شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى
ــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرىنىڭ شاڭخەيدىكى ئۈگۈنىش، زىيارەت پائالىيىتى باشلاندى
بۇلتۇرقى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى بىلەن شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەمكارلىق مۇنەسىۋېتى خىزمەت سۆھبەت يىغىنىدا بېكىتىلگەن«شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ياش، ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلىرىدىن 12 نەپەرنى شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق يازغۇچى قىلىپ، بىر ئاي شاڭخەيدە تەربىيەلىنىشكە تەكلىپ قىلىش» پىلانىنى يولغا قويۇش، ئىككى تەرەپنىڭ ئەدەبىي ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتىش مەقسەت قىلىنغان تۇنجى قارارلىق «شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ شاڭخەيدىكى ئۈگۈنىش، زىيارەت پائالىيىتى» 2012-يىلى5-ئاينىڭ 21-كۈنى شاڭخەيدىكى «شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەدەبىيات لاگىرى»دا رەسمى باشلاندى.
بۇ قېتىمقى ئۈگۈنىش، زىيارەت پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ پارتىگۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى زاڭ جەنمىڭ، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت – تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، «شاڭخەي يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياڭ بىڭخۇا، شاڭخەي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىرافىسسورى گې خوڭبىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى دوڭ لىبو، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت – ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ باش مۇھەررىرى ئەيبۇ ياقۇپ ۋە شىنجاڭدىن بۇ پائالىيەت ئۈچۈن شاڭخەيگە كەلگەن 12 نەپەر يازغۇچى، «ئەدەبىيات گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 20 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەتتە يازغۇچىلىرىمىز«شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەدەبىيات لاگىرى»دا 15 كۈن ئۈگىنىش، لېكسىيە،مەخسۇس تېمىلاردا مۇھاكىمىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.15 كۈن شاڭخەي ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى تەرەققى قىلغان رايۇنلاردا جەمىيەت تەكشۈرۈش، زىيارەت پائالىيەتلىرىدە بولىدۇ.
|