار مەيلى دوختۇرخانا ياكى باشقا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بارسا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئەلا مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. نەشرىياتلارنىڭ مىڭ خەتكە بېرىدىغان نورمال قەلەم ھەققىمۇ  500 يۈەندىن ئاشىدۇ. (بىزدە ئەڭ يۇقىرى بولسا ئاران 80 يۈەن بېرەلەيدۇ)، يىللىق كىرىمى نەچچە ئون مىليوندىن ئاشىدىغان يازغۇچىلار خېلى كۆپ. شاڭخەيدىكى ۋاڭ ئەنيى، يې شىن قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات ئاپپاراتلىرى «ئەدەبىي تالانتنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولمايدۇ»دېگەن قاراشقا قارىتا «ئەدىبلەر چوقۇم تەربىيەلىنىش جەريانىدا يېتىشىپ چىقىشى كېرەك»دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېت، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە  ئەدەبىيات ۋە ئىجادىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، تۈ*ركۈم – تۈ*ركۈملەپ ھەۋەسكارلارنى تەربىيەلەپ چىقتى. بۇلاردىن تورنى ۋاسىتە قىلىپ، جۇڭگو ئەدەبىيات مۇنبىرىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلغان نۇرغۇن ياش يازغۇچىلار يېتىشىپ چىقتى.  
بىز شاڭخەي شەھەر ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن  ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەت پائالىيىتىمىز مەدەنىيەت، ئەدەبىيات چەمبىرىكىنى ئاساس قىلىپ ئېلىپ بېرىلدى.  10  – ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى دېڭىزنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاساسەن شاڭخەي – چاڭجياڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، «چوڭمىڭ»ئارىلىغا كەلدۇق. بىزنى ھەيران قالدرۇغىنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئاستىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان 8.9 كېلومېتىرلىق يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولى ۋە دەريانىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدىغان 16.5 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ھەيۋەتلىك چاڭجياڭ كۆۋرۈكى بولدى. چوڭمىڭ ئارىلى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەر*قىي دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى 3 – چوڭ ئارال، چاڭجياڭنىڭ چىقىش ئېغىزى دەپ ئاتىلىدىكەن.
IMG_4510.jpg

ئەدىبلەر چوڭمىڭ ئارىلىدا كېمىدە

11 – ئىيۇن دۈشەنبە چۈشتىن بۇرۇن بىز شاڭخەيدىكى تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى - «دولۇن»(كۆپ خىل ئىدىيەلەر ئۇچراشقان)كوچىسىنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ كوچا 1930 – يىللاردىن باشلاپ چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەرخىل مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشى، جۇڭگودىكى بىر تۈ*ركۈم مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ يىغىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن، 1998 – يىلى «خوڭكو»رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ يەرنى «مەدەنىيەت مەشھۇر كىشىلەر كوچىسى»قىلىپ قۇرۇپ چىققان ئىكەن.
IMG_4555.jpg

ئەدىبلەر «دولۇن»كوچىسىدىكى مەدەنىيەت تېمىنىڭ ئالدىدا، لۇشۇن بىلەن دىڭ لىڭنىڭ ئارىسىدا
IMG_4572.jpg

ئەدىبلەرمۇ لۇشۇن ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە.
11 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن شاڭخەيدىكى مەشھۇر بەلگە خاراكتېرلىق قۇرۇلۇش - «شەر*ق مەرۋايىتى»تېلېۋىزىيە تارقىتىش مۇنارىنىڭ 267 مېتىرلىق نۇقتىسىغا چىقىپ،  شاڭخەينى مۇئەللەقتىن تاماششا قىلدۇق.
IMG_4713.jpg

467.9 مېتىرلىق «شەر*قتىكى مەرۋايىت»تېلېۋىزىيە تارقىتىش مۇنارى.
IMG_4616.jpg

ئەدىبلەر مۇنار ئىىچىدىكى 90 مېتىر ئېگىزلىكتە

مۇناردىن چۈشۈپ، تۆۋەن قەۋەت زالدىكى «شاڭخەي شەھىرىنىڭ تارىخي تەرەققىيات كۆرگەزمە سارىيى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شاڭخەينىڭ ھەر قايسى باسقۇچلاردىكى تەرەققىياتىدىن خەۋەردار بولدۇق، جانلىق ئىشلەنگەن ھەيكەللەر، مودېللارنىڭ سېھرىي كۈچىگە چۆمۈلدۇق.
IMG_4633.jpg

ئەدىبلەر كونا شاڭخەي كوچىسىدىكى مودېل ئالدىدا.
IMG_4661.jpg

شاڭخەينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى چايخانىسى.

