ximal
ئىگىسى: eybuyaqup

شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  700
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 556
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 19:14:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق  ئەھمىيەتلىك زىيارەت، ساياھەت،ئۈگىنىش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىشىگە تىلەكداشمەن.

كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى .

چ چ   ؛  314081717

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  994
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 84
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 16:40:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ئوسمان قاۋۇل
                                               ئەدەبىياتنىڭ مېھرى قەلب رىشتىمىزنى چىڭىتتى
     
      
       ئەدەبىياتنىڭ مېھرى شۇ قەدەر چوڭقۇر ۋە يالقۇنلۇقكى، ئۇنىڭ ئىشقىدا كۆيگەن يۈرەكلەر مەيلى نەدە بولمىسۇن ئورتاق سوقۇپ تۇرىدۇ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن كۆيۈپ، تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ چىڭىپ ماڭىدۇ. ئەدەبىيات ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەكلەرگە مەڭگۈ قورۇق چۈشمەيدۇ. چۈنكى ئۇنى ئەدەبىياتنىڭ سېھرلىك يالقۇنى داۋاملىق تاۋلاپ، ياش ۋە شاش تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
      ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئاكىنىڭ بىۋاستە قول سېلىپ شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى  بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان شىجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك  شاڭخەيدىكى بىر ئايلىق ئۆگىنىش، ئىجادىيەت پائالىيىتى بۇ سۆزۈمنى تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىز شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تاللانغان 12 نەپەر ئۇيغۇر يازغۇچى، ئازات سۇلتان، غەيرەت ئاسىم، ئەيبۇ ياقۇپلارنىڭ يۈكسەك تىلەكلەر بىلەن ئۇزىتىپ قويۇشى بىلەن 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئۆگىنىش، ئېكىسكورسىيە، ئىجادىيەتتە بولۇپ، تەرققى قىلىۋاتقان شاڭخەينى، شاڭخەينىڭ تۇرمۇشىنى، شاڭخەي كىشىلىرىنىڭ روھىي، ھالىتى، پىسخىكىسى، دۇنيا قارىشى، ھايات چۈشەنچىلىرىنى قىسمەن بولسىمۇ ھېس قىلدۇق، چۈشەندۇق... بۇ قېتىمقى بىر ئايلىق تۇرمۇش جەريانىدا شاڭخەي بىزگە ھەقىقەتەن كۆپ بىلىملەرنى بەردى. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتنىڭ مېھرى، قۇدرىتى ۋە سېھرىي كۈچىدىن بولىۋاتقان ئىش ئىدى.بىز شاڭخەيگە يېتىپ بارغان كۈنى شاڭخەيدە سىمىلداپ يامغۇر يېغىۋاتقان ئىكەن، ئەمما بىزنى ئالغىلى خۇڭچاۋ خەلقئارا ئايرۇدرومىغا ئالدىمىزغا  چىققان شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى زاڭ جيەنمىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ چېھرىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان بولۇپ، ئىللىق بىر كەيپىيات ئىچىدە قارشى ئېلىندۇق ۋە ئاۋات كوچىلاردىن بىرى بولغان جاۋجياباڭ يولىدىكى شاڭخەي مەرۋايىتى مېھمانسارىيىغا ئورۇنلىشىپ پائالىيىتىمىزنى باشلىدۇق. بىزنى يەنە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، فۇدەن ئۇنۋېرستېتىنىڭ پىروپىسسورى، جۇڭگودىكى ئەڭ مەشھۇر ئۈچ يازغۇچىنىڭ بىرى بولغان ۋاڭ ئەنيى خانىم، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئاتاغلىق يازغۇچى يې شىن،  شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، داڭلىق يازغۇچى، سۈن يى، «شاڭخەي ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ پېشقەدەم مۇھەررىرى، يازغۇچى شۈ دالوڭ قاتارلىق ئاتاغلىق زاتلار، «شاڭخەي ئەدەبىيات-سەنئىتى»گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى قىزغىن قارشى ئېلىپ مېھمانساراينىڭ مۇسۇلمانچە تاماقخانىسىدا كەچلىك تاماقتا بىللە بولۇپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. بىز سەككىز ئەر، تۆت ئايال يازغۇچى بۇنداق ئاز كەم ئۇچرايدىغان پۇرسەتتىن بەھرىمان بولۇپ، جۇڭگو ئەدەبىياتنىنىڭ سەركىلىرى بىلەن ئەدەبىيات، كىشىلىك تۇرمۇش، شاڭخەينىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان مەدەنىيىتى، شىنجاڭنىڭ  ئۇزاق ئەسىرلىك ئۇلۇغ  مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە گۈزەل ئەنئەنىۋى مەدەنىيتى ۋە ئەدەبىياتى، ئانا تىلىدا ئىجادىيەت قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكلىىرى ھەم ئۇنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقىلىرى، كۆپ مىللەتلىك جۇڭگو ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر پارلاق مەدەنىيەت ھادىسسى ئىكەنلىكى قاتارلىق مۇئەيينلەشتۈرۈش خاراكتېرلىك سۆزلەرنىڭ بولۇنغانلىقىدىن چەكسىز سۆيۈندۇق ھەم ئىپتىخار ھېس قىلىشتۇق. دېمىسىمۇ بۇ بىزدەك يېپىق ھالەتتە ئىجادىيەت قىلىدىغان يازغۇچىلار ئۇچۇن بىر يېڭىلىق ئىدى.
