مەن ئىككىنچى سىنىپقا كۆچكەن يىلى كۈزدە مەخسۇت دادام مېنى ئالدىغا چاقىرىپ ، قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزدى ، ئۇ يىغلىغان ئىدى .شۇ چاغقىچە چوڭ ئادەمنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم، ئۇ كۆزۈمگە ، ئۈستىبېشىمغا مېنى ئەمدىلا كۆرىۋاتقاندەك سىنچىلاپ قاراپ كەتتى ، بېشىمنى ئۇزاقتىن –ئۇزاق سىلىدى ۋە كىيىم –كېچەكلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ ، تۈگمىلىرىمنى ئېتىپ قويغاچ :
-ۋارىسجان ئوغلۇم ، مەن يىراق بىر جايغا خىزمەتكە بارىدىغان بولۇپ قالدىم .سىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا ، سىزنى بىللە ئېلىپ بارالمايدىغان بولدۇم .مەن كەلگىچە سىزگە ئاكىلىرىڭىز قاراپ تۇرسۇن ، بولامدۇ ؟ ئاكىلىرىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ياخشى ئوقۇڭ جۇمۇ –دېدى .نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىلداپ تۇراتتى .
-ماقۇل دادا ، يىغلىماڭچۇ !سىز يىغلىسىڭىز مېنىڭمۇ يىغلىغۇم كېلىۋاتىدۇ ، -دېدىم-دە دادامنىڭ كۆزىدىكى ياشنى بۇدرۇق قوللىرىم بىلەن سۈرتىۋېتىپ ، بوينىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم .
شۇ ئاخشىمى مەخسۇت دادام مېنىڭ يېنىمدا ئۇزاق ئولتۇردى .ئۇنىڭ غەمگە پاتقان كۆزلىرىدىن مەيۈسلۈك ۋە قىيالماسلىق چىقىپ تۇراتتى .مېنى مۈگدەك باستى .ئۇ مېنى ياتقۇزۇپ ، يوتقىنىمنى يېپىپ قويۇپ كارىۋىتىمنىڭ ئايىغىغا كېلىپ ئولتۇردى . بىر ئۇخلاپ ئويغانسام ، ئۇ يەنە شۇ ھالەتتە ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ . ئەتىسى ئىككى چامادان بىلەن يۈك –تاقىلىرىنى ئېلىپ مەخسۇت دادام كېتىپ قالدى .خېلى ئۇزۇن بىر چاغلارغىچە قايتىپ كەلمىدى .كۈندە دېگۈدەك دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ يولغا قاراپ باقاتتىم . ئۇ كەلمەيتتى . بىر كۈنى يېڭى كەلگەن ھەربىي باشلىق مېنى ئالدىغا چاقىرىپ ، بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ مەخسۇت دادامنىڭ يىراق بىر جايغا يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ بۇ ليەنگە ليەنجاڭ بولۇپ كەلگەنلىكىنى ، ئىسمىنىڭ ئەركىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى .چىرايى قارامتۇل ، پىشانىسى كەڭ ، بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلاپ چېچى چۈچۈشكە باشلىغان بۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرىگە يا ئىشىنىشنى ، يا «سىزنىڭ گېپىڭىز يالغان »دەپ ۋاقىرىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قاپتىمەن .ئۇ ئالدىرىماي ئېزىلىپراق سۆزلەيدىغان ئادەم ئىدى .
-كۆڭلىڭنى بۇزما ، مەنمۇ داداڭغا ئوخشاش ساڭا ياخشى قارايمەن ، مېنى دادا دېگۈڭ كەلمىسە ئەركىن ئاكا دېگىن بولامدۇ ؟ - دەپ بېشىمنى سىلاپ ، قولۇمغا ئالما تۇتقۇزۇپ قويدى .
شۇندىن ئېتىۋارەن دوستلىرىمدىن يامانلاپ قالغان خاپىچان بالىدەك يالغۇز يۈرۈشنى خالايدىغان بولۇپ قالدىم .ئاخشىمى بالدۇرلا يېتىۋېلىپ ، يوتقاننى بېشىمغا پۈركەپ خىيال سۈرەتتىم .مەخسۇت دادام نىمىشقا قايتىپ كەلمەيدىغاندۇ ؟نىمىشقا مېنى بىللە ئېلىپ كەتمەي ، بۇ يەرگە تاشلاپ قويىدۇ ؟دەيتتىم . ئويلىغانسېرى كۆڭلىم بۇزۇلاتتى .يوتقاننى چىشلەپ ئۈنۈمنى چىقارماي يىغلايتتىم . مەخسۇت دادامنىڭ ئۇشتۇمتۇت مېنى تاشلاپ كېتىشى بىر سىردەك تۇيۇلاتتى .كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر جەڭچى ئاكامنىڭ يېڭى كەلگەن جەڭچىلەرگە مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :
-بۇ بالىنىڭ ئاتا –ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپتىكەن . شۇڭا ليەنجاڭ ئۇنى بالام ، دەپ بېقىپ كېلىۋاتىدۇ .ئىسىت ، بىچارە ، كىچىك تۇرۇپ قارا يىتىم بولۇپ قاپتۇ ، -دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم .يەنە مەخسۇت دادامنىڭ كېتەر چېغىدا ئەركىن ئاكامنى چەتكە تارتىپ تۇرۇپ :«يېتىم بالىنى خۇش قىلساق ساۋاپ بولىدۇ »دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم .ئۇلارنىڭ نېمە دېگىنىدۇ ؟ مەخسۇت دادام بىر قېتىم ماڭا :«سىزنىڭمۇ چىرايلىق ئانىڭىز بار ، ئۇ يىراققا كەتكەن ، چوڭ بولغاندا ئانىڭىزنى ئىزدەپ تاپىسىز »دېگەن ئىدىغۇ !«يېتىم »، «يېتىم »دېگىنى نېمىسى ؟ ياق «يىراق يەردە مېنىڭ ئاپام ، دادام بار .مەن چوڭ بولغاندا ئۇلارنى ئىزدەپ بارىمەن »دەپ ئاۋازىمنىڭ بېرىچە ۋاقىرىغۇم كېلەتتى .ئەمما ئۇنداق قىلالمايتتىم .ھەممە بالىنىڭ ئاتا –ئانىسى يېنىدا ، ئۇلارنى باغچىلارغا ئېلىپ بېرىپ ئوينىتاتتى ، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ قوياتتى .مەن بولسام قاچانلا قارىسا ئۆزگەرتىپ تىكىلگەن ماش رەڭ كىيىمنى كىيىپ يۈرەتتىم ، ئاتا –ئاناممۇ يېنىمدا يوق ئىدى .بۇلارنى ئاز دېگەندەك، مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسام ، ئۇلار «ئۆتەپ بارە يېتىم ئوغلاق »دېگەندەك گەپلەر بىلەن جېنىمغا تېگەتتى .ئادەم دېگەن تۇغۇلۇپلا قالسا ئۇرۇلۇپ – سوقۇلۇپ يۈرۈپ چوڭ بولۇپ قالىدىكەن . ھەش –پەش دېگۈچە بۇرۇتۇم خەت تارتىپ ، ۋۇجۇدۇمدىن كۈچ –قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئون يەتتە ياشلىق يىگىت بولۇپ يېتىلدىم .تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈم .ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە ئۆزگەردى .بىر چاغلاردىكى چاچلىرى پاخپايغان ، قونچاق كۆتۈرۈپ ، تەپكۈچ ئويناپ يۈرىدىغان سەبىي قىز ساۋاقداشلىرىم مانا ئەمدى چوپ –چوڭلا قىزلارغا ئايلاندى .كىيىم –كېچەكلىرىنى قارىغۇسىز مەينەت قىلىپ ، ئاتا –ئانىسىنى قاخشىتىپ يۈرىدىغان شوخ، ئۇرۇشقاق ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ياشلىق ئىستەكلىرى ئۇرغۇپ پەرھادتەك كۈچ-قۇۋەتكە تولغان ، مەنزىلىگە يېتىش ئۈچۈن چاپچىپ ئالدىغا ئىنتىلىپ تۇرغان شاش ، توسۇن ئاتتەك جەسۇر ۋە ئارزۇ –ئارمانلىق يىگىتلەر بولۇپ يېتىلدى .شۇنداق ، ھەممە نەرسە ئۆزگەردى .ئون يەتتە يېشىمغىچە مەن چوڭ بولغان ليەنگە نۇرغۇن جەڭچى كەلدى ، نۇرغۇنلىرى ئەسكەرلىكتىن چېكىنىپ يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتتى .مەخسۇت دادام باشلىق تۆت ليەنجاڭ يۆتكىلىپ باشقا جايلارغا كېتىپ ، ھازىر يېڭى ليەنجاڭ يۆتكىلىپ كەلدى .شۇنچىلىك ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە پەقەت بىرلا نەرسە ، يەنى مەن چوڭ بولغان بۇ سۈيۈملۈك گازارما ئۆزگەرمىدى ، ليەندىكى كادىر –جەڭچىلەرنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگەرمىدى .ئۇلار مېنى باغرىغا بېسىپ ئوغلىدەك ياكى ئىنىسىدەك كۆرۈپ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىدى ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەتتى .مەن مەخسۇت دادامنى ئۆز دادام دەپ چوڭ بولدۇم .بىراق ئاپام تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى ، ھېچبىر خەۋىرىمۇ يوق ئىدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-4 21:29