شۇكۈنى كەچتە ھەشەمەتلىك سەيلە پاراخوتىغا چىقىپ، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىدا ئۈزۈپ، شاڭخەي ساھىلى قىرغىقى ۋە پۇدۇڭ قىرغىقىدىكى سەلتەنەتلىك، ھەشەمەتلىك، جەلپكار، رەڭگا – رەڭ مەنزىرىلەردىن، كېچىنىڭ سېھىرلىك كۆرۈنۈشلىرىدىن ھوزۇرلاندۇق.
IMG_4674.jpg

ئەدىبلەر چىقىش ئالدىدا تۇرغان پاراخوت.
IMG_4708.jpg

ئەدىبلەر پاراخوت ئۈستىدە.
IMG_4749.jpg

شاڭخەي ساھىلىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى.

12 – ئىيۇن سەيشەنبە چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي مۇزېيىغا باردۇق، مۇزېي شاڭخەينىڭ مەركىزىدىكى شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇدۇلىغا، خەلق مەيدانىغا جايلاشقان ئىكەن. مۇزېيدا بىزنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئايرىم – ئايرىم ئورۇنلارغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتوۋا – چىلاپچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئات ئېگىرى بولدى. بۇلارنى ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن قېرىندىشىمىزنى كۆرگەندەك سۆيۈنۈش، ئىپتىخارلىق ئىچىدە زىيارەت قىلدۇق. لېكىن، بۇ يەرگە قويۇلغان ئۇيغۇر كىيىم – كېچەكلىرىگە قارىتا «تازا ۋەكىللىك كىيىملەر قويۇلماپتۇ»دەپ ئەپسۇسلىنىشتۇق.
IMG_4755.jpg

ئەدىبلەر شاڭخەي مۇزېيىنىڭ ئالدىدا.

چۈشتىن كېين ئاتاقلىق يازغۇچى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، تەرجىمىشۇناس، ۋەتەنپەرۋەر زاد با جىن(1904 - 2005)نىڭ تۇرالغۇسىغا باردۇق. بۇ تۇرالغۇ 1923 – يىلى سېلىنغان، با جىن 1955 – يىلى ئائىلىسى بىلەن بۇ يەرگە كۆچۈپ كىرگەن، 1997 – يىلىغىچە بۇ ئۆيدە تۇرغان، ئۇ قازا قىلغاندىن كېيىن پەرزەنتلىرى ئولتۇرۇپ، 2011 – يىلى «با جىن تۇرالغۇسى»قۇرۇش ئۈچۈن ئۆتۈنۈپ بەرگەن ئىكەن. بىز تۇرالغۇنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۇرالغۇنىڭ كىچىك يىغىن زالىدا با جىن تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، «با جىن تۇرالغۇسى»سىنىڭ باشلىقى، دوكتور، ئەدەبىي تەنقىدچى جوۋ لىمىن بىزگە   «ئەدەبىيات بايانىدىكى شاڭخەي»ناملىق لېكسىيەسىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ 1934 – يىلىدىكى لۇشۈننىڭ ، ماۋ دۇننىڭ ئەسەرلىرىدىكى شاڭخەي ھەققىدىكى بايانلار، مۇ شىيىڭنىڭ «دوزاخ ئۈستىدىكى جەننەت - شاڭخەي»، «قارا مۇدەنگۈل»، با جىننىڭ «يېڭى ھايات»، جاڭ ئەيلىڭنىڭ «بىدئەت شاڭخەي»، «ئاخىرىغىچە شاڭخەيلىك»، ۋاڭ ئەنيىنىڭ «شاڭخەي – چىرايلىق جاراھەت»، «نەپرەت ناخشىسى» قاتارلىق ئەسەرلەردىن مىسال كەلتۈرۈپ، شاڭخەينىڭ تارىخىنى، شاڭخەيلىكلەرنىڭ پىخسىكىسىنى، ھەر قايسى يازغۇچىلارنىڭ شاڭخەيگە بولغان ئوخشىمىغان باھاسىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
IMG_4787.jpg

ئەدىبلەر جوۋ لىمىن مۇئەللىم بىلەن بىرگە با جىن تۇرالغۇسى ئالدىدا.
IMG_4779.jpg

با جىن تۇرالغۇسىدا لېكسىيە ئاڭلاۋاتقان ئەدىبلەر.

13 – ئىيۇن، چارشەنبە چۈشتىن بۇرۇن دۇنيا كۆرگەزمىسى باغچىسىدىكى سەئۇدىي ئەرەبىستانى سارىيىغا ئېكىسكۇرسىيەگە كىردۇق. 2010 – يىلى 5 – ئايدىن 10 – ئايغىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە نەچچە مىليونلىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان بۇ ئورۇندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمە زاللىرى يۆتكەپ كېتىلگەن ياكى چۇۋۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، ئەڭ كۆپ ئېكىسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالغان بۇ ساراينى سەئۇدىي ئەرەبىستانى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە تەقدىم قىلغان ئىكەن. بۇ ساراينىڭ ئالاھىدىلىكى يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق سىزنى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، گويا سىزنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ قالغاندەك تەسىراتقا كەلتۈرۈدىكەن.
IMG_4823.jpg

ئەدىبلەر سەئۇدىي ئەرەبىستانى سارىيى ئالدىدا.

چۈشتىن كېيىن شاڭخەيدىكى مەشھۇر نەنجىڭ يولى پىيادىلەر كوچىسىنى ئايلاندۇق.
IMG_4826.jpg

ئەدىبلەر نەنجىڭ يولى پىيادىلەر كوچىسىدا.

بۇ كوچىدىن قايتىپ، ئەنۋەر ھوشۇر، ئوسمان قاۋۇل، مۇختار سوپى، ياقۇپ كېرەم، مەن بەشەيلەن كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن شاڭخەي  كىتاب شەھەرچىسىگە كىردۇق. بۇ كىتابخانىدا ماڭا دەسلەپتە تەسىر قىلغىنى تاختايغا يېزىپ قۇيۇلغان «جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ 5 – ئايدىكى بازىرى ئەڭ ئىتتىك ئون كىتابى»، «چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ بازىرى ئەڭ ئىتتىك ئون كىتابى»، «قىزىق نۇقتىلىق كىتاب»لارنىڭ تىزىملىكى بولدى. «جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ 5 – ئايدىكى بازىرى ئەڭ ئىتتىك ئون كىتابى» نىڭ بىرىنچىسى ياش يازغۇچى خەن خەننىڭ «نۇر ۋە پاكلىق»ناملىق كىتابى ئىكەن. بۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە يەنە ليۇ ليۇنىڭ «قەلب سەنئىتى»، خەن خەننىڭ «باھار»قاتارلىق كىتابلىرى بار ئىكەن. «چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ بازىرى ئەڭ ئىتتىك ئون كىتابى»نىڭ بىرىنچىسى ياپونىيە يازغۇچىسى خىگاشىنو كېيوگونىڭ «تەڭ دەرىجىلىك ھايات»ناملىق كىتابى ئىكەن، يەنە گارسيا ماركۇزنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق»، گېئورگى. ر. مارتىننىڭ «مۇز ۋە ئوت ناخشىسى»، ئەنگلىيە يازغۇچىسى ۋوسېننىڭ «ھەرقانداق ئادەمگە ئىشەنمەڭ»، يەنە خىگاشىنو كېيوگونىڭ «مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن»«ئاق كېچىدىكى سەيلە»ناملىق كىتابلىرى بار ئىكەن. «قىزىق نۇقتىلىق كىتابلار»نىڭ ئىچىدە يەنە ۋاڭ ئەنيىنىڭ، لياڭ شياۋشېڭنىڭ كىتابلىرى بار ئىكەن. مەن بۇ تىزىملىكتىن دۇنيا، شۇنداقلا جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ مۇشۇ پەسىلدىكى قىزىق نۇقتىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. دېمەك بۇ تىزىملىك ھەر ئايدا بىر يېڭىلىنىپ تۇرىدىكەن. 7 قەۋەتلىك كىتابخانىدا كىتابلارنىڭ تۈرى كۆپ، كىتابخانلار تېخىمۇ كۆپ بولۇشتەك ياخشى كەيپىيات بار ئىكەن.

2012 – يىلى 15 – ئىيۇن، جۈمە كەچ، «شاڭخەي مەرۋايىتى (مىللىي مېھمانساراي)مېھمانسارىيى»نىڭ 1519 – ياتىقىدا يېزىلدى.




Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 36
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 20:55:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزىقۇتلۇق يوللىغان ۋاقتى  2012-6-15 20:43
شاڭخەيدىكى قىممەتلىك ئۆگىنىش ۋە ساياھەت پۇرسىتىگ ...

دوستىمىز ئۆمەرجان سىدىق ، سىزگە ئەدەبىي دىكلاماتسىيە پۇرسىتىگە ئېرىشىش شەرىپى تىلەيمەن! ۇتۇق يار بوسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  818
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 101
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 12:56:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمان قاۋۇل، مۇختەر سوپى قاتارلىق دوستلار، شاڭخەي تەسىراتى ھەققىدىكى ھاسىلاتلىرىڭلاردىن بەھىرلىنىشكە ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن. مول ھوسۇللارغا، قايناق ئىلھاملارغا تويۇنۇپ، خۇشال- خۇرام قايتىپ كېلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  818
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 101
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 14:09:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختەر سوپى ئاغىنەمنىڭ ئابلا ئەھمىدىنىڭكىگە ئوخشايدىغان دوپپىسى بەكمۇ يارىشىپتىكەن، ئەپسۇس كېيىن ئىگىسى قايتۇرىۋالغان ئوخشايدۇ.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1318
تۆھپە : 39
توردا: 358
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 16:42:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجاننىڭ خاتىرە بايانلىرى ۋە سۆرەتلەرنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم. ھەممىڭلارغا يەنە بىر قېتىم سالام!

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 36
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 18:10:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائادەت ساتتار يوللىغان ۋاقتى  2012-6-16 16:42
ئۆمەرجاننىڭ خاتىرە بايانلىرى ۋە سۆرەتلەرنى كۆرۈپ ئۆزۈ ...

ئۆمەرجاننىڭ ئەدىبلەر خاتىرىسى ياخشى يېزىلىۋاتىدۇ. شاڭخەي ۋە ئەدىبلەرنىڭ شاڭخەيدىكى پائالىيەت جەريانى بىلەن ئوبدان تونۇشىۋاتىمىز. پائالىيىتىڭلار داۋاملىق مول مەنالارغا تويۇنغاي! ھەممىڭلارغا سالاملار بولغاي!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 36
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 18:18:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزىقۇتلۇق يوللىغان ۋاقتى  2012-6-16 18:10
ئۆمەرجاننىڭ ئەدىبلەر خاتىرىسى ياخشى يېزىلىۋاتىدۇ. شا ...

مەنكى مۇھەممەتجان مەخمۇت تورغا چىقىشنى بىلمىگەن بىلەن دوستۇمنىڭ تورىدا شاڭخەيدە پائالىيەتتە بولىۋاتقان ئەزىز  قەلەمكەش دوستلارغا سالاملار يوللاشنى بىلىمەن، خا خا خا ، ئۆمەرجان، ئەيبۇ ياقۇپ،....قاتارلىق دوستلارغا سالام! زور نەتىجىلەر ئېلىپ خۇشال قايتىپ كەلگەيسىلەر! سىلەرگە سېغىنىشلىق سالام!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 632
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 21:38:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلۇق ئىش بوپتۇ.ئازات سۇلتان مۇئەللىم ھارمىغاي!
ئەيبۇ ئاكا،مۇمكىن بولسا بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىنىمۇ ئېكىسكۇرسىيەگە تەشكىللىسە بولاتتى.
بالىلار ئەدەبىياتى يېتىم بالىغا ئوخشاپ قالمىسۇن!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-7 21:38  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1784
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 162
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 03:13:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل پائالىيەت بوپتۇ ، ئەزىزلىرىمىز نىڭ پۇرسىتىگە مول تەجرىبىلەر يار بولغاي !!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2004
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 02:12:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزلەرگە ئامان ئېسەنلىك، تېنىگە ساقلىق ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!  ھەم تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قەلبىدە تاۋلاۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن. سەپىرىڭلار ئەھمىيەتلىك بولغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش