شاڭخەي: ئەدىبلەر خاتىرىسى (3)
ئۆمەرجان سىدىق
(داۋامى)
كۆڭۈللۈك تۇرمۇش
بۇ يەردىكى ئاشپەزلىرىمىز ھەر كۈنى بەش – ئالتە خىل قورۇما بىلەن گۇرۇچ تامىقى ئېتىپ بېرەتتى. كۈندە گاڭپەن يەۋەرگەچكە، تەبئىيلا لەڭمەن سېغىنچىمىز كۈچىيىپ كەتتى. بازىمىزنىڭ مەسئۇلى شاۋ رىۋېن مۇئەللىم تەلىپىمىزنى ئورۇنداش ئۈچۈن شاڭخەيدىكى ئۆزلىرى ئالاقىلىشىۋاتقان مۇسۇلمانچە ئاشخانىدىن ئۇن ۋە باشقا لازىملىق خۇرۇچلارنى ئەكىلىپ بەردى. دىلبەر خانىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمبەلنىڭ ئالدىغا ئۆتتى، ئايسىمە خانىم بىلەن ئادىلە سىڭلىمىز ياردەملەشتى. ئۇلار لەغمەنگە پىلتە قىلىۋاتقاندا لەغمەننى كۆرۈپ باقمىغان ئاشخانىمىزنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن دىلبەر خانىم ئوتتۇرىسىدا مۇنداق دىيالوگلار بولۇپتۇ:
- بۇ تامىقىڭلارنى ئەتمەك بەك تەسكەن، بۇ تاماقنى دائىم يەمسىلەر؟
- شۇنداق بىز، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرى بۇ تاماققا ئامراق.
- ئادەتتە نەچچە خىل تاماقنى كۆپرەك يەيسىلەر؟
- ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ تۈرى بەك كۆپ، يۈز نەچچە خىلغا يېتىدۇ، ئائىلىلەردە دائىم ئېتىپ يەيدىغان تاماقلارمۇ ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ.
- ۋاي شۇنداق كۆپمۇ، بىز بۇ يەردە ئاساسەن گۈرۈچ تامىقىلا يەيمىز. سىلەر كۈندە قانچە ۋاق تاماق ئېتىسىلەر؟
- ئىككى ۋاق تاماق ئېتىمىز، بىر ۋاق يەل – يىمىش، قورۇمىلار بىلەن چاي ئىچىمىز.
- سىلەر ئۇيغۇر ئاياللىرى بەك جاپاكەشكەنسىلەر، تامىقىڭلارنىڭ تۈرى كۆپ، ئېتىش تەسكەن، كۈندە ئىككى ۋاق تاماق قىلىدىكەنسىلەر، ئەرلىرىڭلار سىلەرگە ياردەملىشىدىغاندۇ؟
- ياق، ئەرلىرىمىزنى بىزمۇ يادەملەشتۈرمەيمىز، بىزدە ئەر ئەردەك بولسۇن، ئايال ئايالدەك دېگەن گەپ بار. ئۇلار قازان بېشىغا ئۆتۈۋالسا نوپۇزى چۈشۈپ كېتىدۇ. بىز تاماق قىلىشنى قىلچە جاپا ھېس قىلمايمىز، بىز ئائىلىگە، پەرزەنتلىرىمىزگە بولغان مۇھەببەتتىن تاماقنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئېتىمىز، شۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپىمىز، قېرىنداشلىرىمىز تاماقنى ھوزۇرلىنىپ يېسە، شۇنىڭدىن بەخت ھېس قىلىمىز.
دىلبەر، ئايسىمە خانىملار ئۆزلىرى ئېتقاندەك سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئەتكەن لەغمەن ھەقىقەتەن ئوخشىغان ئىدى، گەرچە ئۇن، خۇرۇچ، بۇ يەردىكى تەبئىي مۇھىتتا چەكلىمىلىك بولسىمۇ، ئۇلار پۈتۈن زېھنى بىلەن تۈجۈپىلەپ ئەتكەن بولغاچقا ھەم لەڭمەن سېغىنىشى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولغاچقا، بۇ لەغمەن ھەممىمىزگە ياراپ كەتتى، مۇئەللىملەر، ئاشخانا خىزمەتچىلىرىنىمۇ لەغمەن يېيىشكە تەكلىپ قىلدۇق. لەغمەن خۇمارىمىز بېسىلدى. تاماق يەپ بولۇپ، ئوسمان قاۋۇل، ئابباس مۇنىياز، تۇرسۇن مەخمۇت، ئەنۋەر ھوشۇر، مەن بەشەيلەن بازىمىزنىڭ شەر*قىدىكى شىسېن كەنتىگە قاراپ ماڭدۇق. بۇ يەر لۇ شۈن ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلىنىدىغان تىپىك جەنۇبىي جۇڭگو يېزىلىرىغا خاس مەنزىرىگە ئىگە بولۇپ، كاھىشتا يېپىلغان بىر – ئىككى قەۋەتلىك رەت – رەت ئۆيلەر؛ ئۈچەيدەك تار، ئەمما ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان، يامغۇر سۈيىدە پارقىرىپ تۇرغان كوچىلار؛ ئۆيلەرنى ئوراپ تۇرغان بۆك – باراقسان بامبۇك ۋە بىزگە ناتونۇش دەل - دەرەخلەر؛ ھەر بىر كوچىنى دېگۈدەك كېسىپ ئۆتكەن دىيەنشەن كۆلىنىڭ تارماق ئېقىنلىرى؛ ھەر بىر ئائىلىنىڭ كەينى ھويلىسىدىكى ئېقىنغا، سۇ بويىغا توختىتىپ قويۇلغان كېمىلەر؛ ئارىلاپ – ئارىلاپ ئۇچراپ تۇرىدىغان لەمپىلىك كىچىك دۇكانلار؛ دۇكان ئالدىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان مويسىپىتلار؛ ھويلىسىز ئۆيلەردە كۆرۈنۈپ تۇرغان قويۇق خەنزۇ مەدەنىيىتىگە خاس بەلگىلەرنىڭ ھەممىسى بىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى. كەنت ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ۋاسكېتبول مەيدانى، كەينىدە چېنىقىش ئەسلىھەلىرى بار بولۇپ، كەنتنىڭ ئالدىغا چاپلانغان ئۇقتۇرۇشلارنى كۆرۈپ باقتۇق. بۇ يەرگە بىزدىكىدەك «پىلانلىق تۇغۇت» ياكى «ئامانلىق»ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلار ئەمەس بەلكى، كەنت ئاھىلىلىرىگە كەچتە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش چاپلىنىپتۇ. كۆل، ئېقىنلارغا تۇتىشىپ كەتكەن رەت - رەت ئېتىزلارغا زىغىر، كۈدە، بۇغدايلار تېرىلغان، پارنىكتا ئۈزۈملەر تىكىلگەن، ئېتىزلار بىلەن بېلىق كۆللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردە ھەر كىم خالىغىنىنى تېرىيدىغاندەك قىلاتتى. ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقان كىشىلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى مەھەللىدە بولسۇن، مەيلى ئېتىزدا بولسۇن ئىشلەۋاتقانلار ئاساسەن ياشانغان بوۋاي، مومايلار ئىدى. بىز ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن گەپ قىلغان بولساقمۇ، ئۇلارنىڭ قويۇق يەرلىك شىۋە تەلپپۇزىدىن ھېچنېمىنى بىلەلمىدۇق، بەلكىم ياشلىرىنىڭ ھەممىسى سىرتلارغا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك.
كەچتە «نەچچە كۈندىن بېرى باش كۆتۈرمەي ئۆگەندۇق، يېزىقچىلىق قىلدۇق، ئازراق ھاردۇق چىقىرايلى»دېيىشىپ، ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ ياتىقىغا يىغىلىپ، قىزغىن سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتتۇق. مەرھۇم روزى سايىتنىڭ ئاخىرقى ھاياتى، پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرى، مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى رومانى قاتارلىق تېمىلاردا قىزغىن پاراڭلاشتۇق.
بۇ يەر ئىجادىيەتكە ھەقىقەتەن ماس كېلىدىغان، جىمجىت، گۈزەل، رومانتىك بىر ماكان ئىدى. پەقەت ھەر خىل قۇشلارنىڭ خۇشال نەغمە – ناۋالىرى ئۈزۈلمەيتتى. ھەممە ياتاقتا تېلېۋىزور بولسىمۇ، ھېچكىم تېلېۋىزورنى ئاچمايتتى. پەقەت پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كومپيۇتېرغا، خاتىرىسىگە تىكىلگەن گەۋدىلەرلا بار ئىدى. ھەر بىر ياتاقتا ئىككى يۈرەك ئىلھام، ئىجادىيەت ئىشقىدا گۈلخان بولۇپ ياناتتى…
تاماق ۋاقىتلىرى ۋە ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشلاردا دىلبەر خانىمنىڭ قويۇق قەشقەر تەلەپپۇزىدىكى تېگى بار نۇتۇقلىرى، مېنىڭ ئۇنىڭغا جاۋابەن قەشقەرلىكنى دوراپ جاۋاب قايتۇرۇشلىرىم ۋە تۇرپان تەلەپپۇزىدىكى پاراڭلىرىم، ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ ئېغىر خوتەن شىۋىسدىكى ئەسكەرتىشلىرى، ياقۇپ كېرەمنىڭ ئارىلاپ دەپ قويىدىغان يۇمشاق قۇمۇل ئۇسلۇبىدىكى قىستۇرمىلىرى، زامانىدىننىڭ غۇلجا پۇرىقىدىكى قىسقا چاقچاقلىرى، ئابباسنىڭ ئاقسۇ ئاھاڭىدىكى ھېكمەتلىرى بىزنى شىنجاڭدىن ئبارەت بۇ بىپايان، باغرى ئوتلۇق زېمىننىڭ ھەممە جايلىرىدىن يىغىلىپ جەم بولغان ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇرغان ئىدى.
-«ئادەمنىڭ زەھىرىنى ئادەم ئالىدا…»، - دەيتتى دىلبەر خانىم ئۇرغۇلۇق قىلىپ، - ئادەم دېگەن بىر – بىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇسا، ئاندىن ئىچى بوشاپ، كۆڭلى خوش بولىدۇ، ماندا!
- «ئىككى موماي بىر يەرگە كەلسە ئۆزلىرىنى قىز سانايدا»دېگەندەك سىلە بىزنى كۈندە ماختاۋېرىپ، ئۆزىمىزنى ياش قىزدەك ئويلايدىغان بولاپ قالدۇق جۇما!
- ھە قايسىلىرى «ئادەمنى كۆرپىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ كاچاتلاپتۇ»دېگەندەك چىرايلىق سېسىق گەپ قىلىشمىسىلا جۇما، مەن گەقىسام چىداشمايلا باكا!
- نەچچە ۋاقىتتىن بېرى «تازنى غوجام، پاخشەكنى خېنىم»ئۆتۈپ كېتىۋېرىپتۇق، بۇندا ياخشى ئېدەملەرمۇ باكىنا جاھاندا!
-«بەل باغلىغانغا ئەر بولماس، چاچ تارىغاندا ئايال»دېگەن گەپ با، چىم بولايلى، مەۋەدە ئۆزىمىزگە خاس يۈرەيلى جۇما!
ھەممىمىز دىلبەر خانىمنى دوراۋېرىپ، ئۇنىڭ تېگى بار «ھېكمەت»لىرىنى ئاڭلاۋېرىپ، قۇلاقلىرىمىزمۇ كۆنۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. قىسقىسى بۇ يەردە كۈنلىرىمىز ئەھمىيەتلىك، كۆڭۈللۈك، زېرىكىشتىن خالىي، مېھنەت بىلەن تەرتىپلىك ئۆتۈۋاتاتتى.