     ئەتىسى بىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغىلى بىللە بارغان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ئەيبۇ ياقۇپ ۋە  «شاڭخەي ئەدەبىياتى» تەھرىراتىدىكى چېن شاۋيىڭ مۇئەللىمىنىڭ ھەمراھلىقىدا دۇنياغا مەشھۇر شاڭخەي ساھىلى، خۇاڭپۇجياڭ بويلىرى، نەنجىڭ كوچىسى، ماداڭ يولىغا جايلاشقان ج ك پ مەركىزىي كومېتىتىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي، شىنتيەندى چەت ئەللىكلەر سودا كوچىسى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ شاڭخەينىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. ھەممەيلەن يازغۇچىلىق سالاھىيەت بىلەن تۇرىۋاتقان ھەم ھەر قانداق نەرسىنى يازغۇچى، شائىرنىڭ قەلب كۆزى بىلەن كۆزىتىپ ئادەتلەنگەن بولغاچقا تەبئىي ھالدا كۆرگەن- بىلگەنلىرىمىز ئەدەبىيات، بەدىئي ھايات ۋە جەمئىيەتنىڭ باشقىلار نەزەر سالمايدىغان ئىنچىكە تەرەپلىرى ھەققىدە بولاتتى. بىز بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتكە، ئادىمىيەت ئەخلاقىغا، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداشقا، مەدەنىيەتنى ھەتتا ئۆز تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، بىر تۈپ دەرەخ، ياكى بىر كونا بىنانىمۇ شۇ دەرىجىدە مەسئۇلىيەت بىلەن خۇددى گوھەرنى قوغدىغاندەك قوغداپ ئۆتىدىغان قىممەتلىك روھقا ئايلاندۇرغانلىقىدەك روھىدىن قاتتىق تەسىرلەندۇق. كېينىكى 20 كۈنگە يېقىن پائالىيىتىمىز شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شەھەر مەركىزىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىڭپۇ  رايونىغا جايلاشقان ئىجادىيەت بازىسىدا بولدى. جىمجىت مۇھىت،  دىيەنشەن كۆلىنىڭ كۆز يەتمەس سۈزۈك سۈيى، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى، سۇ يۈزىدىكى ئاقۇش تۇمان، يىڭناغۇچلارنىڭ لىپىلداپ ئۇچۇپ يۈرۈشلىرى، ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرغان غايەت زور يۈك كېمىلىرى، ئاخشاملىرى پىلىداپ يىڭنىدەك نۇر چىقىرىپ ئۇچۇشۇپ تۇرغان پارقىراق قوڭغۇزلار، ئېچىلىپ كەتكەن لەيلىقازاق، نىلۇپەر گۈللىرى، بېلىقچىلارنىڭ يەڭگىل پالاق ئۇرۇپ ئۇپۇققا قاراپ ھەيدەۋاتقان قېيىقلىرى، كېدىر، پىروتۇس، پىلومى، كامفورا ، يىڭنە يوپۇرماقلىق ئارچا قاتارلىق دەرەخلەردىن تارقىلىۋاتقان خۇش پۇراقلار، ئىككى-ئۈچ كۈنلەپ توختىماي يېغىپ تۇرىدىغان سىم-سىم يامغۇر، لىيەنشى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈشۈپ تۇرغان قارام ماشىنىلار....ھەممىسى بىر پارچىدىن شېئىر ئىدى. بىزگە شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئيىتى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن شاڭخەي ئۇنىۋېرىستېتى ئەدەبىي  ئىجادىيەت-تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، يېڭى دەۋردىكى ئاتاقلىق يازغۇچى، ئەدەبىي تەنقىدچى ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى، ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنېۋېرىستېتى، كورىيە، سىنگاپورلاردىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ زىيارەچى ئالىمى، پروپىسسور گې خۇڭبىڭ، پىروپىسسور شۇ داۋجۈن، چېن مىڭ قاراتلىق زاتلار «ئىجادىي پىكىر قىلىش يېزىقچىلىقى»، «تۇيغۇنى ئېچىش»، «كۆزىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش»، «تەقلىد قىلىش ۋە ئىجادىيلىق» دېگەندەك تېمىلار بويىچە دەرس ئۆتتى. (داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   o.kawul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-25 09:34  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 280
تۆھپە : 6
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 08:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمانكا، دەسلەپكى قەدەمدە يېزىلغان خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ شاڭخەيدىكى كۈنلەرنى ئەسلەپ قالدىم ، داۋامىنى ئوقۇشقا تەشنامىز، سالامەت بولۇڭ!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1087
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 64
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 23:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنە يۇرتتىن ئايرىلدىم! جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل شەھەر چاڭشادا، بۇ يەردىكى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى يۆلۇ (ئېدىرلىق) تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقىلى بىر ھەپتە بولدى. بۇ يەردىكى بۆك – باراقسان ئورمانلار بىلەن قورشالغان مۇھىت، ھەر خىل گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن ياپ يېشىل مەنزىرىلەر، نەمخۇش ھاۋا، تۇمانغا پۈركەنگەن شياڭجياڭ دەرياسى، ناھايىتى تەستە ئىلغا قىلغىلى بولىدىغان خۇنەن شىۋىسى – مېنىڭ قۇرغاق، ئەمما مۇھەببەتلىك،  مېھىرلىك يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىشىمنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەردىكى مەنزىرىلەر مېنىڭ ئېسىمگە يەنە بىر ئۇنتۇلغۇسىز، مۇشۇ يەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان ياپ - يېشىل ماكاننى – شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ چىڭپۇ ئىجادىيەت بازىسىنى ئېسىمگە سالماقتا. دەل شۇ ئىللىق ماكاندا لاۋۇلداپ تۇرغان 12 يۈرەك  ئۈنتۇلغۇسىز ئەھمىيەتلىك كۈنلەرنى، ھاياجانلىق دەقىقىلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. بۇ ئوت يۈرەك ساۋاقداشلىرىم ھازىر تەكلىماكان قىرغاقلىرىغا جايلاشقان ئەزىز تۇپرىقىمىزنىڭ ھەر قايسى بوستانلىقلىرىدا دۇنيا غېمىنى زېممىسىگە يۈدۈپ، يۈرەك ياشلىرىنى ئاققۇزۇپ، ئەدەبىيات ئىشقىدا لاۋۇلداپ يېنىۋاتقاندۇ، قەلىمىدىن قانلار سىرغىتىپ، ئەۋلادلارغا خەت يېزىۋاتقاندۇ؟ مەن ئۇلارنى سېغىنغاندەك ئۇلارمۇ مېنى سېغىنغاندۇ؟ بىر ساۋاقدىشىنىڭ، قەلەمدىشىنىڭ، قەلبدىشىنىڭ يەنە يىراق يۇرتلاردا مىسكىنانە يۈرۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندۇ؟ يىراق چاڭشادا ئۇلارنى سېغىنىپ يازغان ئاددىي قەلب خاتىرىسىنى كۆرۈدىغاندۇ؟ شۇنداق، بىر چاغلاردىكى شاڭخەيدە قالدۇرغان ئوتلۇق ئىزلىرىمىزنىڭ خاتىرىسى بولغان «شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى»نى ۋاراقلاۋېتىپ،  بىردىنلا قەدىردان ساۋاقداشلىرىم يادىمغا يەتتى، بۇ ئاددىي شېئىرىم سېغىنىشىمنىڭ بايانى بولغاي!   

بۇندا ياتار پىنھان بىر ئارال
ئۆمەرجان سىدىق

پايانسىز كۆل، ياپيېشىل ئورمان،
بۇندا ياتار پىنھان بىر ئارال.
نە ئارالكى، ئەدەبىيات ئۈچۈن-،
كۆيگەن جانلار بۇندا بولغان لال…

رەڭدار گۈللەر كۆركى ئارالنىڭ،
كېپىنەكلەر ئوينار ئۇچۇشۇپ.
تۈمەن خىل قۇش ئېيتىدۇ غەزەل،
شائىرلارغا سىرداش بولۇشۇپ.

مۇشۇ ئارال، ئىللىق ماكاندا،
لاۋۇلدىغان ئون ئىككى يۈرەك.
ئىلھام قۇشى كۆكلەردىن ھالقىپ،
قەلەملەردىن تۆكۈلگەن چېچەك.

قىزىپ كەتكەن مۇشائىرىلەر،
ھەزىللەردە مېھىر ۋە تىلەك.
ئۇيغۇرچە ئۈن، مىللىي ئەنئەنە،
بۇ ماكانغا بولغانتى بېزەك.

خىلۋەت كەنت، تۇمانلىق يولدا،
قالغان ئىدى ئوتلۇق تىنىقلار.
سىم – سىم يامغۇر، تىنچ دەريادا،
بەخت تىلەپ ئۆتكەن بېلىقلار…

ئاھ، ھەممىسى قالدى يىراقتا،
بىزنى ئەسلەپ تۇرغاندۇ شۇ جاي.
ئون ئىككىمىز ھەر يەردە، دەرتتە،
ئەۋلادقا خەت يازىمىز تىنماي…

گۈللەر كىمگە ئېچىلارمىز دەپ،
غۇنچە پېتى تۇرار مۇڭلىنىپ.
بېلىق جىمجىت، قۇشلار بىناۋا،
دەريا ئاقماس ئەمدى تولغىنىپ…

مەن يىراقتا، يەنە يات يۇرتتا،
كەچمىش، ئارزۇ قىينايدۇ قەۋەت.
ئون ئىككى دىل يەنە جەم بولۇپ،
شۇ ئارالغا مۇھەببەت قوشۇپ،
ياشاپ باقساق يەنە بىر نۆۋەت…
2012 – يىلى 14 – ئۆكتەبىر، كېچە سائەت 11، چاڭشا، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياتىقى.
(ئاپتور: تